دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تەشكىلات

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Dunya Uyghur Qurultiyi ؛ ئىنگلىزچەWorld Uyghur Congress) بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى بىردىن بىر تولۇق ھوقۇقلۇق ئەڭ يۈكسەك رەھبەرلىك ئورگىنى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2004 – يىلى 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن 19 – كۈنىگىچە گېرمانىينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» بىلەن «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى» نىڭ بىرلەشمە قۇرۇلتىيىدا، ئىككى قۇرۇلتاي ئومۇمى ۋەكىللىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ۋەتەن سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتنىشىشى ۋە بىردەك ئاۋازدا تەستىقلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقتى. ئەركىن ئالپتەكىن ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

World Uyghur Congress

ھۆججەت:World-uyghur-congress-logo.jpg
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوگوسى
قىسقارتىپ يېزىلىشى د ئۇ ق
قۇرۇلۇشى 2004-يىلى 4-ئاپرىل
تىپى NGO
باش شتاب ميۇنخېن، گېرمانىيە
رەسمىي تىللار ئۇيغۇرچە
رەئىس دولقۇن ئەيسا
(2017-يىلى نويابىردىن تا ھازىرغىچە)[1]
مۇھىم كىشىلەر رابىيە قادىر،ئەركىن ئالپتەكىن
تور بەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتى

تارىخى تەھرىرلەش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھازىرغىچە 6 قېتىم ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىردى. 2004 – يىلى چاقىرىلغان 1 – نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ ئومۇمى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، ئاتاقلىق سىياسىيون ۋە دىپلومات ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى قۇرۇلتاي رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، بۇ ۋەزىپىنى 2006 – يىلى 11 – ئايدا چاقىرىلغان 2 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قەدەر زىممىسىگە لىپ كەلگەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتاي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ئاۋسترالىيە ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 112 ۋەكىل 40 دىن ئارتۇق كۆزەتكۈچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىدە ئېچىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىغا ياپونىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، ۋە شۇنداقلا ياۋروپا، ئامېرىكادىن كەلگەن بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، تەبرىك نۇتقى سۆزلىدى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلدى. قۇرۇلتايغا ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىدىن توپلاپ 16 دۆلەتتىن كەلگەن 117 ۋەكىل قاتناشتى. قۇرۇلتايدا رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق نىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلاندى.

رەھبەرلىك ھەيئىتى تەھرىرلەش

2017 – يىلى 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 12 – كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان 6 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلغان يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىدىكىلەر تۆۋەندىكىچە :

سابىق رەئىسلەر تەھرىرلەش

  • ئەركىن ئالپتەكىن: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى 2004-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ۋەزىپە ئاتقۇزدى.
  • رابىيە قادىر: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 2006-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە ۋەزىپە ئاتقۇزدى.

ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەھرىرلەش

 
رابىيە قادىر خانىم 2008-يىلى ئامېرىكىنىڭ سابىق پرىزېدىنتى جورج بۇش بىلەن كۆرۈشتى

بىرىنچى قېتىملىق قۇرۇلتاي تەھرىرلەش

ئىككىنچى قېتىملىق قۇرۇلتاي تەھرىرلەش

ئۈچىنچى قېتىملىق قۇرۇلتاي تەھرىرلەش

تۆتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتاي تەھرىرلەش

بەشىنچى قېتىملىق قۇرۇلتاي تەھرىرلەش

ئالتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتاي تەھرىرلەش

2017 – يىلى 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 12 – كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان.

يەتتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتاي تەھرىرلەش

2021 – يىلى 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 14 – كۈنىگىچە چېخىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگ شەھىرىدە چاقىرىلغان.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا د ئۇ ق نىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇتلەق يوقىرى ئاۋاز، يەنى جەمئىي 198 ئاۋاز بىلەن د ئۇ ق نىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان. بۇ قېتىمقى سايلامدا دوكتور ئەركىن ئەكرەم 156 ئاۋاز بىلەن، زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم 135 ئاۋاز بىلەن، پەرھات مۇھەممىدى 101 ئاۋاز بىلەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان. [2]

ئەزا تەشكىلاتلار تەھرىرلەش

تەتقىقات مەركىزى تەھرىرلەش

شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇستەبىت ۋە فاشىست تۈسنى ئالغان دۆلەت تېررورى قاپلىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان، قانلىق كۆز يېشى ئىچىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دات – پەريادلىرى پۈتۈن زېمىننى لەرزىگە سالغان، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ” دۈشمەن مىللەت ” دەپ قارىلىپ، پۈتۈن خىتاي مىقياسى بويىچە خىتاي ساقچى – ئەسكەرلىرىنىڭ ۋە ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خالىغانچە بوزەك قىلىشىغا، خورلىشىغا، تۇتقۇن قىلىشىغا، قىينىشىغا ۋە ئۆلتۈرۈلۈشىگە تۇتۇپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى ھېچ بىر ئار – نومۇس قىلماستىن، ئاتالمىش ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 – يىللىقىنى، يەنە شۇنداقلا ” شىنجاڭنىڭ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 66 – يىللىقى ” نى داغدۇغا بىلەن تەبرىكلەشكە ھازىرلانماقتا، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ” قوش بايرام ” دەپ جاكارلاپ، ھازىردىن باشلاپ تۈرلۈك سۈنئىي ۋە ساختا تۈسنى ئالغان خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

نەشرىياتى تەھرىرلەش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىۋاتقان «خەۋەرنامە»نىڭ يىڭى يىلغا ئاتاپ نەشىر قىلغان بۇ سانى 1 – سانى يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى. بۇ خەۋەرنامە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە قۇرۇلتايغا بېغىشلاپ مەخسۇس ھازىرلاندى. خەۋەرنامىدىن 6 – قۇرۇلتاي ۋە ئۇنىڭدا ۋەزىپە ئالغان پىداكارلار ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز. ئاللاھ ھەممىمىزگە خەيىرلىكلەر ئاتا قىلسۇن.

قارالسۇن تەھرىرلەش

مۇناسىۋەتلىك تەھرىرلەش

تەشكىلاتلار تەھرىرلەش

شەرقىي تۈركىستان تەھرىرلەش

جۇمھۇرىيەتلەر:

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. "د ئۇ ق نۆۋەتتىكى رەھبەرلىك ھەيئىتى(2017-يىلىدىن 11-ئايدىن بېرى)". Archived from the original on 2018-05-07. Retrieved 2018-05-12.
  2. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلدى

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش