سەيڧىددىن قۇتۇز

سەيڧىددىن قۇتۇز، تولۇق ئىسمى (الملك المظفر سيف الدين قطز محمود بن ممدود بن خوارزم شاه) ئەل مەلىكۇل مۇزاڧڧەر سەيڧىددىن قۇتۇز مۇھەممەد بىن مەمدۇھ بىن خارزەم شاھ (ئۆ. 1260- يىلى 23-ئوغۇز). تۈرك ئەسىللىق ئەسكەر ۋە دۆلەت ئەربابى. جالالەددىن خارزەمشاھنىڭ جىيەنى ئىدى. مىسىردا 1259-1260- يىللار قىسقىغىنە بىر مۇددەت ھۆكۈم سۈرگەن مەملۇك سۇلتانىدۇر.

سۇلتان سەيڧىددىن قۇتۇزنىڭ تىمسالى

ھاياتى تەھرىرلەش

توغۇلغان ۋاقتى ئېنىق بولمىغان سۇلتان سەيڧىددىن قۇتۇز نەسەب جەھەتتە خارزەمشاھلار خانىدانىغا مەنسۇبتۇر. ئاتىسى خارزەمشاھلاردىن جالالەددىن مەڭگۈبەردىنىڭ ئىمىلدىشى، ئانىسى بولسا سىڭلىسىدۇر. بىر ئۇرۇش ئەسناسىدا موڭغۇللارغا ئەسر تۈشكەن ۋە دەمەشىقتە كېيىنچە ئۇنىڭغا نىبەت ئېتىلگۇسى ئەمىر ئىززەتدىن ئايبېك تۈركمەنى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ قاھىرەگە ئىبەرىلگەن. ئاقىللىقى ۋە قابىلىيەتى بىرلە جاسارەتى بىلەن دىققەت تارتقان ۋە ئەسكەرى تەبىقە تۈزۈمىنىڭ پەلەمپەيلىرىنى سۈرئەتلىك بىر شەكىلدە بېسىپ چىققان قۇتۇز بېگى ئايبېكنىڭ خانىمى شەجەرەددۇرنىڭ ئورنىغا ئەل مەلىكۇل مۇئىز ئۇنۋانى بىلەن تەختكە چىقىرىلىشىدىن سوڭرە سەلتەنەت نائىبلىكى ماقامىغا كەلتۈرۈلدى. ئايبېكنىڭ ئۆلتۈرلىشى ۋە سەلتەنەتكە تېخى 15 ياشتىكى ئوغلى ئەل مەلىكۇل مەنسۇر نۇرەددىن ئەلىنىڭ چىقىشى بىلەن "مۇدەببىرۇل مەملەكە" سۈڧاتى بىلەن دۆلەت ئىدارەسىنى تامامەن قولغا كىرگۈزدى. بۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا سىغىنغان بەھرى مەملۈك رەھبەرلىرىنىڭ تەشچىقى بىلەن مىسىرنى ئېلىشقا تىرىشۋاتقان كەرەك ئەمىرى ئەل مەلىكۇل مۇغسىن سالىھىيەدە يېڭىلىشىنىڭ شارائىتىنى ھازىرلىدى (656\1258).

