ماڭلاي يېزىسىقاراقاش ناھىيىسى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقتەقاراقاش بازىرى، غەربتەكۇيا بازىرى، شىمالداپۇرچاقچى يېزىسى، جەنۇبتاتوخۇلا يېزىسى ۋە ئاقساراي يېزىسى قاتارلىقلار بىلەن قوشنا. كۆلىمى 24 كۋادرات كىلومېتىر. يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى19322 مو، كىشى بېشىغا 0.95 مودىن تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ.

ماڭلاي يېزىسى

芒来乡.Manglay Town

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە قاراقاش ناھىيىسى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 15 دانە
نوپۇس 22 مىڭ
تور بېكەت قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

يېزا تەۋەسىدە 15 مەمۇرىي كەنت بار بولۇپ، بازار كەنتى، باش ماڭلاي كەنتى، تۆۋەن ماڭلاي كەنتى، تاكشا كەنتى، بۇدۇشۇغ كەنتى، چاقاركەنتى، باش قارىلا كەنتى، تۆۋەن قارىلا كەنتى، قۇرغۇي كەنتى، ئالتۇنچى كەنتى، ئاقتام كەنتى، چىنارباغ كەنتى، داخان كەنتى، قاياش كەنتى قاتارلىقلار. يەنە 76 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 5265 ئاھالە، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئاھالىسى 4915، غەيرىي يېزا ئاھالىسى 350، 21137 نوپۇس، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 21116 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %99.90 نى ئىگەلەيدۇ، خەنزۇلار 21 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.10 نى ئىگەلەيدۇ.

باشقىلار تەھرىرلەش

ھەرخىل كەسپىي تېخنىكا خادىمىدىن 170 ئادەم بار، يەنە بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىسى 1379 نەپەر، ئوقۇتقۇچىسى 77 نەپەرگە يەتكەن؛ 9 باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىسى 3071 نەپەر، ئوقۇتقۇچى 102 نەپەرگە يەتكەن. 2006-يىلى مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. يىل ئاخىرىدا رادىيونىڭ نوپۇسنى قاپلاش نىسبىتى %100 كە يەتكەن، رادىيو بىلەن تېلېۋىزىيەنىڭ نوپۇسنى قاپلاش نىسبىتى يەنە ئوخشاشلا %100 كە يەتكەن، 18 كۇتۇپخانا بار، ھەر خىل كىتابلار 7500 دانە، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى، بىر ئامبولاتورىيە، 20 نەپەر تېببىي خادىم، 30 دانە كېسەل كارىۋىتى بار.