ھەمدۇللا ۋەلى
ھەمدۇللا ۋەلى
Hemdulla Weli | |
شەخسىي ئۇچۇرلىرى | |
تۇغۇلغان | 1968-يىلى 8-نويابىر (54 ياش) |
مىللىتى | ئۇيغۇر |
ھازىر ئەھۋالى | سەئۇدىدا تۇتقۇندا |
كەسپى |
ھەمدۇللا ۋەلى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Hemdulla Weli) بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ توقسۇن ناھىيىسى دە توغۇلغان.
ھاياتى
تەھرىرلەشھەمدۇللا ۋەلى ئەپەندىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ توقسۇن ناھىيىسىدە توغۇلغان.
- تۈركىيەدە نۇرىمانگۈل، سۈمەييە ئايتۈرك قاتارلىق قىزلىرى بار، ۋە ھەسەنجان ئىسىملىق كۈيئوغلى بار.
تۇتۇقلىنىشى
تەھرىرلەشھەمدۇللا ۋەلى 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارغان. كېيىن خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك يول تاقىلىپ قالغاچقا، تۈركىيەگە قايتىپ كېلەلمىگەن.[1]
سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى تۇرۇۋاتقان ئۆيدىن تۇتۇپ كەتكەن. شۇندىن بۇيان سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئۇلارنى يا قويۇپ بەرمەي، يا بىر تەرەپ قىلماي تۇتۇپ تۇرغانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 3-يانۋار سەئۇدى دائىرىلىرى ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتى بار ئىكەن.
بۇ خەتەرلىك ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ قىزى سۇمەييە ئايتۈرك دادىسى ھەمدۇللا ۋەلىنى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
- 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى پەيشەنبە كۈنى تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان نۇرمەمەت روزى ئەپەندىمنىڭ سابىق ئايالى بۇخەلچەم ئابلا ۋە 13 ياشلىق قىزى مەككە ئەتراپىدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ 2020-يىلىدىن بېرى تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ھەمدۇللا ۋەلى ۋە نۇرمۇھەممەت روزى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى ئۇختۇرۇلغان.