سەئۇدى ئەرەبىستان
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى (ئەرەبچە: المملكة العربيّة السعوديّة), ئاسىيانىڭ غەربىگە، ئەرەب يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ دۆلەتتۇر. غەربىي شىمالدا ئىئوردانىيە، شىمال ۋە شەرقىي شىمالدا ئىراق، شەرقتە كۇۋەيت، قاتار، بەھرەين ۋە بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى، شەرقىي جەنۇبتا ئۇممان، جەنۇبتا يەمەن، شەرقىي شىمالدا پارس قولتۇغى ۋە غەربتە قىزىل دېڭىز بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ. بۇ يەرگە ئىككى مۇقەددەس مەسجىت توپرىغى ھەم دېيىلىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىغا كۆرە مۇقەددەس بولغان ئىككى شەھەر مەككە ۋە مەدىنە بۇ دۆلەتتە يەر ئالىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان، ئوتتۇرا شەرقتىكى پۈتۈن پارس قولتۇغى ئەللىرىدە بولغانىدەك تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى المملكة العربية السعودية Suudi Arabistan | ||||||||||||||||||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
تارىخچە
تەھرىرلەشئەرەب يېرىم ئارلىلىنىڭ بۈيۈك بىر قىسمىدا مىڭ يىللاردىن بېرى كۆچمەن قەبىلە ھاياتى سۈرۈلۈپ كەلگەن. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 571- يىلى مەككەدە توغۇلىشى، دۇنيا تارىخىدە يېڭى بىر دەۋىر باشلىتىپ، ئەرەبىستاننىڭ ئورنىنى يۈكسەلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمەسىي خانەدانىنىڭ، شامنى پايتەخت قىلىشى بىلەن، ئىسلام ئالەمىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى سۇرىيە تەرەپكە قايدى (692). ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ 16. ئەسردىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەدەر، ئوسمانلى ئىدارەسىدە بولدى.
1730- يىللاردا ئوتتۇرىغا چىققان ۋەھھابىي ھەرىكىتى 1745- يىلى سەئۇد ئائىلىسى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى. 1902- يىلى كۇۋەيتتە سۈرگۈندە بولغان ئابدۇلئەزىز بىن سەئۇد، رىيادقا قايتىپ يېڭىدىن سىياسىي ئىزدىنىش يولىغا قويۇلدى. ئۇ يىللاردا ئوسمانلى دۆلىتى بۇ ئەھۋالنىڭ قارشىسىدا ئابدۇلئەزىزنىڭ دادىسى ئابدۇرراھماننى رىياد ھاكىمى تەئيىن ئەتتى. بالقان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلى ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ رايوندا ئازىيىشىنى پۇرسەت بىلگەن نەجىت ئەمىرى ۋە ۋەھھابىي ئىمامى بولمىش ئابدۇلئەزىز بىن سەئۇد، ئىدارىي مەركەز بولمىش ھاسا\ئاھسانى قولغا كىرگۈزدى (1913). كېيىنچە 1921-1926 ئارىسى خائىل، مەككە، جىددە ۋە ئەسرنى قولغا كىرگۈزۈپ توپراقلىرىنى كېڭەيىتتى ۋە 1926- يىلى ھىجاز قىرالى، 1931- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان قىرالى (پادىشاھى) ئېلان قىلىندى. 1936- يىلى تۇنجى نېفىت زاپىسىنىڭ بايقىلىشى، ئەمما ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە سالماقلىق بىر شەكىلدە نېفىت قۇدۇغى قېزىلمىغان بولسىمۇ، ئابدۇلئەزىز بىن سەئۇدنىڭ ئۆلىمىدىن (1953) كېيىن، ئورنىغا چىققان ئوغلى سەئۇد بىن ئابدۇلئەزىزدىن ئىتىبارەن ھەم قىرال ھەم باشۋەزىر بولدى، 1964- يىلى سەئۇدىي ئائىلە مەجلىسىنىڭ قارارى بىلەن تەختتىن تۈشۈرۈلدى ۋە ئورنىغا قېرىنداشى فايسال بىن ئابدۇلئەزىز چىقارىلدى (1964-11-02). مەملىكەتنى زامانەۋىيلەشتۈرۈشكە كىرىشكەن فايسال بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ 1975- يىلى جىيەنلىرىدىن بىرى تەرەفىدىن ئۆلتۈرۈلىشىدىن سوڭرە، ئورنىغا چىققان ئۇكىسى خالىد بىن ئابدۇلئەزىز، 1979- يىلى مىسىر - ئىسرائىل تېنچلىق توىتامىغا شىددەت بىلەن قارشى چىقىش بىلەن بىرگە، ئەرەب - ئىسرائىل كېلىشەلمەسلىكىدە مۆتىدىل بىر سىياسەت تۇتتى. خالىد بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ 1982- يىلدىكى ئۆلۈمى بىلەن ئورنىغا فەھد بىن ئابدۇلئەزىز ئۆتتى.
مەمۇرىي رايونلىرى
تەھرىرلەشسەئۇدى ئەرەبىستاندا 13 دانە ئۆلكە بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۆلكىلىرى |
- 1.جوف ئۆلكىسى; 2.شىمالىي ھۇدۇد ئۆلكىسى;
- 3.تەبۇك ئۆلكىسى؛ 4.ھائىل ئۆلكىسى؛
- 5.مەدىنە ئۆلكىسى؛ 6.قاسسىم ئۆلكىسى؛
- 7.مەككە ئۆلكىسى؛ 8.رىياد ئۆلكىسى؛
- 9.شەرقىيە ئۆلكىسى؛
- 10.باھا ئۆلكىسى؛ 11.ئاسىر ئۆلكىسى؛
- 12. جازان ئۆلكىسى؛ 13.نەجران ئۆلكىسى؛
ئىقتىسادى
تەھرىرلەش==يەر تۈزۈلىشى==بهبنصسوبرمسظيورىظزسيرميزرزيظيزيزرزويؤنيؤزيزؤزيزي بعبتيورر
بايلىقى
تەھرىرلەشئىقلىمى
تەھرىرلەشيېزا ئىگىلىكى
تەھرىرلەشساياھەتچىلىكى
تەھرىرلەشسىياسىتى
تەھرىرلەشپادىشاھلىرى:
- 1. عبد العزيز بن عبد الرحمن آل سعود. 1932-1953
- 2. سعود بن عبد العزيز آل سعود. 1953-1964
- 3. فيصل بن عبدالعزيز آل سعود. 1964-1975
- 4. خالد بن عبد العزيز آل سعود. 1975-1982
- 5. فهد بن عبد العزيز آل سعود. 1982-2005
- 6. عبدالله بن عبدالعزيز آل سعود. 2005-2015
- 7. سلمان بن عبد العزیز آل سعود. 2015-ھازىرغىچە