ئالتۇن ئوردا ۋە ئۆزبېكلەر

قىپچاقلار ئەڭ ئاۋۋال مىلادىدىن بۇرۇن 1- ئەسىردن باشلاپ تارىخى خاتىرىلەردە كۆرۈنۈشكە باشلىغانىدى. بىر چوڭ تۈرك توپلىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇندىن كېيىنكى ياۋرو-ئاسىيا دالاسىنىڭ 2000 يىللىق تارىخىغا سالماق تەسىر كۆرسەتتى. مەيلى قىپچاقلار قۇرغان ھىندىستان دېھلى سۇلتانلىقى، مىسىر مەملۇكىيلەر خانلىقىنى، ئۆزبىك خانلىقى، قازاق خانلىقى بولسۇن ۋە ياكى ئاتىللا قوشۇنى، موڭغۇل ئىمپېىرىيىسى قوشۇنى، رىم ئىمپېىرىيىسى قوشۇنى ئىچىدىكى قىپچاقلار بولسۇن[1]. شۇ دەۋىرنىڭ تارىخى ۋەزىيىتى، سىياسىي تىرىتورىيىسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. تۆۋەندە تىلغا ئالماقچى بولغان قىپچاقلار توغرىلىق تارىخى تېما ئۆزبىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
چىڭگىزخان ھايات ۋاقتىدا چوڭ ئوغلى جۇچىغا[2] قىپچاق زېمىنىنى بۆلۈپ بەرگەنىدى. ئەمما بۇ مەزگىلدە قىپچاق زېمىنلىرى[3] پۈتۈنلەي موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنىغا تەۋە دېگۈلى بولمايىتتى. بىرىنچى قېتىملىق غەرىبكە يۈرۈش غەلبە قىلغاندىن كىيىن، 1235 -يىلى موڭغۇل قوشۇنى جوچىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى باتۇخاننىڭ قومادانلىقىدا ئىككىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك غەربكە يۈرۈشىنى باشلىدى. 1236- يىلى ھازار دېڭىزىنىڭ شىمالىغا يېتىپ كېلىپ ئېتىل بۇلغارلىرىنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالدى، ئارقىدىن قىپچاق يايلاقلىرى، ئورۇس[4]، پەچەنەك، چېركەس زېمىنلىرىنى كونتىرول قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىپچاق زېمىنلىرى موڭغۇل ئىمپېىرىيىسىنىڭ تېرىتورىيىسى ئىچىگە كىردى. 1242 - يىلى ياۋروپادىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدىن قايىتقان باتۇخان[5] ئېتىل بويىدىكى سارايدا رەسمىي ھالدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇردى .تارىخى ئەسەرلەردە بۇ خانلىق جوچى ئۇلۇسى، قىپچاق خانلىقى دەپمۇ ئاتالدى.
جوچىنىڭ چوڭ ئوغلى ئوردا ياۋروپادىكى ئۇرۇشتا بۈيۈك خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ۋە خانلىق ھوقۇقىنى باتۇدىن تالاشمىغانلىقى يۈزسىدىن ئېرتىشتىن يايىقغىچە[6] بولغان زېمىنغا ئىگە بولدى، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلار ئاق ئوردا ئاتالدى. ئۇنىڭ غەربىدىكى زېمىنلار يايىق دەرياسىدىن قىپچاق يايلىقىنىڭ ئەڭ غەربىگىچە بولغان زېمىنلار كۆك ئوردا ئاتالدى. ئالتۇن ئوردا قوشۇنىنىڭ ئۆزبېك قوشۇنى ئاتىلىشى مۇھەممەد ئۆزبېكخاننىڭ تەسىرىدىن دەپ قارىلىدۇ. 1312 -يىلى ئۆزبېكخان ئالتۇن ئوردا تەختىگە ئولتۇرغاندىن باشلاپ ئىسلام دىنىنى خانلىق تەۋەسىدە كۈچەپ تەرغىب قىلدى. ئىسلام دىنى نوپۇزىنىڭ خانلىق تەۋەسىدە مىسلىسىز كۈچىيىشى بىلەن ئۆزبېكخاننىڭ خانلىق ئىچى تېشىدىكى نوپۇزىمۇ كۈچىيىپ باردى. بۇ دەۋىردىن باشلاپ ئالتۇن ئوردا ئەلچىلىرى ئۆزبېك ئەلچىلىرى دەپ ئاتالدى، ئالتۇن ئوردا قوشۇنىمۇ ئۆزبېك قوشۇنى دەپ ئاتىلىدىغان بولدى[7]. 1382 - يىلى ئاق ئوردا خانى توختامىشخان كۆك ئوردا زىمىنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ ئېرتىشتىن قىرىمغىچە بولغان ئالتۇن ئوردا زېمىنلىرىنى بىرلىككە كەلتۈردى. 1385- يىلى توختامىش قوشۇنى تەبرىزنى ئىشغال قىلدى ۋە بۇخاراغىچە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ساھىبقىران تىمۇر قوشۇن تەشكىللەپ توختامىشنى مەغلۇب قىلدى، توختامىشتىن كېيىنكى ئالتۇن ئوردا قوشۇنلىرى (ئۆزبېكلەر) ۋە تىمۇرىيلەر ئارىسىدا ماۋەرائۇننەھىر ۋە خۇراساننى تالىشىش توقۇنۇشى بىسىقمىدى.
1428-يىلى ئەبۇلخەيىرخان ئۆزبېك خانلىقىنى قۇردى ۋە 1430 - يىللىرىدىن باشلاپ كېيىنكى 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ماۋەرائۇننەھىرگە بىر نەچچە نۆۋەت ھۇجۇم قوزغىدى ھەمدە بىر قىسىم جايلارنى ئىشغال قىلدى. بۇ دەۋىردە بىر مۇھىم تارىخى ۋەقە يۈز بەردى. ئۆزبېك خانلىقى ئىچىدىكى بەگلەردىن جانىبەك ۋە كىرەي ئەبۇلخەيىرخان بىلەن چىقىشالمىغانلىق سەۋەبىدىن قول ئاستىدىكىلىرى بىلەن شەرىققە سۈرۈلدى ۋە 1456- يىلى يەتتەسۇدا قازاق خانلىقىنى قۇردى. قازاق خانلىقى تەۋەسىدىكى قىپچاق ئۆزبېكلىرى (ئۆزبېكخان نامى ئاستىدىكى قىپچاق ۋە باشقا تۈركى موڭغۇل قەبىلىلىرى) شۇندىن ئىتىبارەن قازاق نامىدا ئاتىلىشقا باشلىدى .ئابۇلخەيىرخان ئۆزىمۇ 1468- يىلى قازاقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا قايتىش بولدى.

