لوپ بازىرى لوپ ناھىيىسى گە قاراشلىق بازار بۇلۇپ، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى، ئومۇمىي كۆلىمى 38.5 كۋادرات كىلومېتىر، شىمال تەرىپى ھاڭگىيا يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرق تەرىپى بىلەن دول يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا سامپۇل يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي قىسمى بىلەن چارباغ يېزىسى بىلەن قوشنا. قارمىقىدا 18 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 72 مەمۇرىي كەنت گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي نوپۇس سانى 5744 ئائىلە، نوپۇسى 20476 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 20037 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى 417 ئادەم، باشقا مىللەتلەردىن 19 ئادەم. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 264688 مو، ئورمان كۆلىمى 10260 مو، سازلىق 350 مو، قۇملۇق 151 مو، شورلۇق يەر 3411 مو، يول يېرى 340 مو.

لوپ بازىرى

洛浦镇.Lop town

لوپ ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە لوپ ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 18 دانە
نوپۇس 22 مىڭ
يەر مەيدانى 38.5 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت لوپ ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

لوپ بازىرىغا قاراشلىق 18 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار:

  • يېڭى بازار كەنتى،
  • بۇلاق چۈرگەي كەنتى،
  • دول تۈگمەنبېشى كەنتى،
  • قىرقاش كەنتى،
  • دۆۋەت كەنتى،
  • كونا بازار كەنتى،
  • ئوتتۇرا بوشقان كەنتى،
  • ئاچال كەنتى، بوشقان كەنتى،
  • قارا دۆۋە كەنتى،
  • گۈمبات كەنتى،
  • قورغان كەنتى،
  • ئاياغ چاپال كەنتى،
  • باش چاپال كەنتى،
  • چاپال لەڭگەر كەنتى،
  • تاپان كەنتى،
  • جايتېرەك كەنتى،
  • خېنىباغ كەنتى قاتارلقلار.

كىلىماتى تەھرىرلەش

لوپ بازىرى كىلماتى چۆكۈندى تۈزلەڭلىك، قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ، تۆت پەسىل ئېنىق، ئەتىياز پەسلىدە قۇم-بوران كۆپ، ياز پەسلى قۇرغاق، كۈز پەسلىدە تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلەيدۇ، قىش پەسلىدە قار ئاز سوغۇق ئەمەس، ھۆل-يېغىن ئاز، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ، كۈن نۇرى يېتەرلىك، ئىسسىقلىق مىقدارى مول، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قىروسىز مەزگىلى ئۇزۇن. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.5، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃24.5، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃6-، يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 34.5 مىللىمېتىر.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

بازار بويىچە جەمئىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 26210.8 مو، ئاشلىق تېرىش كۆلىمى 21523 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 12 مىليون 960 مىڭ توننا؛ بۇغداي كۆلىمى 11588 مو، كۆممىقوناق 9800 مو، شال 135 مو؛ كېۋەز 3726.66 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 21 مىڭ توننا؛ باشقا ئىقتىسادىي زىرائەتلەر 32777 مو؛ ئورمانچىلىق كۆلىمى 11308.2 مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمىنى 3281 مو، ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 8027.2 مو، ھويلا-ئاراملارنى ئۆزگەرتىكەن ئائىلە 3284 ئائىلە، بىكار يەرلەر 1284 مو، ياڭاق كۆچۈرۈپ تىكىش ئاساس قىلىنغان ئىقتىسادىي كۆچەت 25 مىڭ 2000 تۈپ.

كۆپ قېتىم ھوسۇل ئېلىنىدىغان ستېرېئولۇق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇلغان تېرىقچىلىقتا تاتلىق ياڭيۇ، پىياز قاتارلىق ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەت كۆلىمى 4888 موغا يەتكەن. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران 1.2 مو. 2014-يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 92 مىليون 740 مىڭ 800 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ 61 مىليون 676 مىڭ 600 يۈەن، 2-كەسىپنىڭ 13 مىليون 476 مىڭ يۈەن، 3-كەسىپنىڭ 17 مىليون 477 مىڭ 600 يۈەن. 2014-يىل پۈتۈن بازاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5321 يۈەن.