قېلىپ:Excellent Article/2017-01
قەھرىتان ئېيى يانۋار ئېيى ياكى 1- ئاي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاي 31 كۈنلۈك چوڭ ئايلارنىڭ بىرىنچىسىدۇر. تارىختا بۇ ئايدا بولۇپ ئۆتكەن بەئزى مۇھىم ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
- 1- قەھرىتان — 630 - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رەھبەرلىكىدىكى ئىسلام ئوردۇسى مەككەنى ڧەتىھ قىلىش ئۈچۈن مەدىنەدىن يولغا چىقتى.
- 2- قەھرىتان — 1492 - مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبەر يېرىم ئارىلىدىكى ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشتى.
- 3- قەھرىتان — 1501 - مەشھۇر تۈركىي شائىر، ئەدىب ئەلىشىر ناۋائى ھىراتتا ۋاڧات ئەتتى.
- 4- قەھرىتان — 1885 -تۇنجى ئوڭۇشلۇق سوقۇر ئۈچەي ئەمەلىياتى دوكتور ۋىللىيام ۋ. گرانت تەرىىپدىن بىمارى مارىي گارتسايدقا ئېلىپ بېرىلدى.
- 5- قەھرىتان — 1930 - سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرى سىتالىن پۈتۈن مەملىكەتتە كولخوز تۈزىمى مەجبۇرىي يولغا قويدى.
- 6- قەھرىتان — 1838 - ساموئىل مورس، تېلگراڧنى جامائەتكە تانىتتى.
- 7- قەھرىتان — 1610 - ئىتالىيان ئاسترونوم گالىلىي يۇپىتېر (مۇشتەرى)
- 8- قەھرىتان — 1976 - جوئېنلەي بېيجىدا ئۆلدى.
- 9- قەھرىتان — 1951 - ب د ت مەركىزى نيو يورك شەھرىگە كۆچۈرۈلدى.
- 10- قەھرىتان — 630 - ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە شەھرىنى قانسىز ڧەتىھ قىلدى.
- 11- قەھرىتان — 1904 - ئىنگىلىز ئوردۇسى سومالىدە 1000 دىن ئۇشۇق مۇسۇلماننى قەتىل قىلدى.
- 12- قەھرىتان — 1945 - سىتالىن ،روزۋېلت ۋە چېرچىل باش قوشقان يالتا يېغىنى ئاخىرلاشتى.
- 13- قەھرىتان — 532 - كونىستانتىنوپولدا نىكا ئىسيانى يۈز بەردى. 3،5 مىڭ كىشى قەتىل قىلىندى.
- 14- قەھرىتان — 1784 - ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى رەسمىي ئاخىرلاشتى.
- 15- قەھرىتان — 1935 - ج ك پ مەركىزىي سىياسىي كومىتېت ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا زۇنيى يېغىنىنى ئاچتى. يېغىندا يولداش ماۋ زېدوڭنىڭ ج ك پ دىكى رەھبەرلىك ئورنى تۇرغۇزۇلدى.
- 16- قەھرىتان — 1987 - بېيجىڭ تىيەنئەمېن مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشلىرى تۈپەيلى ج ك پ مەركىزى كومىتېتنىڭ باش سېكرىتارى، دكلەت رەئىسى خۇ ياۋباڭ ئىستىڧا ئەتتى. ئورنىغا زۇڭلى جاۋ زىياڭ باش سېكرىتار ۋە دۆلەت رەئىسى بولدى.
- 17- قەھرىتان — 1299 - ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ تۇنجى سۇلتانى ئوسمان غازى سۆگۈت ۋە دومانېچ ئەتراپىدا، رىم سەلجۇقىيلار سۇلتانى بەرگەن ئۇچ بەگلىكى سۈپىتىدە بېرىلگەن توپراقلىرىدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى.
- 18- قەھرىتان — 1968 - مۇھەممەد ئەلى ئوردۇغا قاتنىشىپ ۋېتنام ئۇرۇشىغا بېرىشنى رەد قىلغانلىقى ئۈچۈن سۇنۇلغان ئەيبنامە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قايتۇرۇلدى.
- 19- قەھرىتان — 1974 - جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ۋېتنام جۇمھۇرىيىتى دېڭىز ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا شىيشا تاقىم ئاراللىرىنەنشا تاقىم ئاراللىرىدا شىيشا ئۇرۇشى يۈز بەردى. جۇڭگو تەرەپ پۈتۈن شىيشا ئاراللىرىنىڭ ئىگلىك ھوقۇقىنى قازاندى.
- 20- قەھرىتان — 1841 - ئەپيون ئۇرۇشى ئەسناسىدا شىياڭگاڭ ئارىلى ئەنگىلىيە كونترولى ئاستىغا كىردى.
- 21- قەھرىتان — 1793 - ڧرانسىيە قرالى لوئى 16 ۋەتەن خائىنى دەپ گۇناھ قويۇلۇپ كاللىسى تېندىن جۇدا قىلىندى.
- 22- قەھرىتان — 1517 - ئوسمانلى ئوردۇسى رىدانىيە جېڭىدە مەملۇكىيلەرنى يەڭدى. خەلىڧەلىك ئوسمانلىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى.
- 23- قەھرىتان — 1368 - جۇ يۈەنجاڭ يىڭتىيەندە تەختكە ئولتۇردى، جۇڭگو تارىخىدا 3 ئەسرگە يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن مىڭ سۇلالىسى قۇرۇلدى.
- 24- قەھرىتان — 661 - خۇلەڧائى راشىدىننىڭ تۆرتىنچى بولمىش ھز. ئەلى بىن ئەبى تالىب كۇڧەدە ناماز بامدات ۋاقتىدا ئابدۇرراھمان بىن مۇلجەم تامانىدىن قىلىچلىنىپ سۇيقەستكە ئۇچرىدى. ئۈچ كۈن سوڭرە ۋەڧات ئەتتى.
- 25- قەھرىتان — 1072 - دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، تۈرك مەدەنىيەتىنىڭ تۇنجى تۈركىي تىلدىكى سۆزلۈك، مەھمۇد كاشغەرى تەرەڧىدىن يېزىلىشقا باشلىدى. (1074- يىلى 10- ڧېۋرالدا تاماملاندى)
- 26- قەھرىتان — 1952 - جۇڭگو كۇمپارتىيىسى ئۈچكە قارشى بەشكە قارشى ھەرىكەتنى قانات يايدۇردى.
- 27- قەھرىتان — 1841 - 1- قېتىملىق ئەپىيون ئۇرۇشى: چىڭ سۇلالىسى ئەنگىلىيەگە ئۇرۇش ئاچتى.
- 28- قەھرىتان — 1517 - ئوسمانلى سۇلتانى ياۋۇز سۇلتان سەلىم خان قۇمانداسىدىكى ئوردۇ قاھىرەگە كىردى.
- 29- قەھرىتان — 1950 - ئىراندا يەر تەۋرەش: 1500 كىشى ئۆلدى.
- 30- قەھرىتان — 757 - ئەن لۇشەن (ئۆڭلۈك) ئوغلى ئەن چىڭشۈ تامانىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
- 31- قەھرىتان — 1915 - 1- دۇنيا ئۇرۇشى: ئالمانلار رۇسلارغا قارشى زەھەرلىك گاز قوللاندى.