ئابۇلخەيىرخان قايتىش بولغاندىن كىيىن ئۆزبېكلەرنىڭ ماۋەرا ئۇننەھىرگە بولغان يۈرۈشلىرى توختاپ قالمىدى[8]. ئۇنىڭ نەۋرىسى مۇھەممەد شەيبانىخان 1500 -يىلى سەمەرقەنىدنى ئىشغال قىلدى ۋە تىمۇرىيلەر ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇردى. شەيبانىخان قوشۇنلىرى جەنۇبتا بابۇر ۋە سەفەۋىيلەرنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرسا شىمالدا قازاق خانلىقىنىڭ[9] ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشى كىرەك ئىدى. بىر قاتار ئۇرۇشتىن كېيىن شەيبانىخان قوشۇنلىرى ماۋەرا ئۇننەھىردىكى ئاساسلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى ۋە پايتەخىتنى بۇخاراغا كۆچۈردى. ماۋەرا ئۇننەھىر ئەتراپىدىكى زېمىنلاردا ئۆزبېكلەر بۇخارا خانلىقى، خىۋە خانلىقى، قوقەند خانلىقلىرىنى قۇردى[10].
14- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان ئالتۇن ئوردا تەۋەلىكىدىكى قىپچاق ئۆزبېكلىرىنىڭ ماۋەرا ئۇننەھىرگە سىلجىشى، تۈركى مىللەتلەر تارىخىدا يېڭى تارىخى ھادىسىنى بارلىققا كەلتۈرگىنى شۈبىھسىز. قىپچاق ئۆزبېكلىرىنىڭ بۇ جايلاردا خانلىق قۇرۇپ يەرلىك ئوغۇز (تۈركمەن) ۋە ئۇيغۇر-قارلۇق تىپىدىكى تۈركىيلەر ۋە سارتلار[11] بىلەن كەڭ كۆلەمدە قوشۇلۇشى ۋە كۆچمەن تۇرمۇشتىن بوستانلىق مەدەنىيىتىگە ئۆتۈشى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كېيىنكى نەچچە يۈز يىللىق ئېتىنىك تۈزۈلۈشى ۋە تارىخى تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. بۇ خىل تارىخى جەريان چارروسىيىنىڭ ئاخىرقى دەۋىرىگىچە، بۇخارا خانلىقى تامامەن يىمرىلگىچە داۋاملاشتى. سوۋېت دەۋرىدىكى ئېتىنىك بۆلۈش دولقۇنىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئېتنىك جۇغراپىيىسى بويىچە سىياسى گەۋدىلەرگە بۆلۈپ چىقىلدى. ئۆزبېك كىملىگى بۇ دەۋىردە يېڭى تارىخى دەۋىرنى باشتىن كەچۈردى.

