سايباغ يېزىسى (قاراقاش ناھىيىسى)

سايباغ يېزىسى قاراقاش ناھىيىسى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 21 كىلومېتىر، شەرقىي شىمال قىسمى بىلەن ئاقساراي يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي قىسمىزاۋا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، چۆل كىندىكىدە گۇما ناھىيىسى نىڭ غەربىدىكىدۇۋا بازىرى بىلەن قوشنا، شەرقىي تەرىپى قاراقاش دەرياسى،خوتەن ناھىيىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ؛ جەنۇبتا كوئېنلۇن تېغى بىلەن خوتەن ناھىيىسى چېگرىلىنىدۇ.

سايباغ يېزىسى

萨依巴格乡.Saybagh Town

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە قاراقاش ناھىيىسى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 27 دانە
نوپۇس 30 مىڭ
تور بېكەت قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

سايباغ كەنتىسىدە 27 دانە كەنتە بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  • قوتاز سايباغ كەنتى، دۈۋە سايباغ كەنتى، ھارپا سايباغ كەنتى، قىرىق سايباغ كەنتى؛
  • تاش ئەگىل كەنتى، تام ئەگىل كەنتى؛
  • ئۇلۇغ ئاتا كەنتى، باغدات كەنتى؛
  • يېڭى ئاۋات كەنتى، بوستان توغراق كەنتى، ئۇچات كەنتى؛
  • لەنگەن كەنتى، كۆك تېرەك كەنتى، قۇملۇق كەنتى؛
  • توغراسۇ كەنتى، سۈگەت بوستان كەنتى، دۇتتار كەنتى؛
  • توكايا كەنتى، تاملىق كەنتى، ، قوشلۇق كەنتى، قىشلاق كەنتى، تۇزاقچى كەنتى قاتارلىقلار.

ئىقتىساد تەھرىرلەش

2006-يىلى، يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 6319.51 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ 5391.29 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %85.31 نى ئىگەللىگەن، 2-كەسىپنىڭ 388.17 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %6.14 نى ئىگەللىگەن، 3-كەسىپنىڭ 540.04 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %8.55 نى ئىگەللىگەن. 2006-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 1365.00 يۈەنگە يەتكەن.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

يېزا بويىچە ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 380000 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 433.47 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 16472 توننا. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغدايتېرىلغۇ كۆلىمى 19200 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 393.133 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 7548 توننا، كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 181400 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 476.02 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 8635 توننا، شال تېرىلغۇ كۆلىمى 660 مىڭ مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 437.888 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 289 توننا، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 6000 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 130 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 788 توننا (ساپ پاختا)غا يەتكەن. يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا-مال 80680 تۇياققا يەتكەن.