شىجاڭ ئۆلكىسى (مىنگو)

شىنجاڭ ئۆلكىسى، قىسقىچە شىنجاڭ. جۇڭخۇا مىنگو تېرىتورىيىسى ئىچىدە بولغان ئۆلكە. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، 1884- يىلى قۇرۇلغان ئۆلكە بولۇپ، مەمۇرىي مەركىزى دىخۇا ئىدى. جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەستلەپكى يىللارغىچە ئۆلكە دەرىجىسىنى ساقلاپ كەلگەن. 1955- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىلىپ تەشكىللەندى. جۇڭخۇا مىنگونىڭ 38- يىلى (1949) ئالدى كەينىدە تەيبېي شەھرى 4- ماي يولى 52 كوچا 1- نومۇرغا كۆچۈپ بارغان (شىنجاڭ ئۆلكىسى ئىش بېجىرىش ئورنى)، مىنگونىڭ 81- يىلى (1992) 16- يانۋار كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

شىنجاڭ ئۆلكىسى

新疆省

1912 - 1992
مىنگو دەۋرى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ خەرىتىسى
مىنگو دەۋرى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ خەرىتىسى
مەمۇرىي مەركىزى دىخۇا
تارىخ
  • باشلىنىش
  • ئاخىرلىشىش
1912

1992- يىلى 6- يانۋار

تىلى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە
ئاھالە
  • تەخمىنەن

2,550,000

يەر مەيدانى 1,711,931كىلومتر2
دىنلەر ئىسلام دىنى
ھازىرقى تەۋەلىكى







  • جۇڭگو شىنجاڭ
  • موڭغۇلىيە قوبدۇ ئايمىقى
  • پاكىستاننىڭ شىمالى
  • تاجىكىستان تاغلىق بەدەخشان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
  • ئاڧغانىستانغا قاراشلىق بەدەخشان ۋىلايىتى ۋاخان كارىدورى

شىنجاڭ قەدىمى خەنزۇ مەنبئەلىرىدە غەربىي يۇرت (قۇرىغار) دەپ ئاتالغان.

مەمۇرىي دائىرىسى

تەھرىرلەش
 
جۇڭخۇا مىنگونىڭ مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنۈش خەرىتىسى

مىنگو دەۋرى شىنجاڭ ئۆلكىسى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسى تېرىتورىيىسىگە ۋارسلىق قىلدى. ئەتراپىدا موڭغۇل رايونى، گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرى ۋە تىبەت رايونى، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئاڧغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەر بىلەن چىگرلەنگەن. توپراقلىرى بۇگۈنكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتگە قاراشلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تامامى، بۇگۈنكى موڭغۇلىيەنىڭ بايان ئۆلگۈي ئۆلكىسىنىڭ تامامى، قۇبدۇ ئايمىقىنىڭ غەربىي جەنۇبى، پاكىستاننىڭ شىمالىي رايونىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شۇنداقلا بۇگۈنكى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى تاشلىق بەدەخشان ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆپ قىسمى، ئاڧغانىستانغا قاراشلىق بەدەخشان ئۆلكىسى ۋاخان كورىدورى رايونى (پامىر ئىگىزلىكى). مىنگونىڭ 36- يىلى (1947) ئۇمۇمىي يەر كۆلىمى 1,711,931 كىلومېتر2.

شۈنتوڭنىڭ 3- يىلى (1911) شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن چىڭ سۇلالىسى جۇڭخۇا مىنگو تەرىپىدىن ئاخىرلاشتۇرۇلدى، ئىنقلابىچىلاردىن خۇنەنلىك لىيۇ شىيەنخو قاتارلىقلار ئىلىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى، ئىلى جاڭجۈن جىرۈينى ئۆلتۈرۈپ ئىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قۇردى. شىنجاڭ مۇپەتتىشى يۈەن داخۇا بېيجىڭ خانغا تېلگراڧ يوللاپ ئاقسۇ ۋالىيسى ياڭ زېڭشىننى شىنجاڭ تۇتۇق بېگى قىلىپ ئۆزى قېچىپ كېتىدۇ. ياڭ زېڭشىن 1912- يىلى ھۈكۈمەت ۋە ئارمىيىنى بىرلەشتۈرپ، قەدەممۇ قەدەم پۈتۈن شىجاڭنىڭ كونترولى قولغا كىرگۈزدى، ۋە جۇڭخۇا مىنگونىڭ بۈيۈك زۇڭتۇڭى يۈەن شىكەيگە بەيئەت بىلدۈردى. ئىنقىلابىي پارتىيە ئەزالىرى يا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈلدى ياكى ئىچكىرگە قېچىپ كەتتى. شۇ يىلى چار رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن خالخا مۇڭغۇللىرى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى. 1912- يىلى ئۇلانباتور قۇبدۇغا ھۇجۇم قىلدى، ھەمدە موڭغۇلىيە شىنجاڭغا بېسىپ كىرىپ ئالتاي مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ياڭ زېڭشىن يوللىغان ئوردۇ مەغلۇب بولدى. 1919- يىلى، شىمال مىلىتارىسلار ھۆكۈمىتى ئالتاينى شىنجاڭغا قوشۇشنى قارار قىلدى ۋە ئالتاي ئايمىقىنى قۇردى، ئۇ بۇگۈنكى ئالتاي ۋىلايىتى دەپ ئاتالماقتا.

1928- يىلى 6- ئايدا، شىمال مىلىتارىسلىرى تارقاپ، 7- ئاينىڭ 1- كۈنى ياڭ زېڭشىن ئۆز ئۆزىنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇمۇمىي ۋالىيسى ئېلان قىلدى، 7- ئاينىڭ 7- كۈنى ئۆلتۈرۈلدى. 11- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۆلكىلىك سىياسىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جىن شۇرېن شىنجاڭ ئۆلكسىنىڭ رەئىسى بولدى. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن جىن شۇرېن ئۆز ئالدىغا شىنجاڭنى باشقۇرۇشقا باشلىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي خەلق ئىسيانى قوزغالدى، خوجانىياز ھاجى قاتارلىقلار باشچىلىقىدا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلىدى، گەنسۇلۇق ھەربىي ئائىلىدىن ما جوڭيىڭ شىنجاڭغا كىردى. 1933- يىلى ما جوڭيىڭ دىخۇا (ئۈرۈمچى)گە ھۇجۇم قىلدى، شىنجاڭ دوبەن مەھكىمىسى مەسلەھەتچىسى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلدى. شۇ يىلى 12- ڧېۋرال كۈنى جىن شۇرېندىن نارازى بىر تۈركۈم ھەربىيلەر ئاق ئورۇسلارنىڭ ياردىمى بىلەن سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى، شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭ ھەربىي ئىشلىرىنى قولغا ئېلىشىغا شارائىت ھازىرلىدى. جىن شۇرېن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق تىيەنجىنغا قاچتى، كېيىن گەنسۇغا، يۇرتىغا قايتىپ شۇ يەردە ئۆلگەن.

1933- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى قەشقەر كوناشەھەردە سابىت داموللا باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىندى. خوجانىياز ھاجى رەئىسى جۇمھۇر ئېلان قىلىندى. لېكىن 86 كۈندىن كېيىن، 1934- يىلى 2- ئايدا ما جۇڭيىڭ قىسىملىرىدىن ما ڧۇيۈەن بىرلىكلىرى جۇمھۇرىيەتنى بىتچىت قىلدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوتەنگە كەتكەن ۋە ئىنىسى مەنسۇرنى پادىشاھ ئېلان قىلىپ، خوتەن ئىسلام ئەمىرلىكىنى قۇردى. كېيىنچە ما خۇسەن تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى.

شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن قالدۇق كۈچلەرنى تازىلاپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كونترولى قولغا كىرگۈزدى. كۇمپارتىيەگە بولغان مايىللىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ تەكشۈرۈلەردە بولدى ۋە قايتىپ كېلىپ جۇڭگو كۇمۇنىستلىرىدىن چېن تەنچىيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى. كېيىنچە جۇڭگو كۇمپارتىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۆزگەن، 1943- يىلى مىنگو ھۆكۈمىتى ئەزالىرى ۋە دۆلەت ئارمىيىسى شىنجاڭغا كىرگەن. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ نىسبەتەن مۇستەقىل باشقۇرۇلغان.

 
شېڭ شىسەي دەۋرىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ بايرىقى، 1933-1942-يىلى ئۆكتەبىرغىچە

1944- يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ئاستىدا شىنجاڭدا گومىنداڭغا قارشى ئىلى ئىنقىلابى قوزغالدى، بۇ جۇڭگو تارىخىدا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان (ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرى)، يەنە بىر قېتىم مۇستەقىل «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ئېلان قىلىندى. 9- ئايدا شېڭشىسەي جىياڭ جىيېشى تەرىپىدىن چوڭچىڭغا يۆتكەن كېتىلدى ۋە ئورمانچىلىق مېنىستىرى قىلىندى، ۋۇ جوڭشىن شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى تەيىنلەندى. ما بۇڧاڭنى بىر تۈركۈم ئەسكەر بىلەن شىجاڭغا ئىبەرىپ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىنى باستۇرۇشقا تىرىشتى. 1946- يىلى 6- ئايدا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى رەئىسى ئېلىخان تۆرە سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوغۇرلاپ كېتىلدى. ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن ئەھمەدجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوڧ قاتارلىقلار ئىلى ھۆكۈمىتى نامىدىن ئىنقىلانى داۋام قىلدۇردى.

 
1942- 1944 ئارىسى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ بايرىقى

1949- يىلى، گومىنداڭ ۋە كۇمپارتىيە ئوتتۇرسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى، جۇ ڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيسى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى، گومىنداڭ ئارمىيىسى مەغلۇب بولۇشقا باشلىدى. پېڭ دېخۇەي باشچىلىقىدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىرىنچى دالا ئارمىيىسى 8- ئاينىڭ 26- كۈنى لەنجۇنى ئىگىلەپ پۈتۈن كەنسۇنى كونترول قىلدى. شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ئىنقىلابىي ئارمىيىس ھەربىي كومېتىتى باشلىقى تاۋ سىيۆ، بۇرھان شەھىدى قاتارلىقلار گومىنداڭ بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەزگىلدە جۇڭگو كۇمپارتىيەسى تەرەپدارى جاڭ جىجوڭنىڭ سالاچىلىقى بىلەن، كۇمپارتىيە تەرەپتىن سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ پېڭ لىچۈەن ئىبەرلىدى. شۇ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىشى چەكلەندى، ھەتتا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە تەسلىق بولۇشقا قىستىدى. 9- ئاينىڭ 25- كۈنى بىرىنچى دالا ئارمىيىسى بىرىنچى ئەترەت ۋاڭ جېننىڭ باشچىلىقىدا ئۈرۈمچىگە كىردى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئۆلكىسى ھالىغا كېلىپ قالدى. جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە چېكىنگەندىن كېيىن، تەيبېي شەھرىدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلىنىپ شىنجاڭ ئۆلكسى تەمسىل قىلىندى. ئەمەلىي كونترولى ئاستىدا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بەك چوڭ مەنىسى بولمىغان بۇ ئورگان 1992- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

مەمۇرىي رايونلىرى

تەھرىرلەش
ۋىلايەت (道) تۈزىمى
تەھرىرلەش

مىنگونىڭ 2- يىلى (1913) 1- ئايدا ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، ڧېئوداللىق ۋىلايەت تۈزىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭىچى ۋىلايەت ناھىيە تۈزىمى كىرگۈزىلدى، چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدىكى ئۈرۈمچى ۋىلايىتى (鎮迪道)، ئىلى-تارباغاتاي ۋىلايىتى (伊塔道)، ئاقسۇ ۋىلايىتى (阿克蘇道)، قەشقەر ۋىلايىتى (喀什噶爾道) قاتارلىق 4 ۋىلايەت ساقلاپ قېلىندى. مىنگونىڭ 3- يىلى (1914) 5- ئايدا، ئۈرۈمچى ۋىلايىتى (鎮迪道) دىخۇا ۋىلايىتىگە (迪化道)، ئىلى-تارباغاتاي ۋىلايىتى ئىلى ۋىلايىتىگە ئۆزگەرتىلدى. مىنگونىڭ 5- يىلى (1916) 6- ئايدا تارباغاتاي ۋىلايىتى قۇرۇلدى. مىنگونىڭ 8- يىلى (1919) 6- ئايدا، ئالتاي رايونى شىنجاڭ ئۆلكسىگە قوشۇلۇپ، ئالتاي ۋىلايىتى قۇرۇلدى. مىنگونىڭ 9- يىلى (1920)، تەرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ، كاشغەر ۋىلايەتلىرىگە قوشۇپ قاراشەھەر، خوتەن ۋىلايەتلىرى قۇرۇلۇپ ۋىلايەتلەر 8 گە يەتتى. مىنگونىڭ 17- يىلى (1928) ۋىلايەت تۈزىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ۋىلايەتلەر:

  • ئۈرۈمچى ۋىلايىتى
  • ئىلى ۋىلايىتى
  • ئاقسۇ ۋىلايىتى
  • كاشغەر ۋىلايىتى
  • تارباغاتاي ۋىلايىتى
  • ئالتاي ۋىلايىتى
  • قاراشەھەر ۋىلايىتى
  • خوتەن ۋىلايىتى

مەمۇرىي رايونلار

تەھرىرلەش

مىنگونىڭ 17- يىلى (1928) ۋىلايەت (道) تۈزىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، شىنجاڭنىڭ تۇپرىقى كەڭ، باشقۇرۇش قولايسىز، شۇڭا كونا 8 ۋىلايەت 8 مەمۇرىي رايونغا ئۆزگەرتىلدى. مىنگونىڭ 22- يىلى (1933) 12- ئاپرېل سىياىسي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، قۇمۇل رايونى قۇرۇلدى. مىنگونىڭ 31- يىلى (1942)، يەركەند رايونى قۇرۇلدى. مىنگونىڭ 32- يىلى (1943) 7- ئايدا مەمۇرىي رايون ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىچكى ئىشلار نازارىتى تەرىپىدىن «ئۆلكىلىك مەمۇرىي نازىرلارنىڭ ۋاقىتلىق نىزامى» ئېلان قىلىنپ، مۇپەتتىشلىكلەر تەشكىللەندى.

