دولقۇن ئەيسا (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Dolqun Eysa) بولسا 1967-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، 2017 – يىلى 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 12 – كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان 6 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا دولقۇن ئەيسا دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولغان. 2017-يىلى ئىيۇندا شوتلاندىيە پارلامېنتىدا 26-ئىيۇن باشلانغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 28-ئىيۇن كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈپ، تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا بىر قاتار ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ باردى. 2003-يىلىدىن بۇيان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى بولۇپ كەلگەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۈگۈنكى سايلامدا مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، UNPO ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان بولدى. [3]

دولقۇن ئەيسا
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نىڭ 3-رەئىسى
ۋەزىپىدە
ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 2017-يىلى 12-نويابىر
مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن ئەكرەم،
پەرھات مۇھەممەد ،
زۇبەيرە شەمسىدىن (2021-يىلى نويابىر)
سابىق رەئىس رابىيە قادىر
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1967-يىلى 2-سېنتەبىر (54ياش)

كەلپىن ناھىيىسى، ئاقسۇ ۋىلايىتى

مىللىتى ئۇيغۇر
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
تۇرار جايى ميۇنخېن، گېرمانىيە
كەسپى ئۇيغۇر سىياسەتچى، ئىنقىلاپچى
ۋەزىپىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى[1]

ۋاكالەتسىز مىللەتلار تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى [2]

تور بەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

سىياسىي ھاياتى تەھرىرلەش

دولقۇن ئەيسا 1988- يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىك نامايىشىغا رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە ئالىي مەكتەپتىن قوغلانغان. ئۇ 1996- يىلى گېرمانىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ۋە كېيىنچە گېرمانىيە پۇقراسى بولغان.

دولقۇن ئەيسا 1999- يىلى خىتاينىڭ ئۆزى ھەققىدە قىزىل رەڭلىك ئۇقتۇرۇش چىقارغانلىقىنى بىلگەن. ئۇقتۇرۇشتا، ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ سوتقا تارتىلىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇ ئۇقتۇرۇش سەۋبلىك دولقۇن ئەيسا كورىيە، ھىندىستان، ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كىرىشتە ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپ كەلگەن.

قىزىل رەڭلىك ئۇقتۇرۇش تەھرىرلەش

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى – ئىنتېرپول دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ھەققىدە چىقارغان «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى»نى بىكار قىلدى.[4]

ئۆز دۆلىتىنىڭ سىرتىدا جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان «ئادىل سوتلىنىش» (Fair Trials International) ناملىق خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ تورىدا 23- فېۋرال «ئىنتېرپول مەزلۇم ئۇيغۇر پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسا ھەققىدىكى قىزىل رەڭلىك ئۇقتۇرۇشنى بىكار قىلدى» ماۋزۇلۇق بىر خەۋەر بېرىلگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاگو رۇسسېل مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيسا يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇنىڭ سۈرگۈندە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلدى. بىز ئىنتېرپولنىڭ ئەرز قىلىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، خىتاينىڭ قىزىل رەڭلىك ئۇقتۇرۇشنى خالىغانچە پايدىلىنىشىغا “ياق” دېيەلىگەنلىكىگە خۇشال بولدۇق.»

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن، دولقۇن ئەيسانىڭ دىلوسى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ساقچى مىخانىزمىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قىلىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ساقلىشى كېرەكلىنى يۇرۇتۇپ بەردى.

ب د ت دا چەكلىنىشى تەھرىرلەش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ، 16- ئاپرىل دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىدا ئېچىلغان ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا كىرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىدى.[5]

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغىنىدا، دولقۇن ئەيسانىڭ يىغىن زالىغا كىرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ئۇلار دولقۇن ئەيسانىڭ كىرىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن چەكلەنگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىدا، يىغىن باشقۇرغۇچىلىرى بىخەتەرلىك ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

باشقىلار تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. "د ئۇ ق نۆۋەتتىكى رەھبەرلىك ھەيئىتى(2017-يىلىدىن 11-ئايدىن بېرى)". Archived from the original on 2018-05-07. Retrieved 2018-05-02.
  2. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئاسسېمبىلى
  3. "دولقۇن ئەيسا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلاندى". Archived from the original on 2017-07-03. Retrieved 2018-05-02.
  4. "دولقۇن ئەيسا ھەققىدىكى «قىزىل رەڭلىك ئۇقتۇرۇش» بىكار قىلىندى". Archived from the original on 2020-09-15. Retrieved 2018-05-02.
  5. "دولقۇن ئەيسا ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر يىغىنىغا كىرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىدى". Archived from the original on 2018-04-26. Retrieved 2018-05-02.

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى