19 - ئەسر | 20 - ئەسر | 21 - ئەسر
1931 | 1932 | 1933 | 1934 | 1935 | 1936 | 1937
تۈرلۈك تەقۋىملەردە 1934
مىلادى 1934
MCMXXXIV
Ab urbe condita 2687
باھائىي 90 – 91
بېنگال 1341
بەربەرىي 2884
بېرمانيا 1296
ۋىزانتىي 7442 – 7443
بۇددىسىت 2478
ئەرمەنىي 1383
ԹՎ ՌՅՁԳ
ئېفئوپىيە 1926 – 1927
ھىجرىيە 1352 – 1353
ھىندۇ
 - كالى يۇگا 5035 – 5036
 - شاكا سامۋات 1856 – 1857
 - ۋىكرام سامۋات 1990 – 1991
ھولوسەن 11934
ئىبرانىي 5694 – 5695
ئىران 1312 – 1313
قىپتى 1650 – 1651
كورىيان 4267
تايلاند قۇياش 2477 1934

1934 (MCMXXXIV) يىلى ئىسە بويىچە دۈشەنبە كۈنى باشلانغان يىلدۇر.

ۋەقەلەر تەھرىرلەش


پايتەخت كاشغەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تەھرىرلەش

 
كاشغەرنىڭ جوغراڧىيىلىك ئورنى

1934- يىلى قەشقەر خەلقى ئۈچۈن ياراشمىغان بىر يىل بولدى. چۈنكى بۇ يىل كىرگەندىن تارتىپ چىقىپ كەتكىچە قەشقەر خەلقىگە ياخشىلىق بولمىدى.

بىرىنچى يېرىم يىلدىكى زور ۋەقەلەر تەھرىرلەش

1- ۋەقە: تەھرىرلەش

1934 - يىلى كىرىش بىلەن قەشقەر يېڭى شەھەردىكى ئۇرۇش تازا تىركىشىش دەۋرىگە كىردى.

1933 - يىل 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى (چارشەنبە) باشلانغان بۇ ئۇرۇش 11 - ئاينىڭ كىرىشى بىلەن 140 - كۈنىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، يېڭىش - يېڭىلىش بولماي ئۇرۇش يەنىلا داۋاملىشىۋەردى. بۇ 5 ئايلىق ئۇرۇش قەشقەر خەلقىگە غايەت زور زىيانلارنى كەلتۈردى.

قىرغىز ئوسمان ئەلىنىڭ باش قوماندانلىق دەۋرى ھېسابلانغان 8- ئايدىن 10- ئايغىچە بولغان 3 ئايلىق مەزگىل ئۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ دەۋرى بولسىمۇ، لېكىن ئاڭسىزلىق، ئىتتىپاقسىزلىق، باشباشتاقلىققنىڭ ئەۋج ئېلىشى بارلىق تىرىشچانلىقنى بوشقا كەتكۈزىۋەتتى. ئوسمان ئەلى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ياخشى ئىجرا قىلالمىغاچقا، 10- ئايدا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. سابىت داموللا ھاكىمىيىتى رەھبەرلىكنى قولغا ئالدى.

يېڭى شەھەر ئۇرۇشى تېخىچە داۋام قىلماقتا ئىدى. 11-، 12- ئايلار قانچە-قانچە تىركىشىشلەر بىلەن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇرۇشتىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى. 11- ئاينىڭ باشلىرى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن خوجانىياز ھاجىنىڭ ئاقسۇنى تاشلاپ قەشقەرگە كېلىشى ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى.

2- ۋەقە تەھرىرلەش

جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھاپىزەت باش قوماندانى خوجانىياز ھاجى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى جەنۇبتىكى مۇھىم بازىسى ئاقسۇنى تاشلاپ قەشقەرگە كەلدى. ئۇنى باش ۋەكىل سابىت داموللا باشچىلىقىدىكى ئەربابلار كۈتۈۋالدى. خوجانىياز ھاجى قەشقەرگە كېلىپلا، يېڭى شەھەرنى ئېلىش ئۈچۈن ماجەنساڭغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقا ئاتلاندى. خوجانىياز ھاجى سابىت داموللىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى بىلەن بىرلىكتە يېڭى شەھەرنى 4 تەرەپلەپ قورشاپ، 2-3 كۈن ئىچىدىلا ماجەنساڭ قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ سېپىل ئىچىگە كىرگۈزىۋەتتى. بۇ نۆۋەت خوجانىياز ھاجىنىڭ قوشۇنلىرى ئالاھىدە پىداكارلىق كۆرسەتتى. ماجەنساڭ يېڭى شەھەرنىڭ ئېگىز سېپىللىرىنىڭ دالدىسىدا كۈن كۆرۈشكە مەجبۇر بولدى. ماجەنساڭنىڭ تۈۋرۈكى سانالغان ئاتاقلىق بىرىگادا كوماندىرى كامازا يېڭى شەھەر سېپىلى يېنىدىكى بىر ئۇرۇشتا ھالاك بولۇپ، ماجەنساڭنىڭ مەغلۇبىيىتى ئايدىڭلىشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن مەجەنساڭ بۇنىڭلىق بىلەن بوشىشىپ قالمىدى بەلكى يېڭى شەھەرنى جان تىكىپ قوغدىدى. نەتىجىدە خوجا نىياز ھاجىنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلگەن ماجۇڭيىڭنىڭ يېتىپ كېلىشى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن 167 كۈن داۋاملاشقان يېڭى شەھەر ئۇرۇشى تۇڭگانلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلاشتى.

3- ۋەقە تەھرىرلەش

مافۇيۈەننىڭ قەشقەرنى ئىستىلا قىلىشى

«باش قوماندان» دەپ ئاتالغان مافۇيۈەن 11- ئاينىڭ 28- كۈنى قەشقەرگە باستۇرۇپ كىردى. ئۇنى مارالبېشىدا خوتەن ئەسكەرلىرى، پەيزاۋاتتا ھەمدەم بەگ ھاجى، يۈسۈپجان قۇربېشىلار توسقان بولسىمۇ، شەھەرنى ساقلاپ قېلىشقا ئامال قىلالماي، 27- چىسلا كېىسى شەھەرنى بوشىتىپ چىقىپ كەتتى. تۇڭگانلار ھېچبىر توسالغۇسىزلا كونا شەھەرنى ئىگىلىۋالدى، يېڭى شەھەردىكى ماجەنساڭ ئۇلار بىلەن بىرلەشتى.

خوجانىياز ھاجى يەكەنگە كەتتى، سابىت داموللا يېڭىسارغا بېرىۋالدى. مەھمۇت مۇھىتى يېڭىسار ئەتراپىغا ئورۇنلاشتى. سابىت داموللىغا قاراشلىق قوشۇنلار قەشقەر شەھىرىنىڭ 4 ئەتراپىغا ئورۇنلىشىۋالغانىدى، يەنى ھەربىي ئىشلار نەزىرى قىرغىز ئوراز بەگ ئۇلۇغچات تەرەپتىكى تاغ ئاغزىغا، زەيدىن كارۋان باشچىلىقىدىكى بىرىگادا ئۈستۈن ئاتۇش تاغلىرىغا، كىچىك ئاخۇن باشچىلىقىدىكى بىرىگادا ئاستىن ئاتۇش تاغ ئاغزىغا، مۇھاپىزەت قوماندانى ئۆزبېك يۈسۈپجان قۇربېشى ئوپال تاشمىلىق تەرەپكە ئورۇنلاشقانىدى. شۇڭا مافۇيۈەن، ئەمەلىيەتتە، شەھەر ئىچىگىلا «خان» بولغانىدى. شەھەر خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى يېزىلارغا چىقىپ كەتكەنىدى.

مافۇيۈەن قوشۇنلىرى يېقىلغۇ، يەم-خەشەكتىن قاتتىق قىيىنلىشقا باشلىدى. چۈنكى بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يېزىدىن كېلەتتى. مافۇيۈەننىڭ «زىۋازا (ئوغرىلار)» دەپ ئاتالغان رەقىبلىرى شەھەرنىڭ بىقىنىدىكى يېزىلارغا يوشۇرۇن كېلىپ، مافۇيۈەن قوشۇنلىرىغا لازىملىق نەرسىلەرنى ئالغۇزمىدى، يېزىغا بارغانلارنى ئەدەپلىدى. ھەتتا تۈمەن دەرياسىغا سۇغىرىشقا ئېلىپ چىققان ئاتلارنى بۇلاپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىپ تۇردى. بۇ ئەھۋاللار مافۇيۈەننى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئارىنى پارچىلاش سۈئىقەستى پەقەت ئاستىن ئاتۇشلۇق رېشىتەمنى جەلپ قىلدى. رېشىتەم 40 تەك ئادىمى بىلەن كىچىك ئاخوننىڭ سېپىدىن قېچىپ چىقىپ تەسلىم بولدى. مافۇيۈەن ئۇنىڭغا «پارتىزانلار قوماندانى» دەپ نام بەردى.

4- ۋەقە: قەشقەردە قەتلىئام تەھرىرلەش

مافۇيۈەن 2- ئاينىڭ 6-ۋە 7- كۈنلىرى قەشقەر خەلقىنى قاتتىق قىرغىن قىلدى. يېڭى شەھەر ۋە كونا شەھەردىكى ئەسكەرلەرمۇ شەھەر خەلقىنى قىرغىن قىلدى. دۇكان-ساراي، ئۆيلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، قىز-ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلدى، كىشىلەرنى ئالتۇن-كۈمۈش بېرىشكە قىستاپ دارغا ئاستى، قىينىدى، بەدەنلىرىگە تۆمۈرنى قىزىتىپ ياقتى، چانىدى، ئاتتى. بۇ قېتىملىق چوڭ قىرغىنچىلىقتا قەشقەر شەھەر خەلقىدىن 6000 دىن ئارتۇقراق ئادەم ئۆلدى. بۇنىڭغا ئۆزبېك پولكىدىن قوچقارباي دېگەن ئۆزبېك كىشىنىڭ مافۇيۈەننىڭ ئاتۇشقا «بېرىشى» دىن پايدىلىنىپ، 100 قۇراللىق كىشىنى باشلاپ شەھەرگە باستۇرۇپ كىرىشى سەۋەب بولغانىدى. بۇ كۈن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس قانلىق بىركۈن ھېسابلىنىدۇ.

مافۇيۈەن بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، قىرغىنغا ئۇلاپلا 15 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان شەھەر ياشلىرىدىن 300 ياشنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ كەتتى. بۇلارنى مەشىق قىلدۇرۇپ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتتى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئارغۇ، يېڭىسارلاردىكى سوقۇشلاردا ئۆلۈپ كەتتى. سالامەت قالغانلىرى 1937- يىلدىكى ئىسياندا ئۆلۈپ كەتتى. ئىنتايىن ئاز ساندىكىسى ماخۇسەن يوقالغاندىن كېيىن ئاھالىسىگە قايتىپ كەلدى.

5- ۋاقە: ئاتۇشتىكى پاجىئەلەر تەھرىرلەش

مافۇيۈەن ئۆزبېكلەرنىڭ تەسىرىنى تازىلىغاندىن كېيىن، ئاتۇشنى «تىنچلاندۇرماقچى» بولدى-دە، قوشۇنلىرىنى ئېلىپ ئۇچتۇرپاندىن بىللە ئېلىپ كەلگەن قىرغىز قۇلىبەگنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاتۇشقا يۈرۈپ كەتتى. شەھەرنى قوغداش قوماندانى كىچىك ئاخۇن تاغ ئاغزىنى توسماي، بىرىگادىسىنى ئېلىپ تاغقا چىقىۋالغاچقا، مافۇيۈەن ئاتۇشقا توسالغۇسىز باستۇرۇپ كىردى. رېشىتەمنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئازاق كەنتىگە بېرىپ، سابىت داموللىنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈردى. نەرسە-كېرەكلىرىنى بۇلىدى. تېجەنگە بېرىپ، كىچىك ئاخۇننىڭ بۇندىن 2 ئاي بۇرۇن ئۇرۇشتا قۇربان بولغان پولك كوماندىرى يۈسۈپ ئاخۇن قاتارلىق بىرقانچە كىشىنىڭ ئۆيىنى بۇلىدى ۋە ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى. بىرمۇنچە كىشىنى ئورۇنسىز ئېتىۋەتتى. ئۇلار بۇ يەردىن ئۆتۈپ ئۈستۈن ئاتۇشقا باردى. ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن بۇ يەردىكى زەيدىن كارۋان بىرىگادىسى تاغقا چىقىۋالغان، قىرغىز جانىبەگ تاغ ئارىلاپ مۇشۇ تەرەپكە كىلىۋالغانىدى. تۇڭگانلار بۇ يەرگە كەلگەندە كەچ كىرەي دەپ قالغانلىقتىن، ئازاق، بەيساق، دىخانلار، يولچىدىن ئىبارەت 4 يولنىڭ تۈگۈنىدە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە چۈشكۈن قىلماقچى بولدى. بۇنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كىشى ئۆي-ۋارانلىرىنى تاشلاپ كەتتى، قاچالماي قالغان 13 ئەر، 5 ئايال مۇھەممەت ئېلى ئاخۇن دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە قېچىپ بېرىۋالدى. بۇ ئۆيگە قەشقەر شەھىرىدە ئۇزۇن يىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان يۈسۈپ تۇڭگان دېگەن كىشى ئوغلى نۇر ئاخۇن بىلەن مالىمانچىلىقتىن قېچىپ كېلىۋالغانىدى. ھېلىقى 13 ئەر، 5 ئايال مۇشۇ 2 تۇڭگاننىڭ سايىسىدە ئامان قېلىش ئۈمىدىدە كەلگەنىدى. يۈسۈپ تۇڭگان تىنچلىق بەلگىسى بولغان ئاق بايراقنى ئۆگزىسىگە قاداپ، ئۆزى ھەم ھەمرالىرىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى. لېكىن مافۇيۈەن قوشۇنى ئاق بايراقنى كۆرۈپلا «ئوغرىلار بار ئىكەن» دەپ ئويلاپ ئۆيگە يامغۇردەك ئوق ياغدۇردى. ئوق توختىغاندىن كېيىن يۈسۈپ تۇڭگان ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، مافۇيۈەن ئەسكەرلىرى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، 5 نەپەر قېرى-چۈرى ئايالنى ئايرىپ قېلىپ، قالغان 13 كىشىنى ئېتىپ تاشلىدى. 2 كىشى يارىلىنىپ ساق قالدى. يۈسۈپ بىلەن نۇر ئاخۇننى تۇڭگانلار ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى. تۇڭگانلار توپا دېگەن جايغىچە بېرىپ ئاتۇش خەلقىگە بىرقۇر ھەيۋە كۆرسەتكەندىن كېيىن شەھەرگە قايتتى.

6- ۋەقە: ئارغۇدىكى سوقۇش تەھرىرلەش

2- ئاينىڭ ئاخىرلىرى مافۇيۈەن بىلەن خوجانىياز ھاجى ئوتتۇرىسىدا ئاتۇش ئارغۇدا توقۇنۇش يۈز بەردى. خوجانىياز ھاجى يەكەندە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن سىمخانىغا بېرىش ئۈچۈن ئاتۇشقا كەلدى. مافۇيۈەن بىلەن خوجانىياز ھاجى ئوتتۇرىسىدا ئارغۇدا قاتتىق سوقۇش بولۇپ، مافۇيۈەن خېلى چىقىم تارتقان بولسىمۇ، يەنىلا غەلىبە قازاندى. خوجانىياز ھاجى نۇرغۇن نەرسىلىرىنى ئولجا بېرىپ، مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتتى. تۇڭگانلار ئاتۇشنى يەنە بىر قېتىم مالىمان قىلىپ، بىرنەچچە جايغا ئوت قويۇپ، قىرغىنچىلىق، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، شەھەرگە قايتىپ كەتتى.

ئۈستۈن ئاتۇشقا باستۇرۇپ بارغان زەيدىن كارۋان بىلەن مافۇيۈەن ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقتا بىرگە ئۆتۈش ئەھدىنامىسى تۈزۈلگەچكە، زەيدىن كارۋاننىڭ بىرىگادىسى ساقلىنىپ قالدى.

7- ۋەقە: يېڭىسار ئۇرۇشى تەھرىرلەش

2-، 3- ئايلاردا مەھمۇت مۇھىتى ئەسكەرلىرى يېڭىسارنىڭ قايراق تاغلىرىدا مافۇيۈەن قوشۇنلىرى بىلەن قاتتىق سوقۇشتى. مافۇيۈەن قوشۇنى ئۇلارنى چېكىندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ يېڭىسار ھەربىي قەلئەسىگە كىرىۋېلىشى بىلەن يەنە ئۇرۇش پارتلىدى. «ئىمىر ساھىب» دەپ ئاتالغان نۇرئەھمەتخان قەلئە ئىچىدە تۇرۇپ مافۇيۈەن بىلەن بىر يېرىم ئايدەك سوقۇشتى. مافۇيۈەن بىلەن ماجەنساڭنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى قەلئەگە كۆپ قېتىم تېگىش قىلىپ قاتتىق قامال قىلغان بولسىمۇ، خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق پىداكارلىق كۆرسىتىشى بىلەن ھېچبىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. قەلئەدىكىلەر سېپىلغا ياماشقان تۇڭگانلار ئۈستىدىن كىرىسىن، قىزىتقان ياغ تۆكۈش، ياغاچ، تاش قاتارلىق نەرسىلەرنى تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنى كۆپ تالاپەتكە ئۇچراتتى.

بىراق، قۇربان ھېيت كۈنى خوتەن ئەسكەرلىرى «مۇسۇلمانلار بۇ ئۇلۇغ كۈندە ئۇرۇش قىلمايدۇ» دېگەن ئەقىدە بىلەن بىخۇتلىشىپ، خاتىرجەم ھېيت نامىزىنى ئۆتەۋاتقاندا، تۇڭگانلار ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ سېپىلنى ئىگىلىۋالدى. نەتىجىدە دەھشەتلىك كوچا ئۇرۇشىدا نۇرئەھمەتخان قۇربان بولدى. بۇنىڭغا ياردەمگە كەلگەن ئاكىسى ئەمىرشاھ مەنسۇر ئابدۇللاخان يېڭىسارغا باستۇرۇپ كېلىپ، «شېھىدنىڭ جايى» دەپ ئاتالغان جايغا كەلگەندە مۇھاسىرىدە قېلىپ، قاتتىق ئېلىشىشتىن كېيىن قۇربان بولدى. شۇنداق قىلىپ يېڭىسار شەھىرى تۇڭگانلارنىڭ قولىغا ئۆتتى.

8- ۋەقە: ما جۇڭيىڭنىڭ قەشقەرگە كىرىشى تەھرىرلەش

مافۇيۈەن سەرمەن، بورىخىلتاي (ھازىرقى بۇلاقسۇ يېزىسى) تاشمىلىق دېگەن جايلاردا ئۆزبېك قىسىملىرى بىلەن بىرنەچچە قېتىم توقۇنۇشقان بولسىمۇ، نۇرغۇن چىقىم تارتىپ ھېچ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. 4- ئايدا ئۈرۈمچى تەرەپتىن ماجۇڭيىڭنىڭ نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن يېتىپ كېلىشى نەتىجىسىدە يۈسۈپجان قۇر بېشى بۇ جايلارنى تاشلاپ تاشقورغانغا كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مافۇيۈەننىڭ قولى بوشاپ ھۇجۇمنى قىرغىزلارغا قاراتتى.

مافۇيۈەن دەسلەپ قىرغىزلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە شەھەر بايلىرى ۋە مۆتىۋەرلىرىدىن بىرنەچچە كىشىنى ئەۋەتتى. ئۇلار قىرغىزلار بىلەن مۇزاكىرىلىشىۋاتقان پەيتتە تۇڭگانلار ئۇشتۇمتۇت قىرغىزلارغا ھۇجۇم قىلىپ قىرغىزلارنى باسقىن قىلدى. قىرغىزلار توزاققا چۈشكەندىن كېيىن تېزلا ئۆزىنى ئوڭشاپ قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، تۇڭگانلارنى چېكىندۈردى. ۋەكىللەردىن ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇم قىرغىزلار قولىغا چۈشۈپ «خىيانەتچىنىڭ ۋەكىلى» دېگەن ئاتاق بىلەن ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا، تۇڭگانلار بىلەن بولغان ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ قېچىپ قۇتۇلدى.

9- ۋەقە تەھرىرلەش

«گاسىلىڭ» (بالا قوماندان) دەپ ئاتالغان ماجۇڭيىڭ 5- ئاينىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىدىن چېكىنىپ قەشقەرگە كەلدى. ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ ھاۋارايىمۇ قاتتىق بۇزۇلۇپ كەتتى. قەشقەر شەھىرىنى قاپلىغان قاتتىق تۇمان، قاراڭغۇلۇق 3 كۈنگىچە تارقالمىدى. دەسلەپكى كۈنى خۇددى تۈن ئۇزارغاندەك تاڭ يورىماي قاراڭغۇلۇق بىرنەچچە سائەت ئۇزاق داۋاملاشتى. تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ئالەمنى ئوتقاشتەك قىزىللىق قاپلاپ كىشىلەر كۆزلىرىنى ئاچالماي قالدى. كىشىلەر بۇ ئىشقا قىيامەت قايىم بولدى، ماجۇڭيىڭنى قەشقەرنىڭ ئەزىزلىرى خالىمىدى، دەپ تەبىر بېرىشتى.

ماجۇڭيىڭ قەشقەرگە كېلىپلا سوۋېت كونسۇلخانىسىغا ئۇرۇنلاشتى. ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلىرى، ئاساسەن، كونسۇلخانىنىڭ توپ مەيدانىدا توپ ئويناش بىلەن ئۆتتى. كونسۇلخانىنىڭ ئەتراپىنى بىرنەچچە يۈز قۇراللىق تۇڭگان مۇھاپىزەت قىلىپ تۇراتتى. 7- ئاينىڭ باشلىرىدا ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرىنى قالدۇرۇپ روسىيىگە ئۆتۈپ كەتتى. بۇ جەرياندا تۇڭگانلار يەكەنگە باستۇرۇپ بېرىپ خوجىنىياز ھاجىنى قوغلىدى.

10- ۋەقە: سابىت داموللىنىڭ تۇتۇلۇشى تەھرىرلەش

باش ۋەكىل سابىت داموللا يەكەنگە قايتىپ كەلگەنىدى. خوجانىياز ھاجى سىمخانىغا بېرىپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال ئېلىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن سابىت داموللا ھۆكۈمىتى قورال ئېلىشقا توسقۇن بولغانلىقتىن، ئۇلارنى تۇتۇپ بېرىشكە توغرا كەلدى.

تۇتۇلۇش تىزىملىكىدىكى كىشىلەردىن ئابدۇللاخان، شەمسىدىن داموللا قاتارلىقلار سېزىپ قېلىپ قېچىپ كەتتى. ھەربىي تەمىنات باشلىقى سۇلتان جانىبەگ (ئۆزبېك)، زېرىپ قارى ھاجى (ئۆزبېك) لار تۇتۇلدى، داموللىغا جاراھەت چىقىپ يېتىپ قالغانلىقتىن، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئادەملىرى ئۇنى ھەرەمباغدىكى جايىدىن تۇتۇپ، بۇ 3 كىشىنى كىشەنلەپ بىردىن مەپىگە ئولتۇرغۇزۇپ، قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن ئېلىپ ماڭدى. بۇلار پوسكامدىن ئۆتۈپ، ئىككىسۇغا يېقىن بارغاندا، سۇلتانجان تاھارەت سۇندۇرۇش باھانىسى بىلەن مەپىدىن چۈشۈپ سازلىق ئارىسىغا كىرىپ غايىپ بولدى. قوراللىقلار قانچە تەھدىت ۋە تىنتىشلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇنى تاپالمىدى. ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتۈردى. شۇنداق قىلىپ سۇلتانجان قۇتۇلۇپ كەتتى.

