ئەندىر يېزىسى نىيە ناھىيىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 130 كىلومېتىر، شەرقىي ئەندىر چارۋىچىلىق فېرمىسى ۋە ياۋا توڭغۇز يېزىسى، غەرب تەرىپى نىيە يېزىسى، جەنۇبىيسالغوزەك يېزىسى، شىمالىي تەرىپىئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭشايار ناھىيىسى بىلەن قوشنا. كۆلىمى 8636.9 كۋادرات كىلومېتىر. نوپۇسى 125 ئائىلە، 4711 ئادەم. ئاھالىسى ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق ئىككى مىللەتتىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدەئۇيغۇرلار 463 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى سەككىز ئادەم.

ئەندىر يېزىسى

安迪尔乡.Endir town

نىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە نىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 1 دانە
نوپۇس 0.4 مىڭ
يەر مەيدانى ؟
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت نىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

كىلىماتى تەھرىرلەش

ئەندىر يېزىسى يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس. تەۋەسىدە ياۋاتوڭگۇز دەرياسى يىللىق ئېقىم مىقدارى 105 مىليون كۇب مېتىر. ھاۋا كىلىماتى ئىللىق قۇرغاق، كۈن نۇرى يېتەرلىك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.5، يىللىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2840.0 سائەت، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 36.4 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2862.0 مىللىمېتىر.

باشقىلار تەھرىرلەش

ئەندىر يېزىسىدا پۈتۈن يېزىلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ بىرلەشتۈرۈلگەن مەكتەپتىن بىرسى بار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 13 ئادەم، ئوقۇغۇچىلار 64 نەپەر. يېزىلىق شىپاخانا بىر، داۋالاش خادىملىرى 6 ئادەم، تۆت كارىۋات بار؛ رادىئو ئۇزېلى، رادىئو پروگراممىسى، مەدەنىيەت پونكىتى، كۈتۈپخانا قاتارلىقلار بار.