قېلىپ:Excellent Article/2017-02
2 - ئاي ياكى فېۋرال (ئىنگ: February) ئايى مىلادى تەقۋىمىدە يىلنىڭ 20 ئېيىدۇر. بۇ ئاي ئادەتتىكى يىللاردا 28 كۈن، كەبىسە يىللاردا 29 كۈن بولۇپ كېلىدۇ. تارىخىمىزدا بۇ ئايدا بولۇپ ئۆتكەن بەئزى چوڭ ئىشلار، بۇ ئايدا دۇنياغا كەلگەن ۋە قايتىش بولغان مۇھىم شەخسلەر تۆۋەندىكىچە:
- 1- فېۋرال — 2004 - سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى مەككە شەھرىدە ھەج پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، قىستاڭچىلىق يۈزىدىن 250 دەك ھاجى قازا تاپتى، نۇرغۇن كىشى يارالاندى.
- 2- فېۋرال — 1260 - تاتارلار قولىدىكى دەمەشىق ھىلاكوخان تامانىدىن ئالىندى.
- 3- فېۋرال — 1451 - ئوسمانلى سۇلتانى ئىككىنچى مۇھەممەد (فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدخان) ئىككىنچى كەز تەختكە ئولتۇردى.
- 4- فېۋرال — 1945 - سىتالىن، روزۋېلت ۋە چېرچىل ئىشتراكىدىكى يالتا يېغىنى رەسمىي باشلاندى.
- 5- فېۋرال — 1997 - 5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى. 100 لەرچە كىشى ئۆلدى. 1600 كىشى تۇتقۇن قىلىندى.
- 6- فېۋرال — 1956 - جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۇەنى ئورتاق تىلنى كېڭەيتىش ھەققىدىكى كۆرسەتمىسى ئېلان قىلىندى.
- 7- فېۋرال — 1977 - ج ك پ مەركىزى كومېتىتنىڭ رەئىسى خۇا گوڧېڭنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن، «خەلق كۈندىلىك گېزىتى» باش ماقالەسىدە، ئوچۇق ئاشكارە ئىككى ئومۇمەن ئېلان قىلىندى.
- 8- فېۋرال — 1265 - موڭغۇل ھۆكۈمدار ھىلاكوخان ئۆلدى. (ت. 1217)
- 9- فېۋرال — 1501 - ئەلىشىر نەۋائى ھېراتتا قايتىش بولدى.
- 10- فېۋرال — 1074 - دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، مەھمۇد كاشغەرىي تەرىپىدىن يازىپ تاماملاندى. (1072- يىلى 25- قەھرىتان باشلانغان)
- 11- فېۋرال — 1979 - ئايەتۇللاھ ھامەينى رەھبەرلىكىدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابى غەلبە قىلدى.
- 12- فېۋرال — 1138 - جىن سۇلالىسى جورجىت يېزىقىنى ئېلان قىلدى.
- 13- فېۋرال — 1258 - ھىلاكوخان باغدادنى زابت ئەتتى، 200 مىڭ باغداد ئاھالىسى ئۆلتۈرۈلدى.
- 14- فېۋرال — 1483 - بابۇر شاھ دۇنياغا كۆز ئاچتى. (ئۆ. 1531)
- 15- فېۋرال — 1989 - سوۋېت ئىتتىپاقى ئوردۇسى ئاڧغانىستاندىن چېكىندى. ئاڧغانىستان ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.
- 16- فېۋرال — 1923 - ئەنگىلىيەلىك ئارخېئولوگ ھوۋارد كارتېر ۋە ئەترىتى مىسىر ڧىرئەۋنى توتانخاموننىڭ مازارى ۋە لەھىتىنى ئاچتى.
- 17- فېۋرال — 1979 - جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى گۇاڭشى، يۈننەن چىگرىسىغا ئەسكەر يۆتكىدى. جۇڭگو-ۋېتنام ئۇرۇشى پارتىلىدى.
- 18- فېۋرال — 1405 - ئەمىر تېمۇر ئوتراردا قايتىش بولدى.
- 19- فېۋرال — 1997 - دېڭ شياۋپېڭ ئۆلدى. (ت. 1904)
- 20- فېۋرال — 1915 - پاناما قانىلى ئاچىلدى.
- 21- فېۋرال — 1848 - كارل ماركىس بىلەن ئېنگىلىس بىرلىكتە لوندوندا «كومپارتىيە خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلدى.
- 22- فېۋرال — 705 - ۋۇزېتىيەن تەختتىن تۈشتى، تاڭ سۇلالىسى قايتا ئەسلىگە كەلدى.
- 23- فېۋرال — 1893 - رۇدولڧ دېزىل، دېزىل موتورنىڭ پاتېنتىنى ئالدى.
- 24- فېۋرال — 2003 - ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مارالبېشى ناھىيىسىدە 6.8 بال يەر تەۋرەپ، 260 تەك كىشى ئۆلدى، كۆپلىگەن ئۆي-جاي ۋەيران بولدى.
- 25- فېۋرال — 1954 - جامال ئابدۇناسىر مىسىر ئەلباشى بولدى.
- 26- فېۋرال — 1815 - ناپولىئون بوناپارد ئەلدا ئارىلىدا سۈرگۈندىن قاچتى.
- 27- فېۋرال — 1917 - رۇس چارلىقى چۆكتى.
- 28- فېۋرال — 2002 - ھىندىستاندا دىنىي تونۇقۇش يۈزبەردى. ھىندۇ دىنى مۇرتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈردى، 55 كىشى ئۆلدى.