ئۈرۈمچى مەمۇرىي رايونى
مىنگونىڭ 17- يىلى (1928) ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى ۋىلايىتى ئۈرۈمچى مەمۇرىي رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، رايون باشلىقى ئۈرۈمچى ناھىيسىگە يەرلەشتى (بۇگۈنكى ئۈرۈمچى شەھەر رايونى). قارمىقىدا ئۈرۈمچى (迪化)، قۇمۇل، گۇچۇڭ، جىمسار (孚遠)، فۇكاڭ، سانجى، ماناس (綏來)، پىچان، بارىكۆل (鎮西)، قۇتۇبىي قاتارلىق 10 ناھىيە. شۇ يىلى 7- ئايدا مىچۈەن (乾德) ناھىيىسى، 1930- يىلى 2- ئايدا مورىي دەرياسى ناھىيىسى، 10- ئايدا يەتتەقۇدۇق باشقارمىسى (設治局) تەسىس قىلىنغان. 1933- يىلى قۇمۇل، باركۆل قاتارلىق 5 ناھىيە قۇمۇل مەمۇرىي رايونى قىلىپ تەشكىللەندى، بىۋاستە رايون 10 ناھىيە 1 باشقارما تەشكىللەندى. 1943- يىلى 7- ئايدا ئۈرۈمچى مەمۇرىي رايونى بىكار قىلىنىپ «شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرىنچى مەمۇرىي مۇپەتتىشلىك رايونى» قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
ئىلى مەمۇرىي رايونى
1928- يىلى سابىق ئىلى ۋىلايىتى ئىلى مەمۇرىي رايونى قىلىپ تەشكىللەندى، رايون مۇپەتتىشى غۇلجا ناھىيىسى (غۇلجا شەھرى)گە جايلاشتى. قارمىقىدا، سۈيدۆڭ (綏定)، غۇلجا (伊寧)، جىڭ (精河)، قورغاس، بۆرتالا 5 ناھىيە تەسىس قىلىنغان. 1932- يىلى 3- ئايدا توققۇزتارا، 1934- يىلى ئاراشاڭ باشقارمىسى، 1937- يىلى تىكەس، موڭغۇلكۈرە قاتارلىق 2 باشقارما، 1938- يىلى نىلقا باشقارمىسى تەسىس قىلىنغان. 1943- يىلى 7- ئىلى مەمۇرىي رايونى بىكار قىلىنىپ «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئىككىنچى مەمۇرىي مۇپەتتىشلىك رايونى» قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
كاشغەر مەمۇرىي رايونى، ئاقسۇ مەمۇرىي رايونى، تارباغاتاي مەمۇرىي رايونى، ئالتاي مەمۇرىي رايونى، خوتەن مەمۇرىي رايونى، قاراشەھەر مەمۇرىي رايونى
1943- يىلى 7- كاشغەر مەمۇرىي رايونى بىكار قىلىنىپ «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئۈچۈنچى مەمۇرىي مۇپەتتىشلىك رايونى»، ئاقسۇ مەمۇرىي رايونى بىكار قىلىنىپ «شىنجاڭ ئۆلكىلىك تۆرتىنچى مەمۇرىي مۇپەتتىشلىك رايونى»، تارباغاتاي مەمۇرىي رايونى بىكار قىلىنىپ «شىنجاڭ ئۆلكىلىك بەشىنچى مەمۇرىي مۇپەتتىشلىك رايونى»، ئالتاي مەمۇرىي رايونى بىكار قىلىنىپ «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئالتىنچى مەمۇرىي مۇپەتتىشلىك رايونى»، خوتەن مەمۇرىي رايونى بىكار قىلىنىپ «شىنجاڭ ئۆلكىلىك يەتتىنچى مەمۇرىي مۇپەتتىشلىك رايونى»، قاراشەھەر مەمۇرىي رايونى بىكار قىلىنىپ «شىنجاڭ ئۆلكىلىك سەككىزىنچى مەمۇرىي مۇپەتتىشلىك رايونى» قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
قۇمۇل مەمۇرىي رايونى
1933- يىلى 12- ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن سوڭرە ئۈرۈمچى مەمۇرىي رايونىغا قاراشلىق قۇمۇل، بارىكۆل (鎮西) ئىككى ناھىيە قۇمۇل مەمۇرىي رايونى قىلىپ تەشكىللەندى، مۇپەتتىش قۇمۇل ناھىيىسى (بۇگۈنكى قۇمۇل شەھرى)گە جايلاشتى. 1937- يىلى ئاراتۈرك باشقارمىسى (كېيىنكى ئاراتۈرك ناھىيىسى) قۇرۇلدى. 1943- يىلى 7- قۇمۇل مەمۇرىي رايونى بىكار قىلىنىپ «شىنجاڭ ئۆلكىلىك توققۇزىنچى مەمۇرىي مۇپەتتىشلىك رايونى» قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
ياركەند مەمۇرىي رايونى
1942- يىلى كاشغەر مەمۇرىي رايونىغا قاراشلىق ياركەند، تاشقورغان، پوسكام، مەركىت 4 ناھىيىسى ۋە خوتەن مەمۇرىي رايونىغا قاراشلىق قارغىلىق (葉城) ناھىيىسى ياركەند مەمۇرىي رايونى قىلىپ تەشكىللەندى. مەمۇرىي مۇپەتتىش ياركەند ناھىيىسىگە جايلاشتى. 1943- يىلى 7- قۇمۇل مەمۇرىي رايونى بىكار قىلىنىپ «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئونىنچى مەمۇرىي مۇپەتتىشلىك رايونى» قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.

مۇمۇرىي مۇپەتتىشلىك

تەھرىرلەش

1932- يىلى ئىچكى ئىشلار نازارىتى تەرىپىدىن «ئۆلكىلىك مەمۇرىي نازىرلارنىڭ ۋاقىتلىق نىزامى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دەرھال ئىجرا قىلىنمىغان، 1943- يىلى 7- ئايغا كەلگەندە، شىنجاڭ ئۆلكىسى 10 مەمۇرىي مۇپەتتىشلىك رايونىغا ئايرىلدى، ھەرقايسى مەمۇرىي مۇپەتىششلىكلەرگە بىردىن مۇپەتتىش تەيىنلەندى. 1947- يىلى ھەرقايسى رايونلارنىڭ ناھىيىلىرى تەڭشەلدى. جۇڭگو كۇمپارتىيىسى ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۋالغاندىن كېيىن ھەرقايسى رايونلار ۋىلايەت (專區) كە ئۆزگەرتىلدى.

