I ئەھمەھ تۇغانخان

I ئەھمەد توغانخان (خاقانىيەچە: أحمد طغان خان بن علي، تۈركچە: I. Ahmed Han) بۈيۈك قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ (ھ. 225 – 609 / م. 840 – 1212) 7. خاقانىدۇر. تۇنجى مۇسۇلمان قاراخان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋرىسى، ئەلى ئارسلانخاننىڭ تۆرت ئوغلىدىن بىرى. قاچان توغۇلغانلىقى تارىخنامىلەردە قەيت قىلىنمىغان بولۇپ، ھ. 388 – 408 / م. 997 ياكى 998 – 1017 ياكى 1018 – يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان.

ئۆزى ھەققىدە تەھرىرلەش

ئەبۇلفىدا (ھ. 672 – 732 / م. 1273 – 1331) تارىخىدا ھ. 383 / م. 993 - يىلى ۋەقەلىكىنى بايان قىلىپ: «ھارۇن ئىبنى سۇلايمان ئىلىكخان بۇغراخان بۇخارادا ئاغرىپ قېلىپ يۇرتىغا قايتىپ كېتىۋېتىپ يولدا ۋاپات تاپىدۇ. بۇغراخان دىندار، ياخشى يول تۇتقان زات بولۇپ، مەكتۇبلىرىدا ئۆزىنى ‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمەتچىسى› دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركلەرگە تۇغانخان ئەبۇ نەسر ئەھمەد ئىبنى ئەلى خان پادىشاھ بولدى» دەپ يازىدۇ. ھ. 408 / م. 1017 – يىلى ۋەقەلىكىنىڭ بايانىدا: «قاراخاننىڭ ئىسمى ئەبۇ نەسر ئەھمەد ئىبنى تۇغانخان ئەلى بولۇپ، ئۇ ۋاپات بولغاندا قېرىندىشى ئەبۇل مۇزەففەر ئارسلانخان پادىشاھ بولدى» دەپ يازىدۇ[1].

ئۇيغۇرچە بەزى ئەسەرلەردىمۇ تۇغانخاننىڭ ئىسمى ئەھمەد ئىبنى ئەلى دەپ كېلىدۇ: «مىلادىيە 997 – يىلى ھارۇن بۇغرا قاراخان بۇخارادا كېسەل بولۇپ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قەشقەرگە قايتىش سەپىرىدە يول ئۈستىدە ‹قوچقار بېشى› دېگەن جايدا ئالەمدىن ئۆتتى. قاراخانىيلارنىڭ ئائىلە مازىرى ‹گۈمبەزەتۇل خاقانىيە› قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. 997 - يىلى مۇسا ئارسلان بۇغرا قاراخاننىڭ جىيەنى ئەھمەد ئىبنى ئەلى (تۇغانخان) قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ تەختكە ئولتۇردى. بۇ ۋاقىتتا ھارۇن بۇغراخاننىڭ چوڭ ئوغلى يۈسۈپ قىدىرخان قەشقەردە ئارسلان خان ئىدى. غەربىي قىسىمىنى ئىدارە قىلىش ئىشىنى يەنىلا ئارسلان خان ئوغۇللىرىدىن ناسىر بىن ئەلى ئىلىك خان ئىدارە قىلدى. مىلادىيە 998 – يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى ئەھمەد بىن ئەلى تۇغانخان ئابباسىيلار خەلىپىسىنى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى بولدى. قاراخانىيلار ئابباسيىلار خەلىپىلىرىنىڭ ناملىرىدا مېتال پۇللارنى چىقاردى»[2].

بارتولد (م. 1869 – 1930) نىڭ بايان قىلىشىچە: «ماۋەرائۇننەھرنى ناسىرۇلھەق ناسر ئىبنى ئەلى بىلەن قۇتۇبۇددەۋلە ئەھمەد ئىككى قېرىنداش ئىگىلىگەن. ناسر ئاكا بولۇپ، چوڭراق مەرتىۋىگە ئېرىشكەن. لېكىن، ئەھمەد ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرگەن. تۇغانخان بۇلارنىڭ چوڭ ئاكىسى بولۇپ، مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى بولىدۇ»[3]. بۇنىڭدىن تۇغانخاننىڭ ئىسمى ئەھمەد ئەمەس، بەلكى تۇغانخاننىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى ئەھمەد دېگەن يەكۈنمۇ چىقىدۇ.

بەزى خىتتايچە يازمىلاردا: «تۇغانخان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى ئەبۇل ھەسەن ئەلى ئىبنى مۇسانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى، ئاتىسى ئەبۇل ھەسەن ئەلى يېڭىھىسارنىڭ شەرقىدە ئىسلام ئېچىش جەڭلىرىدە شېھىد بولغانلىقى، تۇغانخاننىڭ يەنە ناسىر، مەنسۇر ۋە مۇھەممەد قاتارلىق ئۈچ ئاكا – ئۇكىسى بارلىقىنى» يازىدۇ[4].

بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئەھمەد، كۇنيىتى ئەبۇ ناسر، ئاتىسىنىڭ كۇنيىتى ئەبۇل ھەسەن، ئىسمى ئەلى ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ «تۇغان» دەپ نامى بارلىقى، شۇنداقلا ئاتىسى ئەبۇل ھەسەن ئەلىنىڭ يېڭىھىسار تەرەپلەرنى فەتىھ قىلىشتا شەھىد بولغانلىقى مەلۇمدۇر.

پەزىلىتى تەھرىرلەش

ئىبنۇل ئەسىر (ھ. 555 – 630 / م. 1160 – 1233) نىڭ بايان قىلىشىچە: «ئىلىكخان تۇغانخان خەيرسۆيەر، ئادالەتلىك، ياخشى يول تۇتقان، دىن ۋە دىن ئەھلىگە ئامراق، ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىنى چوڭ بىلىدىغان ۋە ئۇلارغا ئېھسان قىلىدىغان زات ئىدى»[5].

ئىمام زەھەبىي (ھ. 673 – 748 / م. 1274 – 1348) تۇغانخاننى: «تۈرك تۇغانخان. تۈركىستان، بالاساغۇن، كاشغەر، خوتەن ۋە فاراب پادىشاھى… دىيانەتلىك، ئادالەتلىك، قەھرىمان، باتۇر زات ئىدى» دەپ تەرىپلەيدۇ[6].

ئاتاقلىق ئالىم ئىبنى خالدۇن (ھ. 732 – 808 / م. 1332 – 1406) ئۇنى: «ئادالەتپەرۋەر، خەيرسۆيەر، دىندار، دىن ۋە دىن ئەھلىگە ئامراق، ئۇلارغا مايىل ۋە ئۇلارنى يوقلاپ تۇرىدىغان، ئۆزىگە يېقىن تۇتىدىغان زات ئىدى» دەپ تەرىپلەيدۇ[7].

بەزى خىتتايچە يازمىلاردىمۇ: «تۇغانخان ئىسلام دۇنياسىدا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە بولغاچقا، ئادىل، ئاقكۆڭۈل، تەقۋادار، مەرىپەتپەرۋەر ۋە ئۆز خەلقىنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشى، دەپ تەرىپلەنگەن» دېيىلگەن[4].

زامانداشلىرى تەھرىرلەش

جەننەت ماكان ئەھمەد توغانخان بۈيۈك بابامىز بولمىش سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ھەزرەتلىرىنىڭ ئەۋلادى، مۇجاھىد ۋە شېھىد خاقاننىڭ ئوغلى، مۇجاھىد خاقان تۇغانخان ھەزرەتلىرى ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان دىيانەتلىك، ئىلىمسۆيەر خاقان – پادىشاھلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە پەرۋىش قىلىشى نەتىجىسىدە دۇنياۋىي تەسىر قالدۇرغان ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا (ھ. 370 – 428 / م. 980 – 1037)، ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد جەۋھەرىي (ھ. ؟ – 393 / م. ؟ – 1003) ئىمادۇددىن كاشغەرىي (ھ. 4 / م. 11 – ئەسىر)، مۇھەممەد ئەلى مۇھەممەد ئەمىن ياركەندىي (ھ. 4 / م. 11 – ئەسىر)، ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئەلبىيرونىي (ھ. 362 – 440 / م. 973 – 1048)، ئەبۇل ئابباس جەئفەر ئەلمۇستەغفىرىي (ھ. 350 – 432 / م. 961 – 1040)، ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف ئەلئەلمەئىي ئەلكاشغەرىي (ھ. ؟ – 484 / م. ؟ – 1081)، ئۇنىڭ ئوغلى ئەبۇل فۇتۇھ ئابدۇلغافىر ئەلئەلمەئىي ئەلكاشغەرىي (ھ. ؟ – 466 / م. ؟ – 1073)، مەھمۇد ئەلكاشغەرىي (ھ. 398 – 498 / م. 1008 – 1105)، يۈسۈپ خاس ھاجىب (ھ. 409 – 477 / م. 1019 – 1085) نەجمۇددىن ئەبۇ ھەفس ئۆمەر ئەننەسەفىي (ھ. 461 – 537 / م. 1069 – 1142)، ئالائىددىن ئەلخۇتەنىي (ھ. 5 / م. 12 – ئەسىر)، جارۇللاھ زەمەخشەرىي (ھ. 467 – 538 / م. 1074 – 1143)، مەجدۇدىن ئەلخۇتەنىي (ھ. ؟ – 576 / م. ؟ – 1180) قاتارلىق نۇرغۇن ئالىملار، شۇنداقلا نەجىب ئەلفەرغانىي (ھ. 479 – 479 / م. 1048 – 1079)، ئەبۇ نەجىب شىھابۇددىن ئومئاق ئەمىيقىي ئەلبۇخارىي (ھ. 440 – 542 / م. 1048 – 1147)، ئەھمەد يەسەۋىي (ھ. 485 – 561 / م. 1093 – 1166)، ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكىي (ھ. 6 – / م. 12 ئەسىر) قاتارلىق كاتتا شائىر ۋە ئەدىبلەرمۇ دىيارىمىز تۈركىستاندا يېتىشىپ چىققاندۇر. ئۇلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى ۋە قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ رويابقا چىقىشىنى تۇغانخاندەك زاتلارنىڭ ئىلىم يولىدا قىلغان خىزمەتلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

سەلتەنىتى تەھرىرلەش

قاراخانىيلار بىلەن غەزنەۋىيلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇش ۋەسۇلھ تەھرىرلەش

سامانىيلار (ھ. 203 – 389 / م. 819 – 999) زېمىنى بولغان ماۋەرائۇننەھرگە قىلىنغان يۈرۈشلەر تۈپەيلى بۈيۈك غەزنەۋىيلەر دۆلىتى (ھ. 348 – 581/ م. 961 – 1187) بىلەن قاراخانىيلار دۆلىتى ئوتتۇرىدا گاھ سۇلھ، گاھ ئۇرۇش ۋەزىيىتى داۋام قىلماقتا ئىدى. مەشھۇر غەزنەۋىي سۇلتانى سۇلتان مەھمۇد سەبۈك تېكىننىڭ ئوغلى بولۇپ، قارلۇقلاردىن بولغان سەبۇك تېكىن ھ. 366 / م. 977 – يىلى غەزنەۋىيلەر تەختىگە ئولتۇرىدۇ. ھ. 388 / م. 998 – يىلى مەھمۇد سەبۇك تېكىننىڭ تەختىگە ۋارسلىق قىلىدۇ. ھ. 389 / م. 999 – يىلى سامانىيلار خانلىقى قاراخانىيلار تەرىپىدىن تارىخقا كۆمۈلگەندىن كېيىن، ئەھمەد توغانخاننىڭ قېرىندىشى ناسىرخان ماۋەرائۇننەھرگە ئىلكخان تەيىنلەندى. ھ. 390 / م. 1000 – يىلى ئۆز ۋاقتىدىكى قاراخان ئەھمەد توغانخان سۇلتان مەھمۇدقا ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ يېڭى قۇرغان دۆلىتىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە سۇلتان مەھمۇدنىڭ تەكلىپى بىلەن ماۋەرئۇننەھر ئىلكخانى ناسىرنىڭ قىزى يېڭى غەزنەۋىي سۇلتانى مەھمۇدقا ياتلىق قىلىنىپ، ئىككى ئوتتۇرىدا قۇدا – باجىلىق ئورنىتىلدى. ناسىر ئىلكخاننىڭ ھ. 398 / م. 1006 – يىلى غەزنەۋىيلەرگە قىلغان يۈرۈشى مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، ئۇ كېيىنكى يىلى ئىككىنچى قېتىم يۈرۈش قىلىشقا تەييارلىنىپ، خوتەندىكى يۈسۈپ قىدىرخاننىمۇ ياردەمگە چاقىرىدۇ. مىلادىنىڭ 1008 – يىلى 4 – يانۋار كۈنى 50 مىڭ كىشىلىك قاراخانىي قوشۇنى بىلەن نۇرغۇن ئەسكەر ۋە 500 ئۇرۇش پىلىغا ئىگە غەزنەۋىي قوشۇنى بەلختىن 12 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى «كەتەر» سېيىدا تۇتۇشىدۇ. ئاقىۋەتتە قاراخانىيلار قوشۇنى مەغلۇپ بولىدۇ. جەڭدە غەزنەۋىيلەرنىڭ ئۇرۇش پىللىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇرۇش جىددىيلەشكەندە قاراخانىيلارنىڭ ئارقا سېپىدە ئېھتىياتتا تۇرغان ئەھمەد تۇغانخان قوشۇننى باشلاپ ئۇرۇش مەيدانىدىن قاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەغلۇبىيەت مۇقەررەلىشىدۇ[8]. تارىخچىلار تۇغانخاننىڭ بۇ چېكىنىشنىڭ سەۋەبىنى توغانخان ئەھمەد ئاستىرىتتىن سۇلتان مەھمۇد بىلەن تىل بىرىكتۈرۈگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ تەھلىل قىلىدۇ[9]. چۈنكى بەزى تارىخى مەنبەلەردە قارخانىيلاردىن ياتلىق قىلىنغان مەلىكىنىڭ توغانخاننىڭ قىزى چىگىل خاتۇن ئىكەنلىكىمۇ قەيت قىلىنىدۇ[10]. شۇڭا بەزى تارىخچىلار ئوتتۇرىدىكى قۇدا – باجىلىق مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۇغانخان كۈيئوغلى بىلەن ئۇرۇشۇشنى خاھلىمىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ.

قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي بۇ ئۇرۇشتىن مەغلۇپ قايتقاندىن قاراخانىيلارنىڭ قايتا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ خوتەندىكى يۈسۈپ قىدىرخان، ماۋەرائۇننەھردىكى ناسىر ئىلكخان ۋە ئوردۇكەنت (كاشغەر)دىكى ئەھمەد تۇغانخانغا ئايرىم – ئايرىم خەت يېزىپ، ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ۋە ئۇلار بىلەن سۇلھ تۈزۈپ، تىنچلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان. يۈسۈپ قىدىرخان بىلەن ناسىر ئىلكخان بۇنى رەت قىلغان بولسىمۇ، تۇغانخان سۇلتان مەھمۇدنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز ئالدىغا پۈتۈشىدۇ ۋە ھ. 400 / م. 1009 – يىلى سۇلتان مەھمۇدقا ئەلچى ئەۋەتىدۇ. ئەسلىدىلا ئاخىرىقى قېتىمقى ئۇرۇشتا قاراخانىيلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىدىن، يۈسۈپ قىدىرخان بىلەن ناسىر ئىلكخان تۇغانخاندىن قاتتىق نارازى ئىدى. بۇ قېتىمقى سۇلھدىن تېخىمۇ غەزەپلەنگەن ناسىر ئىلكخان تۇغانخاننىڭ جاجىسىنى بېرىش ئۈچۈن، ھ. 401 / م. 1010 – يىلى قىشتا سەمەرقەندتىن ئوردۇكەنتكە قاراپ يولغا چىقىپ بالاساغۇنغا يېقىنلاشقاندا قاتتىق سوغۇق ۋە قار ياغقانلىقتىن، ئۆزكەنتتىن ئۆتەلمەي تۇرۇپ قالىدۇ[11]. بۇ يۈرۈشتىن خەۋەر تاپقان سۇلتان مەھمۇد دەرھال ئىلكخان ناسىرغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا ماقۇل كېلىدىغان مۇۋاپىق شەرتلەر ئاساسىدا سۇلھ قىلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. مەنسۇرخان بۇ شەرتلەرنى ئۆزىگە پايدىلىق ۋە مۇۋاپىق دەپ بىلىپ، قوبۇل قىلىدۇ. ھ. 402 / م. 1012 – يىلى ئەتراپىدا توغانخاننىڭ ئاكىسى ئىلكخان ناسىر ئىبىن ئەلى ئۆلگەندىن كېيىن يۈسۈپ قىدىرخان ياركەند ۋە كاشغەرنى ئىشغال قىلىپ، سۇلتان ئەھمەد توغانخاننى بالاساغۇنغا كېتىشكە مەجبۇرلايدۇ[12].

تارىخچى ئىبنۇل ئەسىر ھ. 401 / م. 1010 – يىلى ۋەقەلىرىنى بايان قىلغاندا بۇ جەرياننى مۇنداق يازىدۇ: «بۇ يىلدا ئىلىكخان قوشۇن باشلاپ قېرىندىشى تۇغانخانغا جازا يۈرۈشىگە ئاتلانغان. ئۆزكەنتكە بارغاندا قار يېغىپ كېتىپ يولىنى داۋاملاشتۇرالماي سەمەرقەندكە قايتقان. بۇ جازا يۈرۈشىنىڭ سەۋەبى تۇغانخان يەمىنۇددەۋلە[13] مەھمۇد غەزنەۋىيگە قېرىندىشى ئەلى ئىلىكخاننىڭ خۇراساننى بېسىۋالماقچى بولغىنىدىن ئۆزرە ئېيتىپ: ‹مەن بۇنىڭغا رازى بولمىدىم› دەپ گۇناھنى قېرىندىشىغا ئارتقان ۋە ئۇنىڭ قىلمىشىدىن ئۆزىنى ئاقلىغان. ئىلىكخان ناسىر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن غەزەپلىنىپ ئۇنى ئەدەبلىمەكچى بولغان»[14]. دېمەك، تۇغانخاننىڭ سۇلتان مەھمۇدقا ئۆزرە ئېيتىشىنىڭ سەۋەبى، 397 /م. 1006 سۇلتان مەھمۇد ھىندىستاندا غازات قىلىۋاتقاندا ئىلىكخان مەنسۇر ئىبنى ئەلىنىڭ بەلخ ۋە خۇراسانغا ئىككى يولدىن قوشۇن يوللاپ ھۇجۇم قىلىشى ئىدى.

مەيلى قانداق بولسۇن، تۇغانخاننىڭ سۇلتان مەھمۇد بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇپ، ئىككى ئوتتۇرىدا ئۇرۇش بولۇشنى خاھلىمىغان ۋە سۇلھ تەرەپدارى بولغان.

ئىبنۇلئەسىر يەنە ھ. 403 / م. 1012 – يىلى ۋەقەلىرىنى بايان قىلغاندا مۇنداق يازىدۇ: «تۇغانخان تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن يەمىنۇددەۋلە سۇلتان مەھمۇدقا ئەلچى ئەۋەتىپ يارىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: «بىر – بىرىمىز بىلەن ھەپىلىشىشنى قويۇپ، سېنىڭ ھىندىستاندا غازات قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇشۇڭ، مېنىڭ كاپىر تۈركلەرگە قارشى غازات بىلەن مەشغۇل بولۇشۇم ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىدۇر»، دەيدۇ. بۇ سۆز سۇلتان مەھمۇدقا ياراپ كېتىپ ماقۇل بولىدۇ ۋە ھەر ئىككىسى كاپىرلارغا قارشى غازات قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىدۇ»[15].

قىتانلار بىلەن بولغان جەڭ ۋە زەپەر تەھرىرلەش

I توغانخان زامانىدا يۈز بەرگەن ئىككىنچى زور ۋەقە بولسا، تۇغانخاننىڭ قىتانلار بىلەن قىلغان چوڭ ئۇرۇشىدۇر. تارىخچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە ھ. 408 / م. 1008 – يىلى لىياۋ سۇلالىسى يۈزمىڭ كىشىلىك سۇۋارى قوشۇن بىلەن ئالتاي تاغلىرىنى ئېشىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ھۇجۇم قىلدى. «ئىككى ئۆگۈز» (ھازىرقى ئالتاي ۋىلايىتى) ۋە ئىمىل قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ ئىلىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ ئىلى دەرياسى بويىغا يېقىنلاشتى. تۇغانخان ئۇ كۈنلەردە قاتتىق كېسەل بولغانلىقتىن، قىتانلارنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن يوللىغان ئەسكەرلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئاڭلاپ كۆپ غەمكىن بولغان ۋە خۇداغا يىغلاپ ئۆزىگە شىپا تىلىگەن. بىر كېچىدە تۇغانخان شىپا تېپىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ماغدۇرىغا كەلگەن. كاشغەر ۋە باشقا تەرەپلەردىن بالاساغۇنغا كەلگەن ياردەملەر بىلەن كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قىتانلارنىڭ ئۈستىگە يۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆلتۈرۈپ، قاچقانلىرىنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ ئىمىلغا قەدەر بارغان. 10 مىڭدىن كۆپرەك قىتاننى ئەسىر ئېلىپ، قالغانلىرىنى قوغلاپ ئالتاي تاغلىرىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ قايتقان. بۇ قېتىمقى يېغىدا ھېسابسىز چارۋا – مال غەنىمەت ئېلىنغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[4].

دىيارىمىزغا باستۇرۇپ كەلگەن بۇ قوشۇن بەزى ئۇيغۇر ۋە ئەرەب تارىخچىلىرى تەرىپىدىن تۈرك ياكى خىتاي دەپ قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، بۇلار ئەسلى تۇنگۇس ئىرقىدىن بولغان ئالتاي قەۋملىرىدىن بىرى بولۇپ، مىلادى 916 – يىلى يوللۇغ ئاپاگى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، كېيىنچە زېمىنى شەرقتە تىنچ ئوكياندىن غەربتە موڭغۇل دالىسىنىڭ غەربىگىچە، جەنۇبتا تاڭغۇت خانلىقى ۋە شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىغا قوشنا بولغان لىياۋ سۇلالىسى قوشۇنىدۇر. قىتانلار يايلاق مىللەتلىرىدىن بولۇپ، ئۈنۈمسىز جوغراپىيىلىك شارائىت بائىس مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ جەڭ قىلىدىغان، قاتتىق مۇنتىزىم بىر قوشۇنغا ئىگە ئىدى. تۇغانخان (م. 998 – 1018) زامانىدا قىتان تەختىدە يوللۇغ لوڭشۈ (م. 982 – 1032) خان بولۇپ، دۆلەت زېمىنىدا ياشىغۇچى خەنزۇلار قىتان ھاكىمىيىتىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان ۋە قىتانلارمۇ ئاللىبۇرۇن خەنزۇ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەنزۇ ۋە قىتان مىللەتلىرى بىرگە جەڭ قىلىدىغان ھالەت شەكىللەنگەنىدى، ئۆز ۋاقتىدىكى ئىسلام دۆلىتىگە تاجاۋۇز قىلماقچى بولغان قوشۇنغا لىياۋ زېمىنىغا داخىل خەنزۇ ۋە قىتان خەلقلىرىدىن تەشكىللەنگەن قوشۇن بەزى مەنبەلەردە ئىككى يۈزمىڭ كىشىلىك دەپ قەيت قىلىنغان. باتۇر مۇجاھىد تۇغانخان بۇ قىتانلارنىڭ ھۇجۇمىنى ئالدىنئالا توسۇپ، غەربكە يۈرۈش قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەي قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ قالغان.

يەنە بۇ چوڭ جەڭدە ئەسىرگە ئېلىنغان قىتانلارنىڭ سانىنى مۇھەممەد ئەمىن ھەزرىتىم 10 مىڭدىن كۆپرەك دەپ يازغان بولسىمۇ، تارىخىي مەنبەلەردە ئاساسەن دېگۈدەك 100 مىڭ دەپ ئالىدۇ. بۇ جەڭنىڭ ئىنتايىن چوڭ جەڭلىكى، بۇ جەڭگە قاتناشقان قوشۇن سانىنىڭ تارىختا كەم ئۇچرايدىغان دەرىجىدە كۆپ بولۇشى، شۇنداقلا غەلىبىنىڭ تارىخىي بىر غەلىبە ئىكەنلىكى ئەسىرلەر سانىنىڭ 10 مىڭدىن كۆپلۈكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام زھەبىي بۇ قوشۇننى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئۇنىڭغا قارشى خەنزۇ ۋە قىتان قوشۇنلىرى يۈرۈش قىلدى. ئۇلارنىڭ سانى تارىختا ئاڭلاپ باقمىغان دەرىجىدە كۆپ، ھەتتا 300 مىڭ ئىدى دېيىلگەن. بۇ چاغدا تۇغانخان كېسەل ئىدى. ئۇ: ‹ئى ئاللاھ! ئۇلارغا قارشى غازات قىلىشىم ئۈچۈن ماڭا شىپالىق ئاتا قىلغايسەن، ئاندىن خاھلىساڭ جېنىمنى ئالغايسەن› دەپ دۇئا قىلىدۇ ۋە دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ ساقىيىدۇ. قوشۇنلىرىنى توپلاپ ئۇلارغا قارشى تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئۇلاردىن 200 مىڭغا يېقىننى ئۆلتۈرۈپ، 100 مىڭنى ئەسىر ئالىدۇ. بۇ ھ. 408 / 1017 – يىلى يۈز بەرگەن تارىختا داستان بولغۇدەك چوڭ جەڭ ئىدى. ئۇ بالاساغۇنغا ھەددى – ھېسابسىز غەنىمەتلەر بىلەن قايتتى. قايتىپ بولۇشىغا ئاللاھ ئۇنى ۋاپات تاپتۇردى»[6].

قىتانلارنىڭ دىيارى ۋە ئىككى تەرەپ قوشۇنى ھەققىدە ئىمام ئىبنى خەلدۇن «چىن تەرەپتىن تۈركلەرنىڭ چىقىشى» دېگەن تېمىدا تېخىمۇ ئېنىقراق مەلۇمات بېرىدۇ: «ھ. 408 – يىلى چىن بىلەن ماۋەرائۇننەھر ئارىلىقىدىكى چۆلدىن 300 مىڭ چېدىرغا يېقىن نۇرغۇنلىغان تۈرك قوشۇنى چىققان. ئۇلار چېدىرنى جازكان دەپ ئاتىشاتتى ۋە ئۇنى تېرىدىن ياسايتتى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى قىتانلاردىن ئىدى. ئۇلار تۈركىستان مۈلكىدە زېمىن ئىگىلىگىلى تۇردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىستان خاقانى تۇغانخان ئاغرىپ قالدى. ئۇلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ يۈرۈش قىلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا باشلىدى. ئاندىن تۇغانخان ساقىيىپ جىمى دىيارلاردىن مۇسۇلمانلارنى سەپەرۋەر قىلىپ توپلاپ ئۇلارغا 120 مىڭ كىشىلىك قوشۇندا يۈرۈش قىلىدۇ. دۈشمەن ئۇنىڭدىن يېڭىلىپ قاچىدۇ. تۇغانخان ئۇلارنى ئۈچ ئايغىچە ئىز قوغلاپ ئاخىرى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ ئۇلاردىن 200 مىڭغا يېقىن كىشىنى ئۆلتۈرۈپ 100 مىڭغا يېقىننى ئەسىر ئالىدۇ. چارۋا – مال، چېدىر، چىننىڭ ئالتۇن – كۈمۈش قاچا – قۇچىلىرى قاتارلىق تىلدا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەرنى ئالىدۇ». ئىبنى خەلدۇن يەنە بىر ئورۇندا دۈشمەن قوشۇنىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنى 100 مىڭغا يېقىن، ئەسىر ئېلىنغانلار سانىنىمۇ 100 مىڭغا يېقىن، دېگەن[16].

ئىبنۇل ئەسىر قىتان قاتارلىق «تۈركلەر» ھەققىدە: «ئۇلارنىڭ يۈرۈش قىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، تۇغانخان پادىشاھ بولغاندىن كېيىن قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالىدۇ. كېسىلى ئۇزىراپ كەتكەچكە دۈشمەن بۇ دىيارلارغا كۆز تىكىپ يۈرۈش قىلىدۇ. بەزى جايلارنى ئىگىلەپ، ئولجا ۋە ئەسىر ئېلىپ ئۇلار بىلەن بالاساغۇن ئوتتۇرىدا 8 كۈنلۈك يول قالغانىدى، تۇغانخان ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن خەۋەر تاپقاندا بالاساغۇندا كېسەل ئىدى. ئۇ كاپىرلاردىن ئىنتىقام ئېلىش ۋە ۋەتەننى ئۇلارنىڭ شەررىدىن قوغداش ئۈچۈن ئاللاھتىن شىپالىق تىلىدى ۋە مەقسەت ئادا بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغىنىنى قىلىشىنى سورىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى شۇ ھامان ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭغا شىپالىق ئاتا قىلدى. ئۇ ئەسكەرلىرىنى توپلاپ پۈتۈن ئىسلام دىيارلىرىغا چاقىرىق قىلىپ مەكتۇپ ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېنىدا 120 مىڭ پىدائىي قوشۇن جەم بولدى. باسقۇنچى تۈركلەرگە ئۇنىڭ ساقىيىپ قوپقانلىقى ۋە قولىدىكى قوشۇننىڭ زورلۇقى يەتكەندە يۇرتلىرىغا قايتىشتى. تۇغانخان ئۇلارنىڭ ئارقىدىن ئۈچ ئاي قوغلاپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى»[17]، دەيدۇ.

ئىمام زەھەبىي بۇ تارىخىي چوڭ جەڭنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «تۇغانخان ماۋەرائۇننەھر ئىقلىمىنى ئېلىپ مۈلكى كېڭەيگەندىن كېيىن چىن پادىشاھى يۈزمىڭ چېدىرلىق قوشۇن بىلەن ئۇنىڭغا قارشى يۈرۈش قىلدى. تۇغانخانمۇ ئەسكىرىنى توپلاپ قوشۇن تەييارلىدى. مۇسۇلمانلار زىلزىلىگە كېلىپ ئەھۋال خەۋپلىك بولدى. جىھاد ئۈچۈن خەلق سەپەرۋەر بولۇپ پىدائىيلار قوشۇلۇپ تۇغانخانىڭ قوشۇنىنىڭ سانى 100 مىڭ جەڭچى ئەتراپىدا بولدى. ئاللاھقا يېلىنىش ۋە دۇئا – تىلەكلەر كۆپ بولدى. ئىككى قوشۇن ئۇچراشتى. گوياكى ئىككى دېڭىز بىر – بىرىگە ئۇرۇلدى. ھەر ئىككى تەرەپ چىدامچانلىق كۆرسەتتى. ئۆلۈمنىڭ تەمى ئىسلام ئەھلىگە تاتلىق تۇيۇلدى. ئۇلار شاھادەتنى ئەلا بىلىپ جەڭ قىلدى ۋە ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشتى. كۇپپارلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. بۇ چوڭ جەڭ ئىسلام جەڭلىرىنىڭ نېمىدېگەن ئۇلۇغى – ھە! زامانىسىدا ھەقىقەتەن مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىدى»[18].

شۇ دەۋردە يەمىنۇددەۋلە مەھمۇد غەزنەۋىيگە ۋەزىر بولغان ئاتاقلىق ئەدىب ۋە تارىخچى ئەبۇ نەسر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلجاببار (ھ. 427 / م. 1036) قىممەتلىك ئەسىرى «تارىخى يەمىينىي»دە بۇ چوڭ جەڭنى مۇنداق تەسۋىلەيدۇ: «چىن تەرەپتىن تۇغانخانغا ۋە تۈرك دىيارلىرى بىلەن ماۋەرائۇننەھر قاتارلىق ئىسلام دىيارلىرىغا قارشى قوشۇنلار ئاتلاندى. ئۇلارنىڭ سانى 300 (يەنە بىر نۇسخىدا 100) مىڭ چېدىرلىق لەشكەر بولۇپ، ئىسلامىيەتتە ئۇنچىلىك زور قوشۇننىڭ بىر يەرگە توپلىنىشى ئاڭلىنىپ باقمىغاندۇر. ﴿ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولۇشىدۇ﴾[19]. ئىسلام ئەھلى كۆپ بوزەك قىلىنىپ، قوي كەبى بۇغۇزلانغاچقا، بۇلارمۇ ئىسلام ئەھلىگە تاجاۋۇز قىلماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇغانخان ئىسلام دىيارلىرىنى سەپەرۋەرلىككە چاقىردى. نىھايەت ئۇنىڭ يېنىغا تۈركلەردىن، پىدائىي ئەركەكلەردىن ۋە ھۆر غازاتچىلاردىن 100 مىڭغا يېقىن ئەر جەم بولدى. دۈشمەننىڭ باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قورقۇنچلۇق خەۋەرنى كۆپ ئاڭلاپ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇلاقلىرى ساغرۇ بولدى. دىللارنى قورقۇنچ قاپلىدى. كۆڭۈللەر خەۋپسىرىدى. زىكىر تىلاۋەت، دۇئا – تىلەكلەر ھەمدەم بولدى. تۇغانخان باستۇرۇپ كېلىۋاتقان كۇپپارلار قوشۇنىغا قاراپ قاتتىق ئۇرۇشۇش نىيىتىدە، يا ئۆلۈمنى كۈتۈۋېلىش ياكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تىلى ئارقىلىق مۇئمىنلەرگە بەرگەن ﴿شەك – شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز﴾[20] دېگەن ھەق سۆزىدىكى ۋەدىسى بويىچە نۇسرىتىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئاتلاندى. ئارقا – ئارقىدىن شۇنداق چوڭ جەڭلەر بولدىكى، كاللىلارنىڭ ئېلىنىشىدىن، قانلارنىڭ تۆكۈلۈشىدىن، ئاتلارنىڭ بىر – بىرىگە سوقۇلۇشىدىن بۇلۇتلاردىن يامغۇر يېغىۋاتامدۇ ياكى قان قۇيۇلۇۋاتامدۇ؟ قىلىچلار گىرەلىشىۋاتامدۇ ياكى چاقماق چېقىۋاتامدۇ؟ كېچىنىڭ زۇلمىتىمۇ ياكى جەڭنىڭ چاڭ – تۇزانلىرىمۇ ئايرىغىلى بولماي قالدى. بۇ جەڭدە جانابىي ئاللاھ باشتىن – ئاخىرى مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا نۇسرەت ئاتا قىلدى. مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلغان ھالدا بىر كۈنى دۇشمەن بىلەن ھەل قىلغۇچ چەڭگە كىردى ۋە سەباتلىق كۆرسەتتى. ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بولسا مەستەك بولۇپ كەتتى، كۈن چىقىپ كۆتۈرۈلگەندە قۇياش خۇددى ئۇلارنىڭ كاللىلىرىنىڭ دۆۋىسىگە كىيدۈرۈلگەن تاج كەبى كۆرۈندى. ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى بولسا ئاللاھنىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىپ غەلىبە قىلدۇرغانلىقىدىن خۇشال كەيپىياتتا كاللىلارنى چېپىپ ھارمىدى. نىھايەت ئۇلار جەڭ مەيدانىدىن ئايرىلغاندا كەڭرى سايلىقتا 100 مىڭغا يېقىن كاللىسى تېنىدىن جۇدا بولغان تاپ، چېپىلغان قول – پۇتلارنى سىرتلانلارغا يەم، ئاچ يىرتقۇچلارغا زىياپەت سۈپىتىدە تاشلاپ ماڭدى. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا 100 مىڭغا يېقىن مالاي ۋە دېدەكلەرنى، چۆل – باياۋان يوللىرىغا، سايلىقنىڭ ئەتراپىغا پاتماي قالغان مال – چارۋىلارنى ئولجا قىلىپ بەردى. قالغانلىرى تىرىپىرەن بولدى. ئۇلارنىڭ ئارقىدىن ئىز قوغلىغان قىلىچلار ئۇلارنى چېپىپ توختىمىدى. ئۇلارنىڭ جانلىرىنى قۇش كەبى ئۇچۇپ بېرىپ ئالدى. بۇ غەلىبە خۇشخەۋىرى ئىسلام دىيارلىرىغا پۇر كەتتى. يۈزلەر كۈلۈپ، دىللار ئىچ – ئىچىدىن يورۇدى. پۈتۈن خالايىق شادلىققا چۆمدى ۋە ئاللاھقا شۈكۈرلەر ئېيتىلدى. ئۆي – ئۆيلەرگە، ھەتتا قەسىرلەردىكى چىمىلداقلارغىچە خۇشخەۋەرلەر يەتتى.»[21].

بۇ يەردىكى قوشۇننىڭ ئەسكەر سانىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بولۇشى مۇمكىن. لېكىن شۇ چاغدىكى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ سامانىيلار دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلىپ (ھ. 389 / م. 999) غەزنەۋىيلەر بىلەن تەڭمۇتەڭ تىركىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆزدە تۇتساق ۋە تارىخچىلارنىڭ بۇ قېتىمقى قىتان قوشۇنلىرىنى «تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن» دېيىشىدىن، بىر نەچچە خىل مەنبەدە بېرىلگەن رەقەملەردىن سانىنىڭ ئەدناسى 200 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. بەزى خىتتايچە يازمىلارمۇ بۇ ساننى 200 مىڭ دەپ ئالىدۇ[22]. ئۇلارنى بۇنداق مەغلۇپ قىلىشىدا تۇغانخاننىڭ بىز يۇقىرىدا تىل ئالغان سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي بىلەن ئۆزئارا ھەپىلەشمەي ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كاپىرلار بىلەن تۇتۇشۇشى ھەققىدىكى كېلىشىمنامىسىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى تۇغانخان بۇ قېتىمقى يۈرۈشكە سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىيدىنمۇ ياردەم تەلەپ قىلغان ۋە سۇلتان مەھمۇد ياردەمگە قوشۇن ئەۋەتكەن[23].

مانا بۇ شانلىق زەپەر تۇغانخان سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي بىلەن سۇلھ تۈزۈپ نەق 5 يىل كېيىن قولغا كەلگەن بولۇپ، بۇ غەلىبىنىمۇ ئاشۇ سۇلھىنىڭ بىر مېۋىسى دېيىشكە بولىدۇ.

تۆھپىسى تەھرىرلەش

تۇغانخان تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن يەمىنۇددەۋلە سۇلتان مەھمۇدقا ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «بىر – بىرىمىز بىلەن ھەپىلىشىشنى قويۇپ، سېنىڭ ھىندىستاندا غازات قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇشۇڭ، مېنىڭ كاپىر تۈركلەرگە قارشى غازات بىلەن مەشغۇل بولۇشۇم ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىدۇر»، دەيدۇ[15]. مانا بۇ تارىخ سەھىپىلىرىگە ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلىشى كېرەك بولغان، تۇغانخاننىڭ ئىسلامنى نەقەدەر توغرا چۈشەنگەن دانا زات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئېسىل سۆز بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى چوڭ ئىسلام دۆلىتى ئوتتۇرىدىكى بىھۇدە ئۇرۇش توختىغان ۋە زىددىيەت دوستلۇققا ئايلانغان. تۇغانخاننىڭ كۆڭلىدىن چىققان بۇ سۆزلەر ئۇلۇغ ئىسلام باھادىرى، ھىندىستان فاتىھى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىينىڭ كۆڭلىگە ئىنتايىن ياققان ۋە بۇ سۇلھ نەتىجىسىدە قاراخانىيلاردىن خاتىرجەم بولغان سۇلتان مەھمۇد كېيىنچە ھىندىستاندا چوڭ فەتھىلەرنى روياپقا چىقىرىپ ھ. 416، زۇلقەئدە / م. 1026 – يىلى يانۋاردا ھىندۇلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى. سۇمنات بۇتخانىسىنى قوغداپ تۇرۇۋاتقان 50 مىڭ ھىندۇنى قەتل قىلدى. ئىلىكخان تۇغانخانمۇ بۇ سۇلھ ئارقىلىق كۈچىنى غەزنەۋىيلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ خوراتماي ساقلاپ قالغان ۋە ھ. 408 / م. 1017 – يىلى كاپىرلارنىڭ تارىخىي زور قوشۇنى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ ئىسلام دۆلىتىمىزنى كاپىرلارنىڭ ئىستىلاسىدىن قوغداپ قالغان.

«بىر – بىرىمىز بىلەن ھەپىلىشىشنى تاشلاپ كاپىرلار بىلەن غازات قىلىشقا يۈزلىنەيلى» دېگەن بۇ خىتاب ھازىرمۇ پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا يول كۆرسىتىدىغان دانا سۆزدۇر. ئۇلۇغ ئىسلامنىڭ ۋە قېرىنداشلىقنىڭ تەقەززاسىدۇر. شۇڭلاشقىمۇ ئىسلام تارىخچىلىرى تۇغانخاننىڭ بۇ سۆزىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن.

تۇغانخاننىڭ مەيلى سامانىيلار دۆلىتىنى يوقىتىپ قاراخانىيلار دۆلىتىنى كېڭەيتىشتىكى ئوينىغان رولى بولسۇن، مەيلى غەزنەۋىيلەر دۆلىتى بىلەن سۈلھ تۈزۈش تەرەپدارى بولۇپ، قاراخانىيلارنىڭ كۈچىنى قوغداپ قېلىشتىكى مۇھىم ۋە ئاساسلىق رولى بولسۇن، ۋەمەيلى قىتانلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قاراخانىيلارنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشتىكى رولى بولسۇن، ھەممىسى ئۇنى مۇسۇلمان قاراخانىيلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى مۇھىم شەخسكە ئايلاندۇرۇشتا يېتەرلىك.

تۇغانخاننىڭ ئىسلام دۆلىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى قوغداپ قىلىشتىكى پىداكارلىقى ۋە تىرىشچانلىقلىرى ئابباسىيلار خەلىپىسى تەرىپىدىنمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ ئۇنىڭغا كاتتا مەرتىۋە ۋە نام – ئاتاقلارنى ئىنئام قىلغانلىقىمۇ تارىخىي مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ[2].

ۋاپاتى تەھرىرلەش

قىتانلار تۇغانخاننىڭ كېسىلى سەۋەبلىك قاراخانىيلار دۆلىتىنى ئۆزلىرى بىلەن ھەپىلشەلمەيدۇ دەپ قاراپ بېسىۋالماقچى بولغان. تۇغانخان ھەقىقەتەن قاتتىق كېسەل بولۇپ، دۈشمەن بەزى جايلارنى ئىگىلەپ، ئولجا ۋە ئەسىر ئېلىپ ئۇلار بىلەن بالاساغۇن ئوتتۇرىدا 8 كۈنلۈك يول قالغانىدى، ئۇ كاپىرلاردىن ئىنتىقام ئېلىش ۋە ۋەتەننى ئۇلارنىڭ شەررىدىن قوغداش ئۈچۈن ئاللاھتىن شىپالىق تىلىدى ۋە مەقسەت ئادا بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغىنىنى قىلىشىنى سورىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى شۇ ھامان ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭغا شىپالىق ئاتا قىلدى. جەڭ غەلبىلىك ئاخىرلىشىپ ۋەتەن تۇپرىقى قوغدالغاندىن كېيىن ئەھمەدخان ئۇزۇن ئۆتمەي جەننەتۇل باقىيغا رىھلەت قىلدى.

تارىخچىلار تۇغانخاننىڭ دۇئاسىنى ھەزرىتى سەئد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دۇئاسىغا ئوخشىتىدۇ. ئەبۇلفىدا مۇنداق دەيدۇ: «تۇغانخاننىڭ بۇ قىسسىسى سەئد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەندەك غازىتىدىكى قىسسىسىگە نېمىدېگەن ئوخشاش – ھە! ئۇ خەندەك غازىتىدا يارىلانغاندا بەنى قۇرەيزە غازىتىغا قاتنىشالىشى ئۈچۈن ئاللاھتىن ئۇنى ياشىتىشنى تىلىگەن. يارىسى ساقىيىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنى قۇرەيزىلىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ ۋە ئەسىر ئېلىپ ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يارىسى قايتىدىن ئېغىرلىشىپ ۋاپات بولغان»[24].

سەئد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋەقەلىكىنى ئىمام تىرمىزىي مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەھزاب غازىتىدا سەئد ئىبنى مۇئازغا ئوق تېگىپ، بىلىكىدىكى چوڭ تومۇرنى ئۈزىۋەتتى. (قان توختىماي ئاققانلىقى ئۈچۈن) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ يارىسىنى ئوتتا داغلىدى. ئەمما سەئدنىڭ قولى ئىششىپ كەتكەچكە، داغلاشتىن توختىدى. قان يەنە ئېقىشقا باشلىغان ئىدى، ئۇنى يەنە بىر قېتىم داغلىدى، قولى يەنە ئىششىپ كەتتى. سەئد بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ:

− ئى ئاللاھ! بەنى قۇرەيزە ھەققىدە كۆڭلۈم تىنجىماي تۇرۇپ كۆزۈمنى يۇمدۇرمىغىن، − دەپ دۇئا قىلىۋېدى، قان توختاپ قالدى ۋە بەنى قۇرەيزە ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغۇچە بىر تامچىمۇ ئاقمىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھۆكۈم قىلىش ئىختىيارلىقىنى ئۇنىڭغا بەرگەنىدى، ئۇ:

− بەنى قۇرەيزەنىڭ ئەرلىرى ئۆلتۈرۈلسۇن. ئاياللىرى ئەسىر ئېلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىگە سېلىنسۇن، − دەپ ھۆكۈم قىلدى، (بۇ ھۆكۈمنى ئاڭلىغان) رەسۇلۇللاھ:

− ئاللاھنىڭ ئۇلارغا چىقارغان ھۆكمىنى بەردىڭ، − دېدى. ئۇلار جەمئىي 400 كىشى بولۇپ، ھەممىسى قەتىل قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، سەئدنىڭ يارىسى ئېچىلىپ، قانسىراپ ئۆلۈپ كەتتى[25].

