باي ناھىيەسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Bay Nahiyisi) تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. شەرق تەرىپى كۇچار ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئونسۇ ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى موڭغۇلكۈرە، تېكەسۋە خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 197.5 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 116 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ كىلومېتىر.

باي ناھىيىسى

拜城县.Bay County

باي ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ۋىلايەت ئاقسۇ ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 4 دانە
يېزا سانى 10 دانە
نوپۇس (2015-يىل) 241,079 [1]
يەر مەيدانى 15،917 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 997(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新N

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسى قارمىقىدا 4 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 باي بازىرى Bay Baziri Bay Town 拜城镇 14 32
2 سايرام بازىرى Sayram Baziri Sayram Town 赛里木镇 14 15 971.75
3 ياقىئېرىق بازىرى Yaqiériq Baziri Yaqieriq Town 赛尔其镇 11 18.5 ?
4 تېرەك بازىرى Térek Baziri Terek Town 铁热克镇 2 7.4 114.2

ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسى قارمىقىدا 10 دانە يېزا بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 كانچى يېزىسى Kanchi Yézisi Kanchi Township 康其乡 13 17.3 635.15
2 بۇلۇڭ يېزىسى Bulung Yézisi Bulung Township 布隆乡 7 9.5 464.9
3 ياتۇر يېزىسى Yatur Yézisi Yatur Township 亚吐尔乡 12 16.2 1,033.15
4 توقسۇن يېزىسى Toqsun Yézisi Toqsun Township 托克逊乡 13 15 765.4
5 قىزىل يېزىسى Qizil Yézisi Qizil Township 克孜尔乡 11 8.4 923.15
6 قېيىر يېزىسى Qéyir Yézisi Qeyir Township 黑英山乡 13 12.7 5,544
7 مىچىغ يېزىسى Michigh Yézisi Michigh Township 米吉克乡 13 10 971.5
8 ئومباش يېزىسى Ombash Yézisi Ombash Township 温巴什乡 14 15.6 688.6
9 چوڭ كۆۋرۈك يېزىسى Chong Köwrük Yézisi Chong Kowruk Township 大桥乡 8 8.4 378.6
10 قاراباغ يېزىسى Qarabagh Yézisi Qarabagh Township 老虎台乡 6 13.4 729

ئىزاھات:

جۇغراپىيە تەھرىرلەش

باي ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى كۇچار ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئونسۇ ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى موڭغۇلكۈرە، تېكەس، خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 197.5 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 116 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، 11 يېزا، 151 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بولغان ئارىلىقى 858 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 182 مىڭ 500. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 89.26% نى، خەنزۇلار 9.86% نى، باشقا مىللەتلەر 0.88% نى تەشكىل قىلىدۇ. 

يەر تۈزۈلۈشى تەھرىرلەش

غەربىي شىمالى ئېگىز، شەرقىي جەنۇبى پەس. تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان ئۇزۇنچاق ئويمانلىق شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۈزلەڭلىك 10.8% نى، تاغ يېرى 70% نى، چۆل 19.2% نى ئىگىلەيدۇ. مۇزات دەرياسى، قاپىسلاڭ دەرياسى، تەلۋىچۈك دەرياسى، قاراسۇ دەرياسى ۋە قىزىل دەريا قاتارلىق دەرياسى بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى ئىككى مىليارد 163 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد 310 مىليون كۇب مېتىر (ئېچىشقا بولىدىغان زاپاس مىقدارى 850 مىليون كۇب مېتىر). ياۋايى ھايۋانات بايلىقدىن يىلپىز، شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. دورىلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قارلەيلىسى، كىرەش، قانتېپەر، پاقا يوپۇرماق ئۇرۇقى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. ھازىرقى بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، تۆمۈر، مانگان، ئۇران، مىس، فتورىت، بارىت، ئانالىرت قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى تەھرىرلەش

باي ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق كىلىماتقا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 37.4℃. ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 32.0℃. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 42.2 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2789.7 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3327.3℃ قىروسىز مەزگىلى 162 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 94.9 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1538.5 مىللىمېتىر.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر راۋاجلانغان. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 49 مىڭ 200 گېكتار (738 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 78 مىڭ 700 گېكتار (1 مىليون 180 مىڭ مو). ئوتلاق كۆلىمى 723 مىڭ 300 گېكتار (10 مىليون 850 مىڭ مو) يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 16 مىڭ 900 گېكتار (253 مىڭ 500 مو) قاقاس يەر بار. ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، ياغلىق دان، قىزىلچا، قولماق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا شىنجاڭ مېرىنو ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى، سىمىنتال كالىسى ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. باي ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 307 - لىنيىسى ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ ھەمدە دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى كېسىشىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. خەۋەرلىشىش ئوپتىكلىق كابىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 8000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقىلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

ساياھەتچىلىكى تەھرىرلەش

مائارىپى تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-21.

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى