قوچى يېزىسى قاراقاش ناھىيىسى نىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان، شەرق تەرىپى تۈۋەت يېزىسى، 47-تۈەن 1-لىيەن ۋە 2-لىيەن، يىڭىيەر يېزىسى، كاۋاك يېزىسىغىچە، جەنۇب، غەرىب تەرەپلىرى پۇرچاقچى يېزىسى، 47-تۈەن، قارساي بازىرىغىچە تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقى ئارقىلىق ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە بولغان ئارىلىقى 11 كىلومېتىر، دېڭىزيۈزىدىن ئىگىزلىكى 1317 ~1337 مېتىر بۇلۇپ، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 2669 كىۋادرات كىلومېتىر، تېرىغۇ يەركۆلىمى 28688 مو، كىشى بېشىغا توغراكېلىدىغان يەركۆلىمى 1.21 مو. قوچى يېزىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدىرىجىي ياخشىلانماقتا. يېزا-كەنىت يوللىرى تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەممىسىگە قاراماي ياتقۇزۇلغان. پروگراممىلىق تېلېفون تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.

قوچى يېزىسى

阔依其乡.Qochi Town

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە قاراقاش ناھىيىسى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 25 دانە
نوپۇس 25 مىڭ
تور بېكەت قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

قوچى يېزىسىدا جەمئىي 25 كەنت بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  • باش قازاق كەنتى، ئاياغ قازاق كەنتى؛
  • يېڭى ئېرىق كەنتى، كونا ئېرىق كەنتى، دۆڭ ئېرىق كەنتى، گۈل ئېرىق كەنتى؛
  • ئاراچاق كەنتى، باغاش كەنتى، باچۇق كەنتى، گۈزەل كەنتى،
  • قوشماق كەنتى، چىلان كەنتى، چىرىق دۆڭ كەنتى، چاڭگۇ كەنتى؛
  • ساداق كەنتى، سەككىز پارچە كەنتى، تۇتلۇق كەنتى، شاھار كەنتى؛
  • شاپاق كەنتى، يېڭى كۆل كەنتى، قويچى كەنتى، زىۋا كەنتى، زەگەر كەنتى قاتارلىقلار.