ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم

ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Abdulehed Mexsum Hajim ) بولسا 1930-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، قەشقەردە دىنى مەدرىسىدە تەلىم ئالغان ۋە ھاياتى بويىچە 5 قېتىم تۈرمىگە قامالغان. مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ ئاپتورى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ جىيەنى ئىكەن. مەرھۇم ئالىم 1950-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە قەشقەردە مەدرىسىدە ئوقۇغان. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن خوتەن شەھىرىگە قايتىپ دىنىي ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان.

ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم
ھۆججەت:Abdulehed Mexsum Hajim.jpg
ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم(ئورنى ۋە ۋاقتى ئىنىق ئەمەس
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1930-يىلى

قاراقاش ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى

قازا قىلغان 2017-يىلى 11-ئاي
ئورنى ئىنىق ئەمەس
قازا سەۋەبى تۈرمىدە قازا قىلغان، سەۋەبى نامەلۇم
مىللىتى ئۇيغۇر
يۇرتى خوتەن
كەسپى دىنىي ئالىم، ئۆلىما

تۈرمە ھاياتى تەھرىرلەش

ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ:

15 يىللىق تۈرمە ھاياتى تەھرىرلەش

مەرھۇم ئالىم 1958-يىلى قەشقەردىكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن خوتەن شەھىرىگە قايتىپ دىنىي ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. ئالتە ئاي ئۆتكەندە كوممۇنىست خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 15 يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى بېرىلگەن. مەرھۇم 1974-يىلى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن.

1 يىللىق تۈرمە ھاياتى تەھرىرلەش

1979 يىلى يەنە قايتا قولغا ئېلىنىپ بىر يىل مىقدارى قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بىرىلگەن.

2ئايلىق تۇتقۇن قىلىنىشى تەھرىرلەش

2001 يىلى ئوغلى ئابدۇرپ ھاجىم بىلەن بىرگە تۇتۇلۇپ ئىككى ئايدىن كېيىن قويۇپ بىرىلگەن.

5 يىللىق تۈرمە ھاياتى تەھرىرلەش

خىتاي دائىرىلىرى 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى خوتەن شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 74 ياشلىق ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇمنى تۆتىنچى قېتىم قولغا ئالغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم ئالىمنى يەتتە ئوقۇغۇچىغا مەخپىي دەرس ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى 11 يىلنى ئۆيىدە ئۆتكۈزگەن.

بەشىنچى قېتىملىق تۇتقۇن قىلىنىشى تەھرىرلەش

مەخسۇم ھاجىم ئاخىرقى قېتىم 2017- يىلى نويابىردا88 يېشىدا قايتا قولغا ئېلىنىپ تۇرمىغا قامالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدى- كەينىدە چوڭ ئوغلى ئابدۇرۇپ ھاجىمغا10يىىلىق ئۆي كىسىلگەن، ئائىلىسىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك كىشىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قولغا ئالغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئالىمى بولغان ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنى يېشىنىڭ چوڭلىقى، مىللەتنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىگە پەرۋاقىلماي زىنداندا شېھىد قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە6ئايغىچە جەسىتىنى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىش يوق ئائىلىسىدىكىلەرگە6 ئاي بورۇن تۇرمىدە ۋاپات بولغانلىقىنى خەۋەر قىلىشى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى ئومۇميۈزلۈك قەتلىئام جىنايتى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق پاكىتىدۇر.

د ئۇ ق نىڭ باياناتى تەھرىرلەش

بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالدۇلئەھەد داموللامنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش نەتىجىسىدە داموللومنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. بۈگۈن بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان د ئۇ ق دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ھېس قىلىشقا ۋە ئۇلارنى تاقاش ئۈچۈن تېگىشلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلدى. [1]

ئۆلىمالار بىرلىكى باياناتى تەھرىرلەش

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئابدۇلئەھەد مەخسۇمھاجىمنىڭ شېھىد قىلىنغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئوغۇل، كىئوغۇل ھەمدە نەۋرىلىرى ئاساسەن 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرى قولغا ئېلىنغان ۋە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. مەخسۇم ھاجىم 2017- نويابىرنىڭ باشلىرى 88 ياشقا كىرگەنلىكىگە قارىماي 5- قېتىم قولغا ئېلىنغان بولۇپ، مۇشۇ ھەپتىگىچە قايسى تۇرمىدا ئىكەنلىكى، ھايات بار- يوقلىقى ھەققىدە تۇققانلىرىغا ھېچقانداق مەلۇمات بىرىلمىگەن ئىدى. ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىم پۈتۈن ھاياتىنى خەلقىنىڭ دىني، مىللى كىملىكىنى ساقلاش، تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنى جانلاندۇرۇش يولىدا ئاتىۋەتكەن، مىللەتنىڭ پەخرى، مۇنەۋۋەر زات بولۇپلا قالماستىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئاتىسى ۋە يىتەكچىسى ئىدى. [2]

ئىستانبۇلدىكى غايىبانە جىنازا نامىزى تەھرىرلەش

ھۆججەت:Abdulehed Mexsum Hajimning Istanbuldiki ghayibane jinaza namizi.jpg
دىنىي ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئىستانبۇلدىكى غايىبانە جىنازا نامىزىغا مىڭلارچە كىشىلەر قاتناشتى، 2018-يىل 1-ئىيۇن، ئىستانبۇل، تۈركىيە

2018-يىلى 1-ئىيۇن، يەنى جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت بولغان دىنى ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇدى. غايىبانە جىنازا نامىزىغا قاتناشقان نەچچە مىڭ كىشى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملارغا قارشى شوئارلار توۋلىدى ۋە خىتاينى ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىپ كېتىشكە چاقىرىق قىلدى. غايىبانە جىنازا نامىزىغا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، ئۇيغۇر تەتقىقات ۋەخپى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپى، ئىمان دىيارى تەلىم-تەربىيە جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم مەدەنىيەت جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان سالامەتلىك ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ نەچچە مىڭ كىشى قاتناشتى.[3]

غايىبانە جىنازا نامىزى پروفېسسور جالال ئەرباينىڭ ئىمام بولۇشى بىلەن ئوقۇلدى. كېيىن مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئالار ئوقۇلدى. ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىكى زۇلۇم ۋە بېسىملارنىڭ يوقىلىشى ئۈچۈن ھەم دۇئالار قىلىندى. كېيىن مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇمنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى مۇھەممەد ئېلى ئەلىئوغلى سۆز قىلىپ، ئابدۇلئەھەد مەخسۇمنىڭ 2017-يىلى 11-ئايدا خىتاي تۈرمىسىدە ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇمنىڭ ۋاپاتىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار ھەققىدە توختالدى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك دىنى ئالىمى ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى ئىستانبۇلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، شاگىرتلىرى ۋە نەۋرىلىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى. مەرھۇم 2017-يىلى 11-ئايدا ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ خەۋەرنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇپ كەلگەن. مەرھۇمنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان تۇغقانلىرى بۇ يىل 27-ماي ئۆلۈم خەۋىرىدىن ۋاقىپلانغان ھەمدە بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى تەستىقلىغان. بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ شاگىرتلىرىدىن ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئابدۇللاھ قارىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇللاھ قارىم مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى مەرھۇمنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى. جىنازا نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تەتقىقات ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن سۆز قىلىپ، مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختالدى. بىز يەنە مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم توغرىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دىنى ئۆلىما ئابدۇللا قارىم، مۇھەممەد ئىمىن قارىم ۋە ئەخمەتجان داموللام بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

باشقىلار تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش