ياۋا يېزىسىقاراقاش ناھىيىسى نىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ئارلىقى 25 كىلومېتىر كېلىدۇ. ياۋا يېزىسى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. شەرقتە قاراساي بازىرى، غەرب تەرىپى گۇما ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ؛ شىمالى قىسمى تەكلىماكان قۇملۇقى غا سوزۇلۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭئاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ؛ غەربىي شىمالى بىلەن]] قەشقەر ۋىلايىتى]] نىڭمارالبېشى ناھىيىسى تۇتىشىدۇ؛ جەنۇبتائۇرچى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

ياۋا يېزىسى

雅瓦乡.Yawa Town

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە قاراقاش ناھىيىسى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 22 دانە
نوپۇس 30 مىڭ
تور بېكەت قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

بۇ يېزىغا قاراشلىق 22 كەنت ئاھالىلەر كومېتىتى بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: كارىز كەنتى، ئاۋات كەنتى، ئېرىق كەنتى، بىخلىق كەنتى، جايتېرەك كەنتى، بازار كەنتى، كۈرەش كەنتى، دايى كەنتى، پەيشەنبە بازار كەنتى، شاخلىق كەنتى، يېڭىئاۋات كەنتى، بوستان كەنتى قاتارلىقلار. 111 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 74877 ئاھالە بولۇپ، يېزا ئاھالىسى 6826، غەيرىي يېزا ئاھالىسى 661، نوپۇسى سانى 30514 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر لار 30472 كىشى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %99.86 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، خەنزۇ لار 41 بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.14 ىنى ئىگىلەيدۇ.

جەمئىيەت تەرەققىياتى تەھرىرلەش

ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىمى 290 ئادەم. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 2، ئوقۇغۇچىسى 2009نەپەر، ئوقۇتقۇچىلار 141 نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپ 15، ئوقۇغۇچىسى 4612 نەپەر، ئوقۇتقۇچىلار 190 نەپەر. 2006-يىلى مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا 200 مىڭ يۈەن بەبلەغ سېلىنغان. يىل ئاخىرىدا رادىيونىڭ قاپلاش نىسبىتى %95 كە، رادىيو بىلەن تېلېۋىزىيەنىڭ نوپۇسنى قاپلاش نىسبىتى %100 كە يەتكەن، سىملىق تېلېۋىزىيە ئابونېنتى 150 كە يەتكەن. 39 كۇتۇپخانا بار بولۇپ، ھەر خىل كىتابلارنى 17600 پارچە، 25 مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى بار. شىپاخانا بىر، تېببىي خادىم 33 نەپەر، كېسەل كارىۋىتى 80 دانە.