- 1187 - سالاھەددىن ئەييۇبى، قۇددۇسنى مەغلۇب قىلىپ 88 يىللىق ئەھلىسەلپ ئىشغالىنى ئاخىرلاشتۇردى.
- 1552 - قورقۇنچلۇق ئىۋان قۇماندانلىقىدىكى رۇسلار قازان شەھرىنى ئىشغال قىلدى.
- 1608 - زامانېۋىي تېلىسكوپنىڭ پروتوتىپى گوللاندىيەلىك كۆز ئەينەك ئىشلەپچىقىرغۇچى Hans Lippershey تەرىپىدىن ئىشلەندى.
- 1836 - چارلېس دارۋىن، ئىنگلىز پادىشاھلىق دېڭىز ئارمىيىسىغا ئائىت HMS Beagle كېمىسى بىلەن چىققان، برازىلىيە، گالاپاگوس ئاراللىرى ۋە يېڭى زىللاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 يىللىق زىيارىتىدىن ئەنگىلىيەگە قايىتتى. بۇ تىرىشچانلىقلار، 1859 دا ئېلان قىلىنغان تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ناملىق كىتابىنىڭ مەنبەسىنى تەشكىل قىلغان.
- 1870 - رىم, ئىتالىيەنىڭ پايتەختى قىلىندى.
- 1895 - ترابزون ۋىلايىتىدە ئەرمەنى ئىسيانى باشلىدى.
- 1935 - ئىتالىيە ئوردۇسى ئېڧىئوپىيەگە كىردى.
- 1953 - غەربىي گېرمانىيە، ش ئا ئە ت گە قەبۇل قىلىندى.
- 1958 - ڧرانسۇز مۇستەملىكىسى گىنە، مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى.
- 1975 - ئا ق ش، تۈركىيەگە قويۇلغان قۇرال ياراغ ئىمبارگوسىنى قىسمەن قالدۇردى.
- 1990 - جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋئاتسىيىسىگە تەۋە Boeing 737 قاچۇرۇلدى. گۇاڭجو ئايروپورتىغا قونغاندىن كېيىن ئىككى ئايروپلانغا سوقۇلدى؛ 132 كىشى ئۆلدى.
- 1992 - ئېگىي دېڭىزىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي پارات ۋاقتىدا، ئامېرىكىنىڭ بىر ئايروپلان پارخوتىدىن ئېتىلغان ئىككى راكىتا تۈرك ئۇرۇش كېمىسى Muavenet كە تىگىپ، ۋەقەدە كېمە قۇماندانى بىلەن بىرگە 5 دېڭىزچى ئۆلدى.
- 1996 - پېرۇ ھاۋا يوللىرىغا ئائىت بىر Boeing 757، لىمادىن قوزغالغاندىن كېيىنلا تېنچ ئوكيانغا تۈشۈپ كەتتى؛ 70 كىشى ئۆلدى.
- 1997 - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى ئامستېردام كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.
- 2001 - 11- سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ تەئسىرى بىلەن Swissair ھەسسىلىرى قاتتىق تۈشۈپ كەتتى ۋە ۋەيرانچىلىقلار بىلەن نەتىجىلەنگەن باسقۇچ باشلاندى.
تەتىل ۋە ئالاھىيدە كۈنلەر
تەھرىرلەش
- دۇنيا شىددەتتىن ساقلىنىش كۈنى (Nonviolence)