 
مىنگونىڭ 32- يىلى (1933) شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنىشى
بىرىنچى مەمۇرىي رايون
1943- يىلى 7- ئايدا ئۈرۈمچى مەمۇرىي رايونى بىكار قىلىنىپ «شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرىنچى مەمۇرىي مۇپەتتىشلىك رايونى» قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، مۇپەتتىش ئۈرۈمچى ناھىيىسىگە جايلاشتى، قارمىقىدا ئۈرۈمچى (迪化)، گۇچۇڭ (奇臺)، جىمسار (孚遠)، فۇكاڭ، سانجى، ماناس (綏來)، پىچان، قۇتۇبىي مىچۈەن (乾德)، مورىي دەرياسى قاتارلىق 10 ناھىيە ۋە يەتتەقۇدۇق باشقارمىسى (設治局) ۋە ئەسلىدىكى قاراشەھەر مەمۇرىي رايونىغا قاراشلىق تۇرپان توقسۇن 2 ناھىيە تەسىس قىلىنغان. 1945- يىلى 8- ئايدا ئۈرۈمچى رايونى مۇپەتتىشى ئۈرۈمچى ناھىيىسىگە جايلاشقان بولغاچقا ناھىيە شەھەرگە ئۆزگەرتىلدى، مۇپەتتىشلىك ئورۇنلاشقان يەر ئۈرۈمچى شەھرى (迪化市) قىلىندى. 1947- يىلى يەتتەقۇدۇق باشقارمىسى توققۇزىنچى رايونغا قوشۇپ بېرىلىپ، ئۈرۈمچى دەرياسى باشقارمىسى تەسىس قىلىنىپ، توپلامدا 12 ناھىيە، 1 شەھەر ۋە بىر باشقارما ھالىغا كەلتۈرلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچە شەھرى ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە ئۆزگەرتىلدى.
ئىككىنچى مەمۇرىي رايون؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلى ۋىلايىتى، ئۈچىنچى مەمۇرىي رايون؛ قەشقەر ۋىلايىتى، تۆرتىنچى مەمۇرىي رايون ئاقسۇ ۋىلايىتى، بەشىنچى مەمۇرىي رايون تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتىنچى مەمۇرىي رايون ئالتاي ۋىلايىتى، يەتتىنچى مەمۇرىي رايون خوتەن ۋىلايىتى، سەككىزىنچى مەمۇرىي رايون قاراشەھەر ۋىلايىتى، توققۇزىنچى مەمۇرىي رايون قۇمۇل ۋىلايىتى، ئونىنچى مەمۇرىي رايون يەركەند ۋىلايىتىگە ئۆزگەرتىلدى.

ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلار

تەھرىرلەش

چىڭ سۇلالسى دەۋرى شىنجاڭ ئۆلكىسى (1911) 6 ۋىلايەت (府) ۋە 8 مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق نازارەت (直隸廳) ۋە 2 مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق ئايماق (直隸州)، قارمىقىدا 1 نازارەت (廳) ۋە 1 ئايماق(州) ۋە 21 ناھىيە بار ئىدى. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، 1913- يىلى 4- ئايدا ھەرقايسى ۋىلايەت، نازارەت ۋە ئايماقلار ناھىيەگە ئۆزگەرتىلدى، جەمئىي 37 ناھىيە بولدى. شىنجاڭنىڭ تۇپرىقى كەڭ بولۇپ، زېمىنى كەڭ ناھىيەلەردە ناھىيەچە (縣佐) لەر قۇرۇلدى، بۇ ناھىيەچەلەر ئەمەلىيەتتە باشقارما (設治局) لارغا تەڭ، ناھىيەگە نىسبەتەن يېقىن دەرىجىدىكى مەمۇرىي بىرلىكلەر ئىدى. نەنجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ناھىيە تەشكىللەش ئۇسۇلى» قاتارلىق قانۇننامەلەردە ناھىيەلەرگە قوشۇمچى ناھىيەچە قۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ناھىيەچەلەرنىڭ قانۇنىي ئورنى بىكار قىلىندى، بۇ ناھىيەچەلەر رولىغا كۆرە ئەسلىدىكى تەۋە ناھىيەلەرگە قوشىۋېتىش قولايسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي ئۇنىۋېرسال كۈچى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان ناھىيەچەلەر ناھىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى؛ دەرىجىگە توشمىغانلارغا بولسا باشقارما ئۇنۋانى بېرىلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پات پات ناھىيەلەر تەسىس قىلدى. شېڭ شىسەي زامانىسىدا 5 ناھىيە 6 باشقارما قۇرۇلدى. 1947- يىلىغا كەلگەندە شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار 1 بىۋاستە قاراشلىق شەھەر، 78 ناھىيە، 2 باشقارما بولدى.