قالغان ئىككەيلەننى قاغىلىق تەرەپكە ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يول يۈرۈش تەسلىشىپ، مەكىت تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى. مەلۇم جايغا كەلگەندە تۇڭگانلار قوغلاپ كېلىپ قاتتىق توقۇنۇش بولدى. سوقۇش جەريانىدا خوجىنىياز ھاجى مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. تۇڭگانلار نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىنى غەنىيمەت ئالدى. خوجانىياز ھاجى قوشۇنى ئاقسۇغا يېتىپ كەلگەندە، زېرىپ قارى ھاجىنى سوۋېت تەرەپ، سابىت داموللىنى شېڭ شىسەي تەرەپ ئېلىپ كەتتى.

خوجانىياز ھاجى شۇ سەپىرىدە مەكىت، مارالبېشى ئارىلىقىدىكى ئاياغ شاقۇر دېگەن جاينى ئايلىنىپ ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم تۇڭگانلارنىڭ قورشاۋىدا قالدى، ئۇ تۇتۇلۇشقا ئاز قالغاندا، بىر قانچە تۆگىدىكى ئوق-دورىنى تۇڭگانلارغا تاشلاپ بېرىپ، ئۇلار ئولجا تالىشىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ قۇتۇلدى-دە، ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئاقسۇ ئاۋاتقا يېتىۋالدى. ئاقسۇ ئاللىقاچان ماجۇڭيىڭنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىغانىدى.

11- ۋەقە تەھرىرلەش

خوجانىياز ھاجى جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھاپىزەت باش قوماندانلىقىدىن ۋاز كېچىپ، قوشۇنلىرىنى مەھمۇت مۇھىتىغا قالدۇرۇپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە كەتتى. خوجانىياز ھاجىنىڭ ئەسكەرلىرى شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋاقىتلىق 6- دېۋىزىيىسى تەركىبىگە كىرگۈزۈلدى. مەھمۇت مۇھىتى گېنېرال لېيتېنات ئۇنۋانى بىلەن دېۋىزىيە قوماندانى بولدى. قوشۇنمۇ قايتا تەشكىللەندى. ئۇلار مارالبېشىدىكى تۇڭگانلارنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن، پولات تۇەنجاڭنى 1 پولك ئەسكەر بىلەن يەكەنگە يولغا سالدى. سەمەت ھاجى تۇەنجاڭنى 1 پولك ئەسكەر بىلەن يېڭىساردا قالدۇرۇپ، سالىھ لۈجاڭ، پازىل لۇجاڭ باشلىق قالغان ئەسكەرلەرنى ئېلىپ قەشقەرگە كەتتى.

12- ۋەقە تەھرىرلەش

ماجۇڭيىڭ سوۋېتكە ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاچىسىنىڭ ئېرى ماخۇسەن 36- دېۋىزىيىنىڭ باشلىقى بولغانىدى.

ماخۇسەن ماجۇڭيىڭدىن كېيىن قەشقەردە بىر مەزگىل تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى ئۇنى قەشقەرنى بوشىتىشقا مەجبۇر قىلدى. بولۇپمۇ مارالبېشىنىڭ قولدىن كېتىشى ئۇنىڭ قېچىشىغا تۈرتكە بولدى. 7- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۇنىڭ قوشۇنى خوتەنگە ئاتلاندى. ئالدىنقى سەپ قوشۇنى يەكەندىن ئۆتۈپ، خوتەن ئەمىرلىرىنى قېچىشقا مەجبۇر قىلىپ، خوتەننى تارتىۋالدى.

ماخۇسەننىڭ قالدۇق قىسىملىرى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى كېچىسى خوتەندە يەنە بىر قېتىم بۇلاڭچىلىق، قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كېتىشتى.

ئىككىنچى يېرىم يىلدىكى زور ۋەقەلەر تەھرىرلەش

1934- يىلنىڭ 1- يېرىمى ماجۇڭيىڭ ئىستىلاچىلىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتى بىلەن ئۆتتى. 2- يېرىمى شىنجاڭدا تىكلەنگەن يېڭى ھۆكۈمەت دەۋرىگە توغرا كەلدى. بۇ مەزگىلدىكى ۋەقەلەر تۆۋەندىكىچە:

1- ۋەقە تەھرىرلەش

7- ئاينىڭ 18- كۈنى قەشقەردىكى تۇڭگانلار قىسمى پۈتۈنلەي كەتكەن بولۇپ، شەھەر تىنچىلىقىنى ساقلاشقا رېشىتەمنىڭ ئەسكەرلىرىلا قالدۇرۇلغانىدى.

بىرنەچچە ئايدىن بېرى شەھەر قاتتىق چۆلدەرەپ كەتكەن بولۇپ، خەلق پۈتۈنلەي دېگۈدەك يېزىلارغا چىقىپ كەتكەنىدى. تۇڭگانلار كېتىشى بىلەن، ئۈستۈن ئاتۇش بىرىگادىسىدىكى ئەسكەرلەرنى بىرنەچچە يۈز كىشى پولىك كوماندىرى ئابدۇغوپۇر داموللام ۋە پولك كوماندىرى ئىدرىس ئاكىلارنىڭ باشچىلىقىدا تاغدىن چۈشۈپ شەھەرنى ئۆتكۈزۈۋالدى. بۇ كۈنى قەشقەر شەھىرى بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. يېزىغا چىقىپ كەتكەن كىشىلەر قايتىپ كېلىپ ئۆز ئۆيلىرىگە ماكانلاشتى.

7- ئاينىڭ 20- كۈنى قەشقەر خەلقىنىڭ يەنە بىر خۇشاللىق كۈنى بولدى. چۈنكى بۇ كۈنى مەھمۇت مۇھىتى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەنىدى.

مەھمۇت مۇھىتى ئىلگىرىكى دوتەي يامۇلىغا ئورۇنلاشتى. پولك كوماندىرى قۇربان نىياز گاجىدىنىڭ ئەسكەرلىرى ھېيتگاھ مەيدانى ۋە يارباغ ئەتراپىدىكى سودا دۇكان-سارايلىرىغا، پولك شتابى بولسا ئەنجان كوچىسىدىكى ئاخۇنبايوف ئابدۇرېھىم ۋە ئابدۇللا بايۋەچچىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتى. غوپۇر تۇەنجاڭ باشچىلىقىدىكى 1 پولك ئەسكەر يۇمىلاق شەھەر قەلئەسىدىكى گازارمىلارغا، پولك شتابى مەرھۇم تۆمۈر سىجاڭ چۈشكەن ھىسامىدىن باينىڭ بېغىغا ئورۇنلاشتى. قۇرباننىيازنىڭ قارىمىقىدىكى 2- ليەن بىرمەزگىل شەھەر ئامانلىقىنى قوغدىدى. مەھمۇت سىجاڭ گارنىزون قوماندانلىقىنىمۇ قوشۇمچە ئۈستىگە ئالدى.

