قورمگۈرۈچ (باشقىچە نامى: قورىماگۈرۈچ، قورىما گۈرۈچ، قورماگۈرۈچ،) ئادەتتە پىشۇرۇلغان بەتتە گۈرۈچ ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ياغ بىلەن قورۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان تاماقلارنىڭ ئومۇمى نامىدۇر. بەتتە گۈرۈچ (پىشۇرۇلغان گۈرۈچ) تەييار بولغاندىن كېيىن ھەرخىل كۆكتاتلار ۋە گۆشلەر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ياكى ئايرىم ھالدا ياغدا قورۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان تاماقلارنىڭ ھەممسىنى قورمگۈرۈچ دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. قورمگۈرۈچنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان يەنە بىر تاماق تۈرى دەل قورماچۆپتۇر. ئۇيغۇر خەلقى كۆپرەك يەيدىغان قورمگۈرۈچلەردىن تۇخۇم قورمگۈرۈچى، پەمىدۇر ئارلاش تۇخۇم قورمىگۈرۈچى قاتارلىقلاردۇر.