سۇلتان بولۇشى تەھرىرلەش

چىڭگىزخاننىڭ نەبىرەسى ھىلاكونىڭ باشقۇرىشىدىكى ئىلخانىيلار 1258دە باغدادنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى. باغدادنى قولغا كىرگۈزۈپ ئابباسىي خەلىڧىلىكىنى تارىخقا كۆمگەن موڭغۇللارخەلىڧە مۇتاسىم بىللاھنى تاغارغا سولاپ ئاتقا دەسسىتىپ ئۆلتۈردىلەر ۋە باغدادنى ئالغاندىن كېيىن مىسىرغا قاراپ يۆنەلدىلەر. نۆبەتتە سۇرىيە ۋە مىسىرنى ئەندىشىگە سالغانىدى. دەمەشىقتىكى ئەييۇبى سۇلتانى ئەل مەلىكۇن ناسىر سەلاھىددىن يۇسۇڧ، ھىلاكۇ خان بىلەن ئېلپ بارغان مەكتۇپلىشىشلاردىن ئۇنىڭ نىيىتنىڭ ئەييۇبىي دۆلىتىنى يۇتىۋېلىش ئىكەنلىكىنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇنىڭ ڧىرات دەرياسىنى كېچىپ سۇرىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئىششىتىكىنىدە قەدىم دۈشمىنى بولمىش مەملۈك خانلىقىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر قالىدۇ. ئىلخانىي ھۆكۈمدارى ھىلاكۇ، مىسىرغىمۇ ئەلچى يوللاپ ئوچۇقتىن ئوچۇق تەھدىد سالدى. سەيڧىددىن قۇتۇز، ئەل مەلىكۇن ناسىر سەلاھىددىن يۇسۇڧنىڭ تارىخچى ئىبنۇل ئادىم ۋاسىتىسى بىلەن ئۇلاشتۇرغان تەكلىڧى مۇزاكىرە ئۈچۈن ئەمىر ئۇمەرالارىنى توپلىدى ۋە ئەلچىمۇ ئىشراك قىلغان مەجلىستە، تېخى 17 يېشىدىكى نۇرىددىن ئەلىنىڭ بۇ زور شەرتلەردە سۇلتانلىق تەختىدە داۋاملىق ئولتۇرىشىنى مۇۋاپىق كۆرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئارقىسىدىن تەختكە ھەر كىم بويۇن ئېگىدىغان، جەسۇر ۋە موڭغۇللارغا قارشى ۋەتىنىنى جان تىكىپ قوغدىيالايدۇرغان مۇقتەدىر بىر شەخسنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىستىدى. مەجلىسكە ئىشتىراق قىلغانلار بۇ خىسلەتلەرنىڭ پەقەتلا قۇتۇزنىڭ ئۆزىدە بارلىقىنى ئىزھار قىلىشىپ سۇلتان نۇرىددىن ئەلىنىڭ ئورنىغا ئەل مەلىكۇل مۇزاڧڧەر سەيڧىددىن لەقەبى ۋە ئۇنۋانى بىلەن ئۇنى سۇلتان جاكارلىدى. (17- زۇلقەئدە 657 ھ.\5- نويابىر 1259 م.)

ئەين جالۇت ئۇرۇشى تەھرىرلەش

تۈرك ئىسلام تارىخىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئەھۋالىدا تەختكە چىققان سەيڧىددىن قوتۇز دەرھال موڭغۇللار بىلەن ئۇرۇش ھازىرلىقىغا باشلىدى ۋە ھىلاكۇ خاننىڭ تەھدىدىگە پىسەند قىلماي ئۇنىڭ قاھىرەگە كەلگەن ئەلچىلىرىنى ئۆلتۈرتتى. ئارقىدىنلا قۇماندانلىرىدىن بايبارس ئەل بۇنداقدارنى (بايبارس I) ئىلغار قىسىملارنىڭ بېشىدا غەززەگە يوللىدى. قىسقا بىر مۇددەت سوڭرە بولسا ئاساسىي قوشۇننىڭ بېشىدا ئۆزى يولغا چىقتى. قوتۇز ھ. 658- يىلى رامازاننىڭ 25- كۈنى (م. 1260، 3- سىنتەبىر) كۈنى، پەلەستىندە نابلۇس بىلەن بەيسان ئارىسىغا جايلاشقان ئەين جالۇت مەۋقىئىندە كەتبۇقا نويان قۇماندانلىقىدىكى موڭغۇل قۇۋۋەتلىرىنى بۈيۈك بىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. نەتىجىدە تارىخنىڭ ئېقىشىنى ئۆزگەرتكەن ھەل قىلغۇچ جەڭلەردىن بىرى بولمىش بۇ جەڭدە زەپەر قۇچقان، ئىسلام دۇنياسىنى، ھەتتا موڭغۇللارنىڭ مىسىرنى ئالغاندىن كېيىن شىمالىي ئاڧرىقىنى ۋە ئىسپانىيە ئارقىلىق پۈتۈن ياۋروپانى قولغا كىرگۈزىشى كۆزدە تۇتۇلغاندا غەرب دۇنياسىنىمۇ قۇرقۇنچ بىر تەھدىدتىن قۇتقۇزۇپ قالغان بولدى.

