سامپۇل بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىلوپ ناھىيىسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، كۇئىنلۇن تېغى نىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، لوپ ناھىيىسى كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. يېزا-بازارلىرى لوپ بازىرى، بۇيا يېزىسى، چارباغ يېزىسى، ھاڭگىيا بازىرى، دول يېزىسى، ناۋا يېزىسى، بەشتوغراق يېزىسى بىلەن قوشنا. ئومۇمىي كۆلىمى 53.87 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يېزا بويىچە 25 مەمۇرىي كەنت بار، 2003-يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسى 6131 ئائىلە، 24960 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %99 كە يەتكەن.

سامپۇل بازىرى

山普鲁镇.Sampul town

لوپ ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە لوپ ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 26 دانە
نوپۇس 30 مىڭ
يەر مەيدانى 53.87 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت لوپ ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

سامپۇل بازىرى قارمىقىدىكى مەمۇرىي كەنتلەر بولسا:

  • ئالا كەنتى،
  • قاشتوغراق كەنتى،
  • كۆچكەن كەنتى،
  • لەڭگەر كەنتى،
  • كىلەنتە كەنتى،
  • ئايدىڭكۆل كەنتى،
  • باش مەدرىس كەنتى،
  • ئاياغ مەدرىس كەنتى،
  • چاقپى مارك كەنتى،
  • جايئېرىق كەنتى،
  • قۇرباغ كەنتى،
  • قوتاز كەنتى،
  • ئىلدام كەنتى،
  • قىيقۇ كەنتى،
  • قۇمباغ كەنتى،
  • سېرىق كەنتى،
  • قاراڭغۇيار كەنتى،

ئاياغ قىيقۇ كەنتى،

  • قاشيانتاق كەنتى،
  • باشبىز كەنتى،
  • ئوتتۇرابىز كەنتى،
  • ئاياغ بىز كەنتى،
  • قارا قىيا كەنتى،
  • يېڭى لەڭگەر كەنتى،
  • بوستانكۆل كەنتى قاتارلىق 26 مەمۇرىي كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

ساياھىتى تەھرىرلەش

سامپۇل بازىرىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، يېزا ئىچىدە قەدىمىي قەبرىستانلىق، قەدىمىي ئورمان مېۋە باغچىسى، تاغلىق قاشتېشى سودىلىشىش ئورنى قاتارلىقلار ئورۇنلار ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە كۆڭۈلدىكىدەك ساياھەت مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. جەمئىيەتكە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنى پائال يېتەكلەپ ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان.