تەييارچۆپ (بۈدۈرلەغمەن، تەييار چۆپ، تېزچۆپ، تېزلەغمەن، دەرھۇھۆپ) ئاللىبۇرۇن تەييارلىنىپ قۇرۇتلۇپ ئورىلىنىپ ھازىر بولغان ئۈگرىلەرنى ۋە شۇ تىپىتكى تەييار يېمەكلىكلەرنى كۆرستىدۇ. تەييارچۆپلەرنى قايناق سۇغا سېلىپ بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز تەييار بولىدىغان قۇلايلىق يېمەكلىك. تەييارچۆپ ھازىر دۇنيا تەۋەسىدە ئەڭ ئالقىشلانغان، ئەڭ قولايلىق، ئېلىپ يۈرۈشكە ماس كېلىدىغان تېز تاماق تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر. تەييارچۆپنىڭ ھەرخىل خۇرۇچلىرى (ياغمۇچ، زىرە، قۇرۇتۇلغان كۆكتات) ئورالما قىياپەتتە بىللە قاچىلانغان بولىدۇ. تەييارچۆپنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرى بار، مەسلەن، كاۋاۋىچىن تەملىك، كاۋاپ تەملىك، زەنجىۋىل تەملىك، لېمون تەملىك، ئورىلىش شەكلىگە قاراپ قاچىلىق، قاپلىق، يالتراقلىق خالتىلىق دېگەندەك. داڭلىق ئۇيغۇر تەييارچۆپ ماركلىرىدىن ئارمان، ئامىنە، ئابىدە قاتارلىقلار بار.

تەييارچۆپنىڭ ئۈگرە قىسمى