ئەين جالۇت ئۇرۇشى بىلەن مىسىر مەملۇك دۆلىتىنى مۇستەھكەملىدى ۋە ئىڧرات دەرياسى بىلەن مىسىر ئارىسىدىكى پۈتۈن توپراقلارنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغان قوتۇز ئەينى ۋاقىتتا موڭغۇل - ئەھلىسەلپ ھەمكارلىقىغا ھەم بۈيۈك بىر زەربە ئۇرغان بولدى. سۇلتان سەيڧىددىن قۇتۇز قۇچقان بۇ زەپەرىنىڭ ئارقىسىدىن كۆركەم بىر مۇراسىم بىلەن موڭغۇللار تاشلاپ قاچقان دەمەشىققە كىردى ۋە بىر مۇددەت ئۇ يەردە قالدى. بۇ ئەسنادا يېڭى قولغا كىرگۈزگەن يەرلىرىگە ھاكىملار تەئيىنلىدى. سوڭرە قاھىرەگە قايتىش ئۈچۈن دەمەشىقتىن ئايرىلدى. لېكىن ئۇنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن بېزەلگەن پايتەختىگە قاۋۇشامىدى.

ئۆلۈمى تەھرىرلەش

ئەيىن جالۇت ئۇرۇشىدا بۈيۈك رول ئوينىغان بايبارس ئەل بۇنداقدارى بۇ تۆھپىسى يۈزىسىدىن قوتۇزدىن ھەلەب شەھرىنىڭ نائىبلىگىنى ئىستەيدۇ، لېكىن بۇ ئىستىكى رەد قىلىنىدۇ. شۇنداقلا يىللار ئەۋۋەل بەھرى مەملۈكلەرىنىڭ رەئىسى ۋە ياقىن دوستى ئاقتاينىڭ ئۆلتۈرىلىشى ئىشىغا قول تىققانلىقى ئۈچۈن قۇتۇزغا قارىشى كىن كۈتەتتى. بۇ سەبەبلەر، ئىچىدىكى ھاكىمىيەت ئىستىگى ۋە ئەتراپىدا ئەيىن جالۇت ئۇرۇشىنىڭ ھەقىيقى غالىبى دەپ قەبۇل قىلىنىشى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى تەختنى قولغا كىرگۈزىشكە ھەرىكەت قىلدۇردى. نەتىجدە قايتىش يولى ئۈستىدە سالىھىييەدە دوستلىرى بىلەن بىللە بىر ئوۋ مۇرسىمى ئەسناسىدا قۇتۇز ئۆلتۈرۈلدى. (16- زۇلقەئدە 658 ھ.\23- ئۆكتەبر 1260)

سۇلتان سەيڧىددىن قۇتۇزنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ھازىرلانغان قاھىرەلىكلەرمۇ ئۇنىڭ ئورنىغا سۇلتان سۈپىتىدە ئەل مەلىكۇززاھىر بايبارسنى كۈتىۋېلىشتى. دەستلەبدە ئۆلتۈرۈلگەن يېرىگە كۆمۈلگەن قۇتۇزنىڭ جەسىدى بىر مۇددەتتىن كېيىن قاھىرەگە ئېلىپ كېلىندى. ئارقىسىدىن مازىرىغا زىيارەتكە كەلگەنلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن بايبارسنىڭ ئەمرى بىلەن نامەلۇم بىر يەرگە كۆچۈرۈلدى.

تاشقى ئۇلىنىشلار تەھرىرلەش

ئەيىن جالۇت ئۇرۇشى

بايبارس I

مەنبئەلەر تەھرىرلەش