قېلىپ:Excellent Article/2020-11
نويابر، يىلنىڭ 11 - ئېيى:
- 1 - نويابر — 1922 - ئاتاتۈرك سەلتەنەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى جاكالىدى.
- 2 - نويابر — 1957 - سەيپىدىن ئەزىزى ماۋزېدوڭ باشچىلىقىدىكى ئۆمەك بىلەن بىرگە موسكۋاغا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن يولغا چىقتى.
- 6 - نويابر — 1931 - جىن شۇرېن شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە دوبەنلىكىگە تەيىنلەش بۇيرۇقى ماقۇللاندى.
- 10 - نويابر — 1965 - خىتايدامەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلاندى.
- 12 - نويابر —
- 1933 - قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئسىلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
- 1944 - غۇلجادە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
- 15 - نويابر — 1946 - ئەخمەتجان قاسىمى نەنجىڭدا يىغىن رەئىس سەھنىسىدە تۇرۇپ جۇڭخۇا مىنگو ئاساسىي قانۇن قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى.
- 17 - نويابر — 1944 - شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئورگان گېزىتى ئازاد شەرقىي تۈركىستان گېزىتى گېزىتخانىسى قۇرۇلدى. شۇ كۈنى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، رۇسچە، خىتايچە تۇنجى سان چىقىرىلدى.
- 21 - نويابر — 2014 - ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى ساقلاپ قېلىندى.
- 22 - نويابر — 1944 - شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېكەس ناھىيىسىدە ھاكىمىيەت قۇرۇپ، توق خوجىنى ھاكىم تەيىنلىدى.
- 24 - نويابر — 1944 - ئېلىخان تۆرە سوۋېت قازاقىستانىغا ىەت يېزىپ قۇرال - ياراغ ئوق - دورا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشىنى سورىدى.
- 25 - نويابر — 1944 - جياڭ جيېشى ۋۇ جوڭشىنغا، جۇ شاۋلىياڭغا خەت يېزىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە قارشى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە 4 ماددىلىق يوليورۇق بەردى.
- 26 - نويابر — 1944 - توققۇزتارا ناھىيىسى ئازاد قىلىندى.
- 27 - نويابر — 1944 - شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدە ھاكىمىيەت قۇرۇپ، سەيدۇللا مەخسۇمنى ھاكىم تەيىنلىدى... تېخىمۇ كۆپ