يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
牙里坤·肉孜 | |
شەخسىي ئۇچۇرلىرى | |
تۇغۇلغان | 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇش شەھىرى، ئاغۇ يېزىسى |
مىللىتى | ئۇيغۇر |
كەسپى | يازغۇچى، شائىر |
پەرزەنتلىرى | كامالتۈرك، تۇمارىس |
يالقۇن روزى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Yalqun Rozi) بولسا 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسى دا توغۇلغان.
ھاياتى تەھرىرلەش
يالقۇن روزى_ تونۇلغان ئەدەبىي ئوبزورچى. ئۇ 1966- يىلى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1982- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1987- يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، مۇخبىرلىق قىلغان.1991-يىلى 1-ئايدا «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىگە يۆتكىلىپ مۇھەررىر بولغان. ھازىر شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى ئۇيغۇر دەرسلىك بۆلىمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
كەسپى ھاياتى تەھرىرلەش
يالقۇن روزىنىڭ «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما»، «مەمتىلى ئەپەندى» (مېرزا سىيىت بىلەن بىللە) قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان. يۈزلىگەن ماقالە - ئوبزورلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.
تۇتۇلىشى تەھرىرلەش
يالقۇن روزى ئەپەندىمنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوغلى كامالتۈرك يالقۇننىڭ بايان قىلىشىچە، دادىسى 2016-يىلى 10-ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەن، ۋە 2018-يىلى 1-ئايدا دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان دىگەن جىنايەت بىلەن 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.[1]
باشقىلار تەھرىرلەش
مەنبەلەر تەھرىرلەش
سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش
لاگېر شاھىتلىرى تىزىملىكى | |||||||||
|