قىبلە، باشتا ئىسلام ۋە بەئزى دىنلاردا ئىبادەت ئەسناسىدا يۆنىلىدىغان تەرەپنى كۆرسىتىدۇ. بەئزى دىنى گرۇپلاردىن باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت (ناماز) ئەسناسىدا يۆنەلگەن يەر مەككىدە يەر ئالغان مەسجىدى ھەرەمدىكى كەئبەدۇر.

دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن مەككە — قىبلەغە بولغان يۆنىلىش

ئېتىمولوگىيىسى ۋە مەنىسى تەھرىرلەش

"تەرەپ، يۆنىلىش" دېگەن مەنىلەرگە كېلىدىغان "قىبلە" كەلىمىسى؛ قۇرئاندىكى قىبلەل مەسجىد ئەل ھەرەم" ئىپادىسى بولسا "مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە" دېگەن مەنىگە كەلمەكتە.

ئىسلامدىكى قىبلە تارىخى تەھرىرلەش

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ، دەستلەپتە مەسجىدى ھەرەمگە قاراپ ئىبادەت قىلغانلىقى، كېيىنچە قۇددۇس شەھرىدىكى مەسجىدى ئەقساغا يۆنەلگەنلىكى، بىر مۇددەت سوڭرە قىبلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋەھىي بىلەن مەسجىدى ھەرەمگە يۆنىلىپ ئىبادەت قىلىشقا باشلىغان دەپ قارىلىدۇ.

قاراڭ تەھرىرلەش

مەنبە تەھرىرلەش