مەھمۇت مۇھىتى كېلىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، گۇڭ جىڭخەن دېگەن كىشىنىڭ قوماندانلىقىدا 1 خەنزۇ پولك يېڭى شەھەرگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. گۇڭ جىڭخەن گۇڭشەن يۈسى دەپمۇ ئاتىلاتتى. ئۇنىڭ مەنىسى «ھال سورىغۇچى» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ «تەشۋىق ئارقىلىق تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش» ۋەزىپىسى بىلەن كەلگەنىدى.

ئاز كۈندىن كېيىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى ما شاۋۋۇ يېڭى شەھەردىن يۇمىلاق شەھەر قورغانچىسىدىكى دوتەي يامۇلىغا كۆچۈپ كىردى. بۇ كۈنلەردە كونا شەھەرگە ياقۇپبەگ «لاۋسى» ھاكىم ئىدى.

2- ۋەقە: ما شاۋۋۇغا قىلىنغان قەست تەھرىرلەش

ما شاۋۋۇ كۈندۈزلىرى يامۇلغا كىرىپ ۋەزىپە ئۆتسە، كەچقۇرۇن شەھەردىن بىرنەچچە كىلومېتىر نېرىدىكى كاتتا بېغىغا چىقىپ كېتەتتى. ئۇ چۈشكەن ئىزۋاش (پوچتا) نىڭ ئالدى-كەينىدە 30 دەك قوراللىق مۇھاپىزەتچى ئۇنى قوغداپ ماڭاتتى.

9- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچ سائەت 5 لەر ئۆپچۆرىسىدە ئۇ ئادەت بويىچە بېغىغا چىقىپ كېتىپ باراتتى. ئالتە بازار تەۋەسىدىن ئۆتۈپ سايلىقتا كېتىۋاتقاندا، ئالدى-ئارقىدىن بىر گۇرۇھ ئۇزۇن چاپانلىق قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ما شاۋۋۇنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ئۇلارنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ھەر تەرەپكە قېچىپ كەتتى. يالغۇز قالغان ماشاۋۋۇنىڭ پۇتىغا ئوق تېگىپ، ئاران تەسلىكتە بىر پانا جايغا مۆكۈنىۋېلىپ قۇتۇلدى. نامەلۇم قوراللىقلار بىرقانچە تال قورالنى ئولجا ئېلىپ غايىپ بولدى. ما شاۋۋۇ سوۋېت كونسۇلخانىسىغا كىرىپ داۋالاندى.

3- ۋەقە تەھرىرلەش

ما شاۋۋۇنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بولغان بىرنەچچە تۇڭگان يىگىت ما شاۋۋۇنى تاشلاپ غايىپ بولدى. بۇلار يول ئارىلاپ يوشۇرۇنچە يەكەن دەرياسىغا يېتىپ كەلدى. يەكەن دەرياسى «چېگرا جاي» بولۇپ، دەريانىڭ ئۇ قېتىدا ما خۇسەن قوشۇنى، بۇ تەرىپىدە پولات تۇەنجاڭ قوشۇنى بار ئىدى. تۇڭگان يىگىتلەر يېتىپ بارغان كېچىسى دەريانى ساقلاۋاتقان بەئدى ليەنجاڭ ئەسكەرلىرى بىخۇدلۇق قىلىپ ئۇخلاپ قالغانىدى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان تۇڭگانلار پوستتىكى ئەسكەرلەرنىڭ قوراللىرىنى ئېلىپ دەريادىن ئۆتۈپ ماخۇسەن تەرەپكە بەدەر تىكىۋەتتى. شۇ سەۋەبتىن قاراۋۇللار قاتتىق جازالاندى، ۋەزىپىگە سۇسلۇق قىلغان بەئدى ليەنجاڭ قەشقەردە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىندى.

4- ۋەقە تەھرىرلەش

ما شاۋۋۇ قەشقەردە بىر مەزگىل دۋالانغان بولسىمۇ، ئوق بىر پۇتىنى چېقىۋەتكەچكە، چەتتە داۋالىنىشقا توغرا كېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتىلدى. ئۇ سوۋېتتا بىر مەزگىل داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن، ئىچكى ئىشلار نازارىتىگە مۇئاۋىن نازىر بولدى. 1937- يىل 9- ئايدا خوجانىياز ھاجى قاتارلىق 10 نەچچە كىشى بىلەن بىللە قولغا ئېلىنىپ ئىز-دېرەكسىز يوقالدى.

5- ۋەقە تەھرىرلەش

10- ئايدا ئۈرۈمچىدىن سابىق شەرقىي شىمال پىدائىي قىسىملىرى (ئاتالمىش خاڭخوزا) نىڭ باشلىقلىرىدىن بولغان لوبىن گارنىزون قوماندانى بولۇپ قەشقەرگە كەلدى. لوبىن ئەسلى گېنېرال لېيتېنات دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار بولۇپ، بويى پاكار، دوغۇلاق، بۇرنى پاناق، قوۋ-مەككار ئادەم ئىدى. مەھمۇت مۇھىتى مۇئاۋىن گارنىزون قوماندانى بولدى. گۇڭ جىڭخەن قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋالىي بولدى.

6- ۋەقە: قەشقەردە تازىلاش ئىشلىرى تەھرىرلەش

قەشقەر كوناشەھەرنىڭ بۇرۇنقى ھاكىمى ياقۇپ بەگ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تۇرپانلىق ھەمدۇللا ئەپەندى ھاكىملىققا تەيىنلەندى.