تىل ۋە ئېتنىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك بويىچە ھازىرقى ئۆزبېك مىللىتى يەرلىك تۈركى ۋە پارس تىللىق خەلىقلەرنىڭ قىپچاق ئۆزبىكلىرى بىلەن قوشۇلۇشىدىن كىيىنكى بىۋاستە راۋاجىدۇر. ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلىدا ھەم ئوغۇز تىللىرىنىڭ ،ھەم ئۇيغۇر- قارلۇق تىللىرىنىڭ، ھەم قىپچاق تىللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ساقلانغاندۇر.

پايدىلانغان ئەسەرلەر تەھرىرلەش

ۋ.ۋ.بارتولد : ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا قىسقىچە تارىخى››
نامەلۇم ئوردا تارىخچىسى : ‹‹موڭغۇل مەخپى تارىخى››
داۋىد مورگان : ‹‹موڭغۇللار ››
رىنى گىروسسىت : ‹‹يايلاق ئىمپىرىيىلىرى››

ئايدىڭلار تەھرىرلەش

ئوغۇزمۇرات ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە ئائىتتۇر.

  1. تارىخچىلار ئاتىللا قوشۇنىنى، رىم تارىخچىلىرى خاتىرلىگەن قەبىلىلەر ناملىرىىغا قاراپ ھونلار، بۇلغارلار، قىپچاقلار ۋە باشقا تۈرك قەبىلىلىرىدىن تۈزۈلگەن دەپ قارىماقتا
  2. جوچىنىڭ چىڭگىزخاننىڭ ئۆز ئوغلى ئەمەسلىكى ئاشكارە مەخپىيەتلىك بولۇپ قالدى.
  3. قىپچاقلار شەرقتە ئىسسىق كۆلنىڭ بويلىرىدىن غەرپتە شەرقى ياۋروپاغىچە تارالغانىدى. قىرىمنىڭ شىمالى ھازىرقى ۋولگا دەرياسىدىن ۋىنگىرىيىگىچە زىمىن قىپچاق يايلىقى دەپ ئاتالغانىدى.
  4. موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كىيىنكى كۆپىنچە موڭغۇلچە ۋە تۈركچە تارىخى ئەسەرلەردە روسلار ئورۇس دەپ خاتىرلەنگەنىدى.
  5. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا تەڭرىنىڭ شەرقتىن قوشۇن ئەۋەتىپ ياۋروپانى قۇتقۇزىدىغانلىقى توغۇرلۇق رىۋايەتلەر كەڭ تارقالغانىدى. دەسلەپتە ياۋروپالىقلار موڭغۇل ئىمپىرىيىسى قوشۇنىنى رىۋايەتتىكى قوشۇن دەپ ئويلىغانىدى. باتۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇن ۋىنگىرىيە ۋە پولشادا ئۇرۇشتىن كىيىن قىرغىنچىلىق ئىلىپ باردى. ئەمما ئۆگىداينىڭ ۋاپاتى خەۋىرى كەلگەندىن كىيىن ئۇرۇشنى توختىتىپ قايىتتى.
  6. ئۇرال دەرياسى تۈركى تىلدا يايىق دىيىلىدۇ.
  7. ئالتۇن ئوردا ئاھالىسىنىڭ ئۆزبېك ئاتىلىشى نەچچە ئەۋلاتقىچە داۋاملاشقان تەدىرجىي جەريان دەپ قارىلىدۇ.
  8. ‹‹تىمۇر تۈزۈكلىرى›› ىدە ۋە ‹‹بابۇرنامە›› دە ئۆزبېكلەر ۋە تىمۇرىيلەرنىڭ ماۋەرا ئۇننەھىردىكى ئۇرۇشلىرى كۆپ تىلغا ئىلىنىدۇ.
  9. قازاق خانلىقى كىيىنچە ئاق ئوردىدىن بۆلۈنۈپ چىققان نوغاي خانلىقىنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ چارروسىيە ھەربىي قورغانلارنى قۇرۇش، خانلىق ئىچىدە زىددىيەت تۇغدۇرۇش ، باشقا تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن ئۇرۇشقا سۆرەش قاتارلىق ھىيلىلىرى بىلەن تەدىرجىي ھالدا قازاق خانلىقىنى ئۆزىگە قارام قىلدى.
  10. بۇنىڭ ئىچىدە قوقەند خانلىقى 1876 -يىلى مۇنقەرىز بولدى . خىۋە ۋە بۇخارا خانلىقى 1920- يىلىغىچە داۋام قىلدى.
  11. سارتلار ئەڭ بۇرۇن قۇتادغۇبىلىكتە تىلغا ئىلىنغان دەپ قارىلىدۇ.ئەڭ دەسلەپتە قەشقەردىكى سودىگەرلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى. كىيىنچە سارتلار ئوتتۇرا ئاسىيا بوستانلىقلىرىدىكى مۇسۇلمان تۈركى ۋە تاجىك ئاممىسىنى كۆرسىتىدىغان بولدى.