يېڭىيەر يېزىسى (قاراقاش ناھىيىسى)

يېڭىيەر يېزىسى قاراقاش ناھىيىسى نىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان، شەرق تەرىپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىقخوتەن ناھىيىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەرپ تەرىپى 47-تۈەن 1-لىيەن 2-لىيەن ۋە قوچى يېزىسى بىلەن، شىمال تەرىپى كاۋاك يېزىسى، جەنۇب تەرىپى تۈۋەت يېزىلىرى بىلەن چېگرالىنىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە 111 كىلومىتىر كىلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1317~1337 مېتىر بۇلۇپ، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 74 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىغۇ يەر كۆلىمى 28688 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى 1.21 مو.

يېڭىيەر يېزىسى

英也尔乡.Yéngiyer Town

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە قاراقاش ناھىيىسى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 27 دانە
نوپۇس 12 مىڭ
تور بېكەت قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

يېڭىيەر يېزىسىدا جەمئىي 12 مەمۇرىي كەنتە بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  • 1.ئىمامى ئەسكەر كەنتى؛
  • 2.قۇميايلاغ كەنتى؛
  • 3.جانان كەنتى؛
  • 4.سىياۋاغ كەنتى؛
  • 5.قارۋاغ كەنتى؛
  • 6.سەككىز پارچە كەنتى؛
  • 7.قوشقوغاچ كەنتى؛
  • 8.مىلىكاۋات كەنتى؛
  • 9.ئاق ئۆستەڭ كەنتى؛
  • 10.يىڭىيەر كەنتى؛
  • 11.سۇقۇلۇغ كەنتى؛
  • 12.كۈكئېغىل كەنتى؛

ئىقلىمى تەھرىرلەش

يېڭىيەر يېزىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆللۈك كېلىماتقا تەۋە بولۇپ، تۆت پەسىل ئېنىق، يازدا تومۇز ئىسسىق بولىدۇ.ئەتىيازدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىيدۇ، كۈز پەسلىدە تېمپراتۇرا تېز، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 12.5-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃6.5-، قىروسىز مەزگىلى 177 كۈن، يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2250 سائەت.