ياقۇپ بەگ ئەسلى خەنزۇ شۆتاڭدا ئوقۇپ، كېيىن ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ بىلىملىك بولۇپ يېتىشكەن كىشى ئىدى. كېيىنچە خەنزۇچە بالا ئوقۇتۇپ «لاۋسى» (ئوقۇتقۇچى) دەپ ئاتىلىپ قالغان. خەنزۇچە ئىسمى ما خۇپۇ ئىدى. ئۇ ئىنقىلابتىن ئىلگىرى بىر مەزگىل سەمەن، سېرىغقول (تاشقورغان) ناھىيىلىرىگە ھاكىم بولغان. بىر مەزگىل قەشقەر ۋىلايەتلىك مالىيە ھەيئىتى قەشقەردە قۇيدۇرغان تەڭگە (كۈمۈش پۇل) نازارەتچىسى بولغان. 1933- يىلى قىرغىزلارنىڭ ھىمايىسى بىلەن قەشقەر كونا شەھەرگە ھاكىم بولغان. تۇڭگانلار دەۋرىدە يۇرتنى ئالۋان-ياساق بىلەن قاتتىق ھالسىراتقانىدى. شۇ سەۋەبلىك ياقۇپبەگ، ئۇنىڭ ئوغلى يۈسۈپبەگ ۋە تۇڭگانلار ۋاقتىدا شەھەر قوغداش قوماندانى بولغان ئىبراھىم لوزۇڭلار گۇناھكار سۈپىتىدە ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىلدى.

7- ۋەقە: ئوسمان ئېلى باشچىلىقىدىكى قىرغىز قوشۇنىنىڭ باستۇرۇلۇشى تەھرىرلەش

ئوسمان ئېلى ئۇلۇغچاتلىق قىرغىز بولۇپ، 1933- يىلنىڭ باشلىرى ما شاۋۋۇ تەرىپىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا ئەسكەرلىككە ئېلىنغان. ئۇ مارالبېشى تۇمشۇقتىكى سوقۇشتىن كېيىن قىرغىز ئەسكەرلەرنى باشلاپ قوزغىلاڭچىلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. 1933- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنى قەشقەرنى ما شاۋۋۇدىن تارتىۋېلىش قوماندانى دېگەن نامغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، ما جەنساڭغا قارشى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا كامازا بىرىگادىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاچقا، بىرىگادىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. بۇ ئىش ئۇنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ، ئاقىۋەتتە تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان. بۇ خىزمىتى بەدىلىگە ماجەنساڭ ئۇنىڭغا «سىجاڭ» لىق ئەمىلىنى بەرگەن.

ئۇ ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ رەسمىي «سىجاڭ» لىق تونىنى كەيگەن بولسىمۇ، كېيىنكى كۈنلەردە يەنە تۇڭگانلارغا ئالدىنىپ، قەشقەر يېڭى شەھەر ئۇرۇشىنىڭ 6- ئايغا سوزۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. 10- ئايدا قاغىلىققا سۈرگۈن قىلىنغان. ما فۇيۈەن باستۇرۇپ كەلگەندە، قاغىلىقتىن قايتىپ كېلىپ، قالدۇق قىرغىز ئەسكەرلىرىنى توپلىغان، تۇڭگانلار قەشقەر شەھىرىدە قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭغا قارشى تەدربىر قوللانماي، ئەكسىچە رەقىبى قىرغىز ئورازغا ئوت ئاچقان. ئوراز تاغدا پەيدا بولۇپ قالغان «تۆتىنچى» لەرنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇپ، ئوسمان ئەلىنى تاغدىن قوغلىغان. ئوسمان ئەلى تاغدىن چۈشۈپ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ پاناھىغا سېغىنغان بولسىمۇ، ئۇ شەھەردە ئۆزىنى گېنېرال دەپ ئاتاپ غادىيىۋالغانلىقتىن، مەھمۇت سىجاڭ «2- تۆمۈر سىجاڭ پاجىئەسى» نىڭ تۇغۇلماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى قولغا ئالدى. ئەسكەرلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇپ تاغقا قايتۇردى. ئوسماننى بىرقانچە يېقىنى بىلەن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بەردى. ئۇ شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە يوقالدى. ئورازبەگ گەرچە «تۆتىنچى» لەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ئوسمان ئۈستىدىن غەلىبە قازانغان بولسىمۇ، لېكىن تاغدا توپىلاڭ چىقىرىپ خەلق تىنچلىقىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن، تاغدا جىمىتقۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن تالاش-تارتىش قىلىدىغان «توپىلاڭچى»لار ھەرىكىتىگە خاتىمە بېرىلدى.

8- ۋەقە تەھرىرلەش

ئاتۇشلۇق رېشىتەم تۇڭگانلارنىڭ «پارتىزانلار قوماندانى» بولغان بولسىمۇ، ما خۇسەندىن ئايرىلىپ مەھمۇت سىجاڭغا تەسلىم بولغانىدى. ئۇ قۇربان نىياز پولكىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، تازىلاش دائىرىسىدىكى يامان ئادەملەر قاتارىدا قورالسىزلاندۇرۇلۇپ مۇددەتلىك قاماققا ئېلىندى. ئەسكەرلىرى يۇرتىغا قايتتى. رېشىتەم جازا مۇددىتىنى توشقۇزۇپ ئائىلىسىگە قايتقان بولسىمۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن چاقىرىلىپ، ئېتىزلىقتا ئېتىپ تاشلاندى.

9- ۋەقە تەھرىرلەش

بۇ قېتىمقى تازىلاشتا ئۆزبېك سېتىۋالدىجانمۇ بار ئىدى. ئۇ ئەسلىدە تۆمۈر سىجاڭ قوشۇنىدىكى ئۆزبېك بولكىنىڭ باشلىقى ئىدى. يېڭى شەھەر ئۇرۇشى جەريانىدا ۋەزىپىسىنى يۈسۈپجان قۇربېشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، بانكا مۇدىرى، قەشقەر ھىلال ئەخمەر (قىزىل كىرسىت) جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق مەمۇرىي خىزمەتكە ئالمىشىۋالغانىدى. تۇڭگانلاردىن يېڭى شەھەرنى تالىشىش ئۇرۇشى كۈچەيگەن مەزگىلدە، چەتكە چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ پاسپورت ۋە يول خېتى بولمىغاچقا، چېگرىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن. تاشقورغانغا كەلگەندە تۇتۇلۇپ يېڭى شەھەرگە قاماپ قويۇلغان.