مىنگونىڭ 17- يىلى (1928) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سىتاتىستىكىسىغە كۆرە، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇمۇمىي نۇپۇسى تەخمىنەن 2 مىلىيون 550 مىڭ دېيىلگەن، ئۇيغۇرلار 70%، خىتايلار 10% دىن تۆۋەن.

ھۆكۈمەت

تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۆلكىسى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلغاندىن كېيىن، شەنشى-گەنسۇ باش مۇپەتتىشلىكى (陕甘总督)، گەنسۇ-شىنجاڭ سىلاۋچىسى (甘肅新疆巡撫) ۋە ئىلى جاڭجۈن (伊犁將軍) بىلەن ئىدارە قىلغان. 1912- يىلى جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۆلكىسى شىماك مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى دەۋرىدە (1912-1928) تۇتۇق بېگى (都督، كېيىنچە نۆۋەت بىلەن جاڭجۈن، دۇجۈن\گېنېرال-گوبىرناتور قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتىلدى) بىلەن ئىدەر قىلىنغان.

1928- يىلىدىن ئىتىبارەن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى تەسىس قىلىندى. جۇڭخۇا مىنگو شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 1949- يىلى تەيبېي شەھرى 4- ماي يولى 52- كوچا 31- نومۇرلۇق ئىشخانىغا كۆچۈرۈلگەن، سىرتقا قارىتا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىش بېجىرىش ئورنى دەپ ئاتالغان. 1992- يىلى 16 يانۋار كۈنى بۇ ماقام ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

يەرلىك ئەمەلدارلار

تەھرىرلەش

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دەۋرى(1912 — 1928)

تەھرىرلەش
شىنجاڭ تۇتۇقى، قۇشۇمچە خەلق ھۆكىمىتى باشلىقى (بېيجىڭ ھۆكۈمىتى)
  1. يۈەن داخۇا (سىلاۋچى بەگ مەنسىبىدىن ئۆزگەرتىلگەن) (1912)
  2. يۈەن خوڭيوۋ (مەنسىبىگە ئولتۇرالماي ئۆلتۈرۈلگەن) (1912)
  3. ياڭ زېڭشىن (1912 — 1914)
شىنجاڭ جاڭجۈنى، قوشۇمچە چارلىغۇچى مۇپەتتىش (بېيجىڭ ھۆكۈمىتى)
  1. ياڭ زېڭشىن (1914 — 1916)
شىنجاڭ دۇجۈنى، قوشۇمچە ئۆلكە رەئىسى (بېيجىڭ ھۆكۈمىتى)
  1. ياڭ زېڭشىن (1916 — 1925)
شىنجاڭ دوبىنى قوشۇمچە ئۆلكە رەئىسى
  1. ياڭ زېڭشىن (1925 — 1928)

جۇڭخۇا مىنگو نەنجىڭ ھۆكۈمىتى دەۋرى (1928— 1949)

تەھرىرلەش
شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى (نەنجىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى)
  1. ياڭ زېڭشىن (1928)
  2. جىن شۇرېن (1928 — 1933)
  3. لىيو ۋېنلوڭ (1933) (سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ۋاقىتلىق ئۆلكە رەئىسى، شۇ يىلى 12- ئايدا شېڭ شىسەي تەرىپىدىن نەەربەند قىلىنغان)
  4. جۇ رۇيچى (شېڭ شىسەينىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئۆلكە رەئىسى نائىبى بولدى) (1933 — 1934)
  5. شېڭ شىسەي (1934 — 1944)
  6. ۋۇ جوڭشىن (1944 — 1946)
  7. جاڭ جىجوڭ (1946 — 1947)
  8. مەسئۇد سابىرى (1947 — 1948)
  9. بۇرھان شەھىدى (1948 — 1949)

جۇڭخۇا مىنگو (شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئىش بېجىرىش ئورنى) تەيۋەندە (1949 — 1992)

تەھرىرلەش
شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى
  1. يولبارس (1950- يىل 4- ئاينىڭ 11- كۈنى — 1971- يىل 7- ئاي 27- كۈنى)
شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئىش بېجىرىش ئورنى مۇدىرى
  1. يوۋ داۋ خوڭ(1971- يىل 7- ئاينىڭ 27- كۈنى-?)
  2. خوۋ جىيۈ (?-1992- يىل 1- ئاينىڭ16- كۈنى) (مۇۋەققەت)

مەنبەلەر

تەھرىرلەش