مىلادى تەقۋىم

ئىتالىيەلىك پەيلاسوپ ئالويسىيۇس لىلىيۇس ئىجاد قىلغان كالېندار

قېلىپ:Sidebar

كرىستوفېر كلاۋىئۇس (1538 - 1612)، تەقۋىم ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسلىق ھازىرلىغۇچىلىرىدىن بىرى

مىلادى تەقۋىم ياكى گرېگورىئان تەقۋىمى (لاتىنچە: Calendarium Gregorianum)، ئىتالىيان ئەمچى/تېۋەب، پەيلاسۇب، ئالويسىيۇس لىلىيۇس (Aloysius Lilius) تەرىپىدىن جۇلىئان تەقۋىمىنى ئىسلاھ قىلىپ ھازىرلانغان بىر تەقۋىمدۇر ۋە پاپا XIII گرېگورىي تەرىپىدىن 1582 - يىلى ئېلان قىلىنغان. مىلاد كۈنى تارىخىنىڭ باشلانغۇچى ۋە دۇنيانىڭ قۇياش ئەتراپىدىكى ئايلىنىش دەۋرى 365 كۈن 6 سائەتلىك زاماننى «بىر يىل» دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. كۈنىمىزدە دۇنيادا ئەڭ كەڭ قوللىنىلغان تەقۋىم بولمىش مىلادى تەقۋىم ھەر يىل 10.8 سېكۇنت خاتالىق ئورانى بىلەن ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئەڭ نازۇك تەقۋىمدۇر.

تارىخچە تەھرىرلەش

 
گرېگوري XIII

1582 - يىلى 4 - ئۆكتەبىردە قوبۇل قىلىنغان. ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ ئەۋۋەل ياۋروپاغا ئاندىن باشقا ئەللەرگە تارقالغان. گرېگورىيان تەقۋىمى تۈزۈلۈش جەريانىدا جۇلىيان تەقۋىمىگە 10 كۈن قوشۇلغان، 1582 - يىلى 5 - ئۆكتەبىر كۈنى 15 - ئۆكتەبىرگە ئۆزگەرتىلگەن. 1752 - يىلى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەر بولسا 11 كۈن قوشقان.

شەرقىي تۈركىستاندا مىلادى تەقۋىمنىڭ قوبۇل قىلىنىشى تەھرىرلەش

شەرقىي تۈركىستان خەلقى مىڭ يىلدىن زىيادە ۋاقىت ھىجرىيە تەقۋىمى قوللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، 1884 - يىلىدىن بېرى رەسمىي بىر خىتاي مۇستەملىكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 1912 - يىلىدىن ئېتىبارەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا رەسمىي ھالدا مىلادى ۋە مىنگو يىلنامىسى قوللىنىلغان. قاچانكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن رەسمىي مۇستەملىكە قىلىنغاندىن بېرى رەسمىي ھالدا پەقەتلا مىلادى تەقۋىم قوللىنىلىشقا باشلىغان.

ئىشەنچىلىكلىكى تەھرىرلەش

گرېگورىيان تەقۋىمى، تارىختىن بۇيان قوللىنىلغان تەقۋىم/كالىندارلار ئىچىدە ئەڭ ئاز خاتالىق كۆرۈلگەن تەقۋىمدۇر. كۈنىمىزدە بىر ئېكىنوكس يىلى 365,242375365 كۈندۇر (365 كۈن 5 سائەت 49 مىنۇت 12 دەقىقە). گرېگورىيان تەقۋىمىدە ئوتتۇرىچە بىر يىل 365.2425 كۈن بولۇپ ھەقىقىي ئېكىنوكس يىلىغ ئۇزۇنلىقىغا تولىمۇ يېقىندۇر.

ھەر يىلى "ئوتتۇرىچە" 0,000125 كۈنلۈك بۇ كىچىك خاتا، يىللىق ئوتتۇرىچە دەقىقەگە تەڭدۇر. تەقۋىم ھېساپلاشتا بىر كۈنلۈك خاتالىق پەرقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن 8000 يىل ئۆتۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 8000 يىل جەريانىدا بىر ئېكىنوكس يىلىنىڭ ئۇزۇنلىقىمۇ مۇقىم بولماي قانچىلىق ئۇزۇن بولۇشى ئېنىق بىلىنمەيدۇ. بۇ ۋەجدىن گرېگورىيان تەقۋىمى ئەڭ يوقىرى دەرىجىدە نازۇك بىر تەقۋىمدۇر ۋە ئۇزۇن مۇددەت يېڭىدىن تەقۋىم تۈزۈشكە ئېھتىياج يوقتۇر.

يىل بېشى تەھرىرلەش

قېلىپ:ئاساسىي ماددا ئىلگىرى 25 - مارت بولغان يېڭى يىل كۈنى 1 - يانىۋار دەپ قوبۇل قىلىنغان. فېۋرال ئېيىنىڭ 28 كۈن بولۇشى ساقلاپ قېلىنغان.

 
مىلادى تەقۋىمى قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 400 يىللىقىنى خاتىرلەپ بېسىلغان پوچتا ماركىسى
 
ئايلاردىكى كۈنلەرنىڭ سانى ئەستە تۇتۇشقا قولاي ئۈچۈن قوللىنىلغان قوش مۇشتۇم ئۇسۇلى: دۆڭ ئايلار 31 كۈنلۈك ئايلاردۇر.
رەت ئاي تۈركچە ئىنگىلىزچە كۈن سانى
1 يانىۋار Ocak January 31
2 فېۋرال Şubat February 28 ياكى 29
3 مارت Mart March 31
4 ئاپرېل Nisan April 30
5 ماي Mayıs May 31
6 ئىيۇن Haziran June 30
7 ئىيۇل Temmuz July 31
8 ئاۋغۇست Ağustos August 31
9 سىنتەبىر Eylül September 30
10 ئۆكتەبىر Ekim October 31
11 نويابىر Kasım November 30
12 دېكابىر Aralık December 31

ئاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى تەھرىرلەش

  • يانىۋار - Januarius قەدىمىي رىم ئەپسانىلىرىدىكى ئىلاھ يانۇس (Iānus)تىن كەلگەن.
  • فېۋرال - Februarius قەدىمىي رىم دەۋرىدىكى پەرھىز ئېيىنىڭ نامى (Februus).
  • مارت - Martius قەدىمىي رىم ئەپسانىلىرىدىكى ئۇرۇش ئىلاھى مارس (Mars)تىن كەلگەن 。
  • ئاپرېل - Aprilis قەدىمىي رىمچە aperire، مەنىسى "باشلاش" دېمەك، باھارنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
  • ماي - Maius قەدىمىي رىم ئەپسانىلىرىدىكى توپراق ئىلاھەسى مائىيە (Maia) ياكى لاتىنچە "نىسبەتەن ياشانغان" مەنىسىدىكى maiores تىن كەلمەكتە.
  • ئىيۇن - Junius قەدىمىي رىم ئەپسانىلىرىدكى ئىلاھە جۇنو (Iuno) دىن ياكى لاتىنچە "نىسبەتەن ياش" مەنىسىدىكى iuniores دىن كەلمەكتە.
  • ئىيۇل - ئەسىل ئىسمى Quintilis بولۇپ، كېيىنچە Julius قا ئۆزگەرتىلگەن. قەدىمىي رىم كالىندارى 10 ئايدىن تزۈلەەن بولۇپ، ئەسلىدىكى ئىسمى "بەشىنچى" ئىدى، قەيسەر (قەدىمىي رىم ئىمپېراتۇرىنىڭ نامى) مۇشۇ ئايدا توغۇلغان بولغاچقا، دۆلەت پېشقەدەملىرىنىڭ بىردەك ماقۇللىشى بىلەن بۇ ئاينىڭ ئىسمى قەيسەرى رۇمنىڭ نامى بولغان جۇلىيانغا ئۆزگەرتىلگەن.
  • ئاۋغۇست - ئەسلى نامى Sextilis بولۇپ، "ئالتىنچى" دېگەن مەنىدە، ئاۋغۇستوس مۇشۇ ئايدا ئۆلگەچكە دۆلەت پېشقەدەملىرىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن نامى ئاغۇستقا ئۆزگەرتىلگەن.
  • سىنتەبىر - September لاتىنچە "يەتتىنچى" دېمەكتۇر.
  • ئۆكتەبىر - October لاتىنچە "سەككىزىنچى" دېمەكتۇر.
  • نويابىر - Novembris لاتىنچە "توققۇزىنچى" دېمەكتۇر.
  • دېكابىر - December لاتىنچە "ئونىنچى" دېمەكتۇر.

كەبىسە يىل تەھرىرلەش

قېلىپ:ئاساسي ماددا كەبىسە يىللار, فېۋرال ئېيى 28 كۈن ئەمەس 29 كۈن كەلگەن يىللاردۇر. بۇ تەدبىقلاش بىر يىل توپتوغرا 365 كۈن ئەمەس 365 كۈن 6 سائەت بولىدىغانلىقىدىن ھەر يىلى ئاخىرىدا ئېشىپ قالغان 6 سائەتلىك مۇددەتنى دەل بىر كۈنگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. مىلادى تەقۋىمىدە ئاخىرى -00 بولمىغان ۋە 4 كە پۈتۈن بۆلىنىدىغان پۈتكۈل يىللار كەبىسە يىلىدۇر. ئاخىرى -00 بولغان يىللار، يەنى يۈزىنچى يىللار ئەگەر 400 گە پۈتۈن بۆلۈنسە كەبىسە يىلى بولالايدۇ. مەسىلەن، 1900 - يىلى كەبىسە يىلى ئەمەس، لېكىن 2000 - يىلى كەبىسە يىلىدۇر.

كەبىسە يىلى، ھەر تۆرت يىلدا بىر قېتىم تەكرارلانغاچقا مەزكۇر 2020 - يىلىدىن ئېتىبارەن 2024، 2028، ... شەكىلدە 2100 - يىلغىچە داۋاملىشتۇرساق، 2100 - يىلى 400 گە كەسرسىز بۆلۈنمەيدىغانلىقى ئۈچۈن كەبىسە يىلى بولالمايدۇ.

ئورۇنلاشتۇرۇلۇش سەۋەبى تەھرىرلەش

بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىرى، ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش 21 - مارت كۈنىگە مۇمكىنقەدەر يېقىنلاشتۇرۇشتۇر. بۇنىڭلىق بىلەن غەربلىكلەر پاسخا بايرىمى 21 - مارت كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنلار تەبرىكلىيەلەيدۇ. شەرق ئالەمىدە ھەم 21 - مارت كۈنى نەۋرۇز بايرىمى قۇتلىنىدۇ.


جۇلىيان - گرېگورىيان ئايلاندۇرۇش تەھرىرلەش

2010 - يىلىدىن بېرى، جۇلىيان تەقۋىمىنى گرېگورىيان ياكى مىلادى تەقۋىمگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن 14 كۈن قوشۇشقا توغرا كەلمەكتە. بۇ ئەھۋال بەزى خرىستىيان ئورتودوكس چېركاۋلىرىنىڭ روژدېستىۋو كۈنىنى تەبرىكلەشنى 7 - يانىۋاردىن 8 - يانىۋارغا ئۆزگەرتكەن.

مەنبە تەھرىرلەش


قاراڭ تەھرىرلەش

قېلىپ:ۋاقىت ئۆلچەش ۋە ئۆلچەملەر