يېڭى شەھەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە خانئېرىق، يوپۇرغا پىدائىيلىرىنى تەشكىللەپ، كالتەك، چوماق كۆتۈرۈپ ماجەنساڭغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئۇزۇن شوتىلارنى ياساپ يېڭى شەھەر سېپىلىگە ھۇجۇم قىلغان مەشھۇر ئەيسا ھاجىممۇ قاماقتا بولۇپ، بۇ كىشى سېتىۋالدىجان بىلەن بىر كۈندە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئالەمدىن ئۆتتى.

10- ۋەقە: ئۆزبېك پولكىنىڭ يوقىتىلىشى تەھرىرلەش

يۈسۈپجان قۇربېشى جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇڭگانلار ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان مەزگىلدە، بۇ جايدا تۇرۇشقا ئىمكان تاپالماي، چەتكە كېتىش ئۈچۈن قوشۇنىنى ئېلىپ تاشقۇرغانغا كەتكەنىدى. لېكىن بۇلارنى تاشقورغاندا تەشكىللەنگەن زەمىر مۇھەممەت باشچىلىقىدىكى تاجىك ئەسكەرلەر چېگرىدىن ئۆتكۈزمىدى. يۈسۈپجان ھەرقانچە تىرىشقان بولسىمۇ، پەقەت ئامال بولمىدى. شۇڭلاشقا خېلى بىر مەزگىلگىچە تاشقورغاندا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. تۇڭگانلار كېتىپ قەشقەردە يېڭى ھۆكۈمەت يىلتىز تارتقاندىن كېيىن، يۈسۈپجان قۇر بېشىنىڭ بېشى قاتتى. ئۇ ئەمدى باش ئېگىپ قەشقەرگە قايتىشنى خالىمايتتى. ئاخىرى ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى ۋە ئابدۇراخمان قۇر بېشى، ئارىپجان قۇربېشىلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاشقورغاندىن قايتتى. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىدىن مەلۇم ساندىكى ئادەملەر يېڭىساردا تۇرۇشلۇق 1- پولك تەركىبىگە قوشۇلدى. قالغانلىرى مارالبېشىدا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىندى. يۈسۈپجان ئۆردەكلىك دېگەن جايغا كەلگەندە، مارالبېشىغا بېرىشتىن يالتايدى. ئەگەشكۈچىلىرىنى باشلاپ توغرا كېسىپلا سېرىق بۇيىغا كەتتى. قالغان قۇربېشىلار مارالبېشىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق رۇس پولكىنىڭ باشلىقى چېرنىيوف ئۇلارنى ياخشى قارشى ئېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇدى. يۈسۈپجاننىڭ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان چېرنىيوف دەرھال ماشىنا بىلەن ئەسكەر ئەۋەتىپ قوغلىدى. رۇس ئەسكەرلىرى يۈسۈپجاننى سېرىق بۇيىدا ئارام ئېلىۋاتقان جايىدىن تاپتى. يۈسۈپجان 10-12 ياشلار چامىسىدىكى ئوغلىنى ئاتقا مىنگەشتۈردى-دە، 2 ئادىمى بىلەن تاپانچىسىدىن ئوق ئۈگەن پېتى بۆسۈپ چىقىپ كەتتى. قايناۋاتقان قازانلار قاينىغان پېتى قېپقالدى. ئادەملىرى تەسلىم بولۇپ قورالسىزلاندۇرۇلدى. يۈسۈپجان قۇربېشىنىڭ روس پولكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسكەرلىرىمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن قورالسىزلاندۇرۇلۇپ، سەركەردىلىرى كېچىدە جىمىقتۇرۇلدى، «كېرەكسىز» دەپ قارالغانلىرى ئازاد قىلىندى.

يۈسۈپجان قۇر بېشى قورشاۋدىن سالامەت چىقىپ جاڭگال بويلاپ مەكىتكە كەلدى. ئۇ يەردە دوستى ئۆزبېك ئىشاننىڭ ھىمايىسىدە چوڭقۇرچاق دېگەن چايدا قۇم ئارىسىدا جان ساقلاپ، 3 يىلدىن كېيىن، ساندۇقتىكى تىللالىرى بېشىغا چىقىپ، ئۆز ئادەملىرى قولىدا ئۆلدى.

11- ۋەقە: يېڭى شەھەردە قوزغىلاڭ تەھرىرلەش

گېنېرال لوبىننىڭ قوشۇنىدىكى مەلۇم بىر پولكتا تۇڭگانلار كۆپرەك بولۇپ، بۇلار ماجۇڭيىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ھۆكۈمەت تەرەپكە ئۆتكەن ئەسكەرلەر ئىدى. بۇلار يىلنىڭ ئاخىرى ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن بۇ ئىش لوبىننى ئالاقىزادە قىلىۋەتتى. تۇڭگانلار لوبىننىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن كېچىچە ئېتىشىپ تەڭ كېلەلمەي، تاڭ ئېتىشى بىلەن شەھەردىن چېكىنىپ يېڭىسار تەرەپكە قاچتى. لوبىن قوغلىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەسكەرلىرى ھالسىزلىنىپ كەتكەچكە، مەھمۇت سىجاڭدىن ياردەم تىلىدى. مەھمۇت سىجاڭ 2- پولكتىن ئابدۇشۈكۈر ليەنجاڭنى 86 نەپەر ئەسكەر بىلەن قوغلاشقا ئەۋەتتى.

ئالدى تەرەپتىن سەمەت ھاجىنىڭ 1- پولكى توستى. ئىسيانچىلار ئوتتۇرىدا قېلىپ يېڭىشەھەر بىلەن يېڭىسار ئارىلىقىدىكى ئات باقىدىغان مەيدانغا كىرىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلار بۇ يەردە بىرەر ئايدەك قاپسىلىپ يېىتپ، ئاخىرى خوتەنگە يول بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا يول بېرىلدى ھەم يېڭىساردىن ئۆتكەندە قورشاۋغا ئېلىنىپ قورالسىزلاندۇرۇلدى.

توغۇلغانلار تەھرىرلەش

ئۆلگەنلەر تەھرىرلەش

مەنبە تەھرىرلەش