ئىبنى خەلدۇنمۇ تۇغانخاننىڭ دۇئاسىنى سەئد ئىبنى ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دۇئاسىغا ئوخشىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «تۇغانخاننىڭ ئىمانىنىڭ ساغلاملىقىغا دالالەت قىلىدىغان غەلىتە بىر ئەھۋال شۇكى، تۈركلەر بالاساغۇنغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا بىتاب ئىدى. دۈشمەننىڭ ھۇجۇم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا ئاللاھ تائالاغا كاپىرلاردىن ئىنتىقام ئېلىپ ۋەتەننى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن شىپالىق ئاتا قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى دەرھال ئىجابەت قىلىدۇ»[26].

ئەبۇ نەسر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلجاببار «تارىخى يەمىينىي»دە، ئەھمەد توغانخان ئۆزى قاتناشقان قىتان ھۇجۇمىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىدىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى رازى بولغان ۋە نۇسرىتى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈشنى ۋەدە قىلغان دىنىغا قىلغان لۇتفى ئىدى. بۇ دەھشەتلىك جەڭدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاللاھ تائالا تۇغانخاننى ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كەتتى. ئۇنىڭ ھاياتىنى شاھادەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، سائادەتكە ئېرىشتۈرۈپ ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك قارارگاھتىن سىددىقلار مەرتىۋىسى ۋە ماكانىغا جايلاشتۇردى. ئۇنىڭ ئورنىغا قېرىندىشى ئارسلانخان ئەبۇ مەنسۇر ئەلئەسام (گاس) تەختكە چىقتى»[21].

مەنبەلەر تەھرىرلەش

مەنبەلەر دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ تەرىپىدىن رەتلىنىپ «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى»دا ئېلان قىلىنغان. ئۇلىنىش تارىخى: 2020 - يىل 18 - ئۆكتەبىر.

  1. «تارىخى ئەبىلفىدا»، 2 – توم، 34 -، 67 – بەتلەر.
  2. 2.0 2.1 ھاجى نۇرھاجى، «قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى م. 2009 – يىلى، 475 – 476 – بەتلەر.
  3. «تركستان من الفتح العربي إلى الغزو المغولي»، فاسىيلىي بارتولد، 414 – بەت.
  4. 4.0 4.1 4.2 «I. تۇغانخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە قاراخانىلار تارىخىدا يۈز بەرگەن بىر نەچچە ۋەقە»، لىيۇگى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى «ئىچكى ژۇرنال»، م. 1986 – يىلى 9 – سان. 2 – بەت. تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلەت نۇردۇن.
  5. «ئەلكامىل فىتتارىخ»، ئىبنۇل ئەسىر 8 – توم، 154 – بەت.
  6. 6.0 6.1 «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلا»، ئىمام زەھەبىي، 17 – توم، 279 – بەت.
  7. «تارىخى ئىبنى خەلدۇن»، ئىبنى خەلدۇن، 4 – توم، 172 – بەت.
  8. تۇرغۇن ئالماس، «ئۇيغۇرلار»، دۇق، 2017 – يىل، 523 – بەت.
  9. تۇرغۇن ئالماس، «ئۇيغۇرلار»، 524 – بەت.
  10. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىم، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، 137 – بەت.
  11. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىم، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، 141 – بەت. تۇرغۇن ئالماس، 1009 – يىل 12 – ئاي دېيىش بىلەب بىرگە، 1012 – يىل 12 – ئاي دېگۈچىلەرمۇ بار دەيدۇ، 524 – بەت.
  12. تۇرغۇن ئالماس، «ئۇيغۇرلار»، 524 – بەت. بارتولد «يەتتەسۇ تارىخىنىڭ ئوچرىكى»، ئۇيغۇرچە، 25 – بەت.
  13. «يەمىنۇددەۋلە»: ئەرەبچە دۆلەتنىڭ ئوڭ قول – قانىتى دېگەن مەنىدە. بۇنداق نام ئېلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇ ئىسلام دىيارلىرىنىڭ شەرقتىكى قىسمىغا ھۆكۈمدارلىق قىلغان. قاراڭ: دوكتور ھەسەن باشا. «تارىختىكى، ھۆججەت – ۋەسىقىلەرلەر ۋە ئاسارئەتىقىلەردىكى ئىسلامىي نام – ئاتاقلار»، 115- بەت.
  14. «ئەلكامىل فىتتارىخ»، ئىبنۇل ئەسىر 4 – توم، 148 – بەت. «تارىخى ئىبنى خەلدۇن»، ئىبنى خەلدۇن، 4 – توم، 487 – بەت.
  15. 15.0 15.1 «ئەلكامىل فىتتارىخ»، ئىبنۇل ئەسىر 4 – توم، 154 – بەت.
  16. «تارىخى ئىبنى خەلدۇن»، ئىبنى خەلدۇن، 3 – توم، 443 – بەت. ۋە 4 – توم، 375 – بەت.
  17. «ئەلكامىل فىتتارىخ»، ئىبنۇل ئەسىر 4 – توم، 172 – بەت.
  18. «ئىسلام تارىخى»، ئىمام زەھەبىي، 28 – توم، 77 – بەت.
  19. «قۇرئان كەرىم»، سۇرە تەۋبە، 32 - ئايەت
  20. «قۇرئان كەرىم»، سۇرە غافىر، 51 - ئايەت
  21. 21.0 21.1 «تارىخى يەمىينىي»، ئەبۇ نەسر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلجاببار، 1 – توم، 385 – 387 – بەتلەر.
  22. «I تۇغانخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە قاراخانىلار تارىخىدا يۈز بەرگەن بىر نەچچە ۋەقە»، لىيۇگى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى «ئىچكى ژۇرنال»، م. 1986 – يىل 9 – سان 6 – بەت. تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلەت نۇردۇن.
  23. «القراخانيون – دراسة في أصولهم التاريخية وعلاقتهم السياسية ودورهم في الحياة العلمية»، د. سعاد هادي حسن إرحيم الطائي، م. 2016 – يىلى، 80 – بەت.
  24. «تارىخى ئەبىلفىدا»، 2 – توم، 67 – بەت.
  25. «سۇنەنى تىرمىزىي»، 1582 – ھەدىس. ئالبانىي: سەھىھ، ـ دېگەن.
  26. «تارىخى ئىبنى خەلدۇن»، ئىبنى خەلدۇن، 3- توم، 486 – بەت.