تۈۋەت يېزىسىقاراقاش ناھىيىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بۇلۇپ، مەرھۇم گىتتار ماھىرىمىزئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ يۇرتى. جەنۇب تەرىپى قاراقاش بازىرىغا، غەرىب تەرىپى قوچى يېزىسى، پۇرچاقچى يېزىسى ۋە 47-تۈەنگە تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى بولسا يېڭىيەر يېزىسى بىلەن چېگىرلىنىدۇ. شەرىق تەرىپىقاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيىسى نىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە 7.3كىلومىتىر كېلىدۇ.

تۈۋەت يېزىسى

吐外特乡.Tüwet Town

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە قاراقاش ناھىيىسى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 21 دانە
نوپۇس 34 مىڭ
تور بېكەت قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

يېزا تەۋەلىكىدە 21مەمۇرىي كەنت بار. ئۇلار :

  • تۈۋەت كەنتى، ئويئېرىق كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، سوپىلا كەنتى، توقماق كەنتى؛
  • سېرىق توغراق كەنتى، مۇغال كەنتى، چاۋاغ كەنتى، سايات كەنتى، كۆتىرەم كەنتى؛
  • ئوي كەنتى، قۇمبۇي كەنتى، چوڭكۆل كەنتى، خانلىق ئېرىق كەنتى، سۆگەتلىك كەنتى؛
  • ھەلدوس كەنتى، ئاياغ ئەسكى كەنتى، يالغۇزتوغراق كەنتى، ناغرا كەنتى، ئوجۇنئېرىق كەنتى قاتارلىقلار.

ئىقلىمى تەھرىرلەش

تۈۋەت يېزىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆللۈك كېلىماتقا تەۋە بولۇپ ، تۆت پەسىل ئېنىق , يازدا تومۇز ئىسسىق بولىدۇ.ئەتىيازدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىيدۇ ، كۈز پەسلىدە تېمپراتۇرا تېز ، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق ، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ . يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 12.5-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. 1- ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ -6.5، ،قىروسىز مەزگىل 177 كۈن ، يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2250 سائەت.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

تۈۋەت يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. دېھقانچىلىق قىلىشقا ۋە ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان يەرلەر ئىنتايىن كۆپ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. قەغەزياڭاق ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. دېھقانچىلىق رايونى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار.