شاتگۈل ئۇيغۇر
شاتگۈل ئۇيغۇر (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Shatgül Uyghur) بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى دە تۇغۇلغان.
شاتگۈل ئۇيغۇر | |
شەخسىي ئۇچۇرلىرى | |
تۇغۇلغان | 1960-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى (ئۈرۈمچى)) |
ۋاپات بولغان | 1983-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى |
مىللىتى | ئۇيغۇر |
كەسپى | ئاكتىيور |
ھاياتى
تەھرىرلەشياش كىنو چولپىنى مەرھۇم شاتگۈل ئۇيغۇر1960-يىلى 3-ئاينىڭ3-كۆنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.ئۇ15يېشىدا بۆرتالا سەنئەت ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان،1975-يىلى شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يۆتكەلگەن.شاتگۈل ئۇيغۇر 1980-يىلى چاڭچۈن كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن<<قالدۇق قار>> ناملىق ھېكايە فىلىمدە رول ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇنجى ئېكران ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 1982-يىلى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم <<رەنانىڭ تويى>> دا سەلبىي پېرسوناژ سوفىيە رولىنى،1983-يىلى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم << ئارتىس بولمايدىغان قىز>> دا شوپۇر قىز ھۆرىيەت رولىنى،1984-يىلى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم <<سىرلىق كارۋان>> دا قوشكېزەك ھەدە-سىڭىل ئاينۇر بىلەن ماينۇرنىڭ رولىنى ئېلىپ ،كىنو ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغاش بىلەن بىرگە تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
شاتگۈل1986-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو كىنو ئاكتىيورلىرى ئۆمىكى تەركىبىدە ياپونىيگە بارغان ئىدى.تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە يىتىلگەن بەدىئىي ماھارەت بىلەن سەنئەت ساھەسىدە چاقنىغان بۇ چولپان
ۋاپاتى
تەھرىرلەششاتگۈل ئۇيغۇر 1988-يىلى 3- ئاينىڭ 8-كۆنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق تېرورلۇق پارتلىتىش ھادىسىدە بەختكە قارشى قازا قىلدى.