پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى

پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان
مىللىتى ئۇيغۇر
دۆلەت تەۋەلىكى تۈركىيە
تۇرار جايى تۈركىيە

پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Ferhat Kurban Tanrıtağlı ) بولسا شەرقىي تۈركىستانلىق تەرجىمان، تەتقىقاتچى ۋە سىياسەتچى.

مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى 1962-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى قەشقەردە ئوقۇغان. 1980-1984-يىللىرى بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە تەربىيە ئالغان. 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەگە كېلىپ، ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇغان. ئۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ۋە خىتاي ھەم ئۇنىڭ سىياسەتلىرى، جۈملىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە ئائىت دىسسېرتاتسىيە، ئىلمىي كىتابلار ۋە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان.

پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى «خىتاينىڭ غەربىي رايون نەزەرىيەسى: خىتاينىڭ تۈركىستان ۋە تۈركىيە سىياسىتى» ، «خىتايدىن ئاشكارىلانغان لاگېر ھۆججەتلىرى: قاراقاش تىزىملىكى»، «يېڭى خىتاي-جاھانگىرلىككە قارشى ئىنقىلابتىن بارلىققا كەلگەن يېڭى جاھانگىر كۈچ»، «خىتاي چۈشى»، «خىتاينىڭ بىر بەلباغ ۋە بىر يول قۇرۇلۇشى ۋە تۈرك دۇنياسى» ۋە خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىغا قارشى تەييارلانغان «كۆك تاشلىق كىتاب» قاتارلىقلاردۇر.

پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ھەتتا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ، تۈركىيە پارلامېنتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئۆز نامزاتلىقىنى كۆرسىتىپ سايلام پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانىدى. ئۇ 2023 يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئىستانبۇلدا 61 يېشىدا ۋاپات بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاپاتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى.



دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى 1987-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن.

باشقىلار

تەھرىرلەش

تەشكىلاتلار

تەھرىرلەش

تەتقىقات مەركىزى

تەھرىرلەش

نەشرىياتى

تەھرىرلەش

قارالسۇن

تەھرىرلەش

مۇناسىۋەتلىك

تەھرىرلەش

تەشكىلاتلار

تەھرىرلەش

شەرقىي تۈركىستان

تەھرىرلەش

جۇمھۇرىيەتلەر:

مەنبەلەر

تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار

تەھرىرلەش
دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى

مەنبەلەر

تەھرىرلەش