ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر

ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر

Ablikim Baqi Iltebir

شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1951-يىلى 2-ئۆكتەبىر

ئۈرۈمچى شەھىرى

ۋاپات بولغان 2019-يىلى 8-ئاۋغۇست

ۋاشىنگتون

مىللىتى ئۇيغۇر
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
كەسپى يازغۇچى، ژۇرنالىست، ئىنقىلاپچى
رەپىقىسى دىلبەر ئىلتەبىر
پەرزەنتلىرى ئەلپىدا ئىلتەبىر

ئەلنىگار ئىلتەبىر

ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Ablikim Baqi Iltebir) بولسا 1951-يىلى 2-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان نىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى دە تۇغۇلغان. تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە ئەدىب ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر 2000-يىلدىن باشلاپ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا تەھرىر بولۇپ ئىشلەپ، 2017-يىلى 8-ئايدا پېنسىيەگە چىققان ئىدى. ئۇ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن بۈگۈن، يەنى 2019-يىل 8-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتتى.[1]

ھاياتى تەھرىرلەش

  • ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر 1951-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ ئاپەتلىك يىللىرىدا، يەنى 1973-يىلدىن 1975-يىلغا قەدەر «قايتا تەربىيە» نامىدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى گۆرجىلغا يېزىسىغا تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن.
  • 1975-يىلى 9-ئايدىن 1977-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، كېيىنكى مەزگىللەردە يەنە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندى 1992-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلغانغا قەدەر ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان.
  • ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتى 1992-يىلى 8-ئايدا ئائىلىسى بىلەن بىللە قازاقىستانغا تۇغقان يوقلاشقا چىقىپ، كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشتىن باشلانغان. ئۇ 1992-يىلدىن 2000-يىلى 2-ئايغىچە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
  • 2000-يىلى 2-ئايدىن 2017-يىلى 8-ئايغا قەدەر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن.

ئائىلىسى تەھرىرلەش

ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر 1979-يىلى دىلبەر ئىبراھىم خانىم بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ئىككى پەرزەنتى بار. ئۇلار بولسا ئەلپىدا ئىلتەبىر ۋە ئەلنىگار ئىلتەبىر دۇر.

باشقىلار تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى