موڭغۇل ئىستىلالىرى

موڭغۇل ئىستىلاسى دەپ ئاتالغان ھۇجۇملار موڭغۇل ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. موڭغۇللار، 13. ئەسرگە قەدەر بەك بىلىنىپ كەتمەيدۇ. 13. ئەسردە باشلىغان موڭغۇل ئىستىلاسى؛ موڭغۇللارنىڭ چىڭگىزخاننىڭ بايرىقى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقى ياۋرۇپا، جۇڭگو ۋە سىبىرىيە ئويمانلىقلىرىنى ئىستىلا قىلىشىدۇر. موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرگەن چىڭگىزخان بۈيۈك بىر ئىپېراتورلۇق قۇردى. ئارقىسىدىن ئېلىپ بارغان يۈرۈشلىرىدىكى غالىبىيەت بىلەن داڭق چىقارغان چىڭگىزخان قولغا كىرگۈزگەن قەلئەلەردىكى خەلقلەرنى قەتلىئام قىلغانلىقى بىلىنمەكتە ئىدى. شەرقتىن كەلگەن بۇ خەۋەرلەر ياۋروالىقلارنى قورقۇتتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئۇرۇش ۋە 3 مىلىيوندىن 6 مىلىيونغىچە ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەبەب بولغان دەپ قارىلىدۇ. موڭغۇل ئىستىلاسى ۋاقتىدا موڭغۇللار نۇرغۇن شەھەرنى ياغمالاپ نۇرغۇن قەتلىئام سادىر قىلغان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى يۈزىسىدىن نۇرغۇن تۈركىي خەلقنىڭ ئاناتولىيەگە كۆچۈشىگە سەبەب بولغان. يۈز بەرگەن ياغما-تالان، كۆچ، ئۇرۇش قاتارلىق ئۇنسۇرلار ئولتۇراق ھاياتتىكى كۆپلىگەن دۆلەت ۋە خەلققە تەئسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە كۆچمەن خەلقلەر بەكراق تەئسىرگە ئۇچرىغان. دۇنيا تارىخى نوقتىسىدىن موڭغۇل ئىستىلاسى نۇرغۇن ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ توغدۇرغان.

ئاخىرلىشىشى تەھرىرلەش

موڭغۇل ئىستىلاسى ئەڭ ئاخىرىدا 14. ئەسردە ھىندىستاننىڭ ئىستلا قىلىنىشىغىچە دەۋام قىلغان بولسىمۇ تىمۇر ئىمپېراتورلىقىنىڭ يىقىلىشى بىلەن ئاناتولىيەدىكى تەئسىرى تۈگىگەن.
موڭغۇللار بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن دۆلەت قۇرغان، جۇڭگوغا ھۆكۈمران بولغان ۋە ياپونىيەگە قۇشۇن چىقىرىپ، تۇنجى قېتىم ئوكيان نېرىسىدىن ھۇجۇم قىلغان ئەل بولۇپ قالغان. ياۋروپانىڭ سىياسىي كۈچلىرىنى ئۆزگەرتكەن ۋە دۇنياغا دەھشەت سالغان. لېكىن موڭغۇللارقۇرغان دۆلەتلەر داۋاملىق تەخت تالىشىش ۋە تاشقى كۈچلەر يۈزىدىن چارچاپ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن يىقىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان.

موڭغۇل ئىستىلالىرى تەھرىرلەش

  • 1205–1209 شىمالىي جۇڭگونىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1211–1234 جەنۇبىي جۇڭگونىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1218–1220 ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1220-1223, 1235-1330 گۈرجىستان ۋە كاڧكازىيەنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1220–1224 كالكا دەرياسى ئۇرۇشى
  • 1223–1236 ئىدىل - بۇلغان خانلىقىنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1231–1259 كورىيەنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1237–1242 رۇسىيەنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
 
1258 باغدادنىڭ ئىستىلاسى تەسۋىرلەنگەن 14. ئەسىرگە ئائىت بىر مىنياتۇر
  • 1241 پولشانىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1241 ھونگىرىيەنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1241 ئاۋىستىرىيە ۋە شىمالىي ئىتالىيەنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1242 سېربىيە ۋە بۇلغار ئېلىنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1241-1244 ئاناتولىيە\كىچىك ئاسىيانىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1251-1259 ئىران، سۇرىيە ۋە مىسسوپوتامىيەنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1257, 1284, 1287 ۋېتنام سەپەرلىرى
  • 1258 باغدادنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1258-1259 Galych-Volhynia شاھزادىلىكى (ئۇكرائىنا. پايتەخت لۋىۋ)، [[لېتۋانىيە ۋە پولشانىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1260 ئەين جالۇت ئۇرۇشى
  • 1264-1265 بۇلغارىيە ۋە تراكىيە ھۇدۇدلىرىغا ئاقىن (باسقۇن)
  • 1274, 1281 ياپونىيە سەپەرلىرى
  • 1274 بۇلغارىيەگە ئاقىن
  • 1275, 1277 لىتۋانىيەگە ئاقىن
  • 1277 مىيانمار (بېرما)نىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1279 جەنۇبىي جۇڭگونىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1281 سۇرىيەنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1285 ھونگىرىيەنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1285 بۇلغارىيەگە ئاقىن
  • 1287 مىيانمار (بېرما)نىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1286، 1287 پولشاغا ئاقىن
  • 1297, 1299 ھىندىستاننىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1299 سۇرىيەنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى
  • 1222-1327 ھىندىستاننىڭ ئىستىلا قىلىنىشى

موڭغۇل ئىستىلالىرى تۇغدۇرغان بەئزى ئاقىبەتلەر تەھرىرلەش

بەئزى تۈركى قەۋىملەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈشى
باشتا بۈيۈك سەلجۇقىيلارنىڭ، كېيىنچە ئاناتولىيەدىكى سەلجۇق خانىدانىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە يىقىلىشى ۋە ئىككىنچى قېتىم ئاناتولىىيە يېرىم ئارىلىدا بەگلىك دەۋرىنىڭ باشلىنىشى
ئابباسىي خەلىپىلىكىنىڭ يىقىلىشى
جۇڭگو تۇپراقلىرىنىڭ قولغا كىرگۈزىلىشى بىلەن يىپەك يولىنىڭ باشقۇرۇشى موڭغۇللارنىڭ قولىغا ئۆتتى.
رۇسلارنىڭ ئىپېراتورلۇق خىيالى توختاپ قالدى.
ئاسىيا ۋە ياۋروپادا بىر مۇنچە موڭغۇل دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشى
نۇرغۇن خەلقنىڭ ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتۈشى
[[خەلىڧەلىك|خەلىڧەلىكنىڭ مىسىرغا كۆچۈشى
مەملۈكىيلەرنىڭ كۈچىيىشى
موڭغۇللارنى يەڭگەن ياپونىيىنىڭ 19- ئەسرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر خەلقئارادا تاشقى كۈچلەرگە ئىشىكنى ئېتىشى


ئۇلىنىشلار تەھرىرلەش

Timeline_of_the_Mongol_Empire - ئىنگىلىزچە ۋىكىپېدىيا

Moğol_istilaları - تۈركچە ۋىكىپېدىيا

موڭغۇللارنىڭ ئافرىقا يۈرۈشى ۋە تارىخ چاقىنى بۇرىغان مەغلۇبىيىتى