ھاڭگىيا بازىرى لوپ ناھىيىسى گە قاراشلىق مەمۇرىي بازارلىق بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق قۇمباغ كەنتى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى7 كىلومېتىر. شەرقتە دول يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي تەرىپى لوپ بازىرى ئارقىلىق راخمانوپ پۇر غول ئۆستىڭى، غەربتەچارباغ يېزىسى، شىمالداتەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بوستانلىق قىسمىنىڭ جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 166 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 7 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 112 كۋادرات كىلومېتىر.

ھاڭگىيا بازىرى

杭桂镇.Hanggiya town

لوپ ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە لوپ ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 38 دانە
نوپۇس 41 مىڭ
يەر مەيدانى 112 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت لوپ ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

ھاڭگىيا بازىرى 38 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار:

  • زۇلاۋا كەنتى،
  • ئارقائىلەك كەنتى،
  • پاڭمەھەللە كەنتى،
  • كەڭتوقاي كەنتى،
  • ساقال كەنتى،
  • چىلگەجاي كەنتى،
  • تۆۋەن پىچەكچى كەنتى،
  • تېرە لاڭ ئېرىق كەنتى،
  • قۇمباغ كەنتى،
  • چوڭقۇر ئېرىق كەنتى،
  • ئاياغ سوغاققۇم كەنتى،
  • راخمانپور كەنتى،
  • باي ئېرىق كەنتى،
  • توڭكايئېرىق كەنتى،
  • لەڭگەر ئېرىق كەنتى؛
  • ئۈژمىلىك كەنتى،
  • ئوتتۇرا ئېرىق كەنتى،
  • يېڭىباغ كەنتى،
  • ئاۋامسىلىم كەنتى،
  • دۆڭئېرىق كەنتى،
  • ئاچمائېرىق كەنتى،
  • ئاقئېرىق كەنتى،
  • قەغەزئېرىق كەنتى،
  • زەمچىئېرىق كەنتى،
  • ئارىش كەنتى،
  • زاغۇنئېرىق كەنتى؛
  • ئۆستەڭ ئۇچى كەنتى،
  • توققۇز كالىلا كەنتى،
  • داڭلىق مۇنچاق كەنتى،
  • باش خانىقائېرىق كەنتى،
  • ئاياغ خانئېرىق كەنتى،
  • كونا ھاڭگىيا كەنتى،
  • يېڭىئۆستەڭ كەنتى،
  • چىپەرچئېرىق كەنتى،
  • ھاردۇققۇم كەنتى،
  • خوراز توغراق كەنتى قاتارلىق كەنتلەر ۋە 183 تەبىئىي كەنت گۇرۇپپىسى، 22 پونكىت ئورۇن بار.

ساياھەتچىلىكى تەھرىرلەش

  • ئاق سېپىل قەدىمىي شەھىرى

قەدىمىي مەدەنىيەت خارابىسى ئاق سېپىل قەدىمىي شەھىرى: قەدىمكى مەدەنىيەت ئاق سېپىل قەدىمىي شەھەر خارابىسى بار، لوپ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 17 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇقنىڭ بويىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە ھاڭگىيا بازىرى زۇلاھىيەت ئۆمەر بوستانلىقى بىلەن ئۇزۇنلۇقى ئۈچ كىلومېتىر. «ئاق سېپىل» «ئاق شەھەر» دېگەن مەنىدە، چۈنكى يەر يۈزىگە چىقىپ قالغان سېپىل ئاق بولغاچقا، شۇڭا ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ شەھەر قەدىمكى ئۇدۇن بەگلىكىنىڭ غەربىي شەھەر خارابىسى قۇم بارخانلىرى تەرىپىدىن كۆمۈلۈپ قالغان، ھازىرقى يېرىم قالغان سېپىل 1957-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاق سېپىل قەدىمىي شەھىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قىلىپ بېكىتكەن.

  • ئۈزۈم دەرىخى شاھى

قەدىمكى ئۈزۈم دەرىخى شاھى: ھاڭگىيا يېزىسى تەۋەسىدە بىر تۈپ 160 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ئۈجمە دەرىخى شاھى بار بۇلۇپ، بۇ ئۈجمە ھاڭگىيا يېزىسى ئۆستەڭئۇچى كەنتىگە جايلاشقان، ۋىلايەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى.

بايلىقى تەھرىرلەش

ھاڭگىيا بازىرىنىڭ بايلىقى مول بۇلۇپ، ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە زىرائەتلەرنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق. تۇپرىقى قۇمساڭغۇ، كۈن نۇرى يېتەرلىك، يىللىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى 2653.7 سائەت، ئىسسىقلىق مىقدارى مول، ئەڭ ئىسسىق ئاينىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 5 گرادۇس، ئەڭ سوغۇق ئاينىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى -5.6 گرادۇس، ھاۋا تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كۈندۈزى تېمپېراتۇرا يۇقىرى، كەچتە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بۇلۇپ، زىرائەتلەرنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى يۇقىرى، سۈپىتىنىڭ ياخشى بۇلۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.5، قىروسىز مەزگىلى بىر يىلدا 212 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 34.5 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2226.2 مىللىمېتىر. يەر ئاستى سۇ بايلىقى مول، شۇڭا ھاۋاسى زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ۋە چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدۇ.