گۇچۇڭ ناھىيىسى

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Guchung nahiyisi)

گۇچۇڭ ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. گۇچۇڭنىڭ يەر مايدانى 16،641 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 230،000.

گۇچۇڭ ناھىيىسى

تارىخ تەھرىرلەش

گۇچۇڭ ناھىيىسى شىمالىي شىنجاڭدىكى مەشھۇر تارىخىي شەھەر. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئارقا، قاڭقىل ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بارىۆل ناھىيىسى قۇرۇلغان بولۇپ بېشبالىققا قارايتتى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىدانلارنىڭ ئىلكىدە بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ئەمىرلەشكەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيراتلارغا قارىغان. كېيىن جۇڭغالارنىڭ مال باقىدىغان يېرى بولغان، چيەنلۇڭنىڭ 24 - يىلى (1759) گۇچۇڭ قەلئەسى سېلىنغان، چيەنلوڭنىڭ 38 - يىلى (1773 - يىلى) گۇۋۇڭ ناھىيىسى قۇرۇلغان. چيەنلوڭنىڭ 41 - يىلى (1776) گۇچۇڭ قەلئەسى كېڭەيتىلىپ، <جىڭنىڭچىڭ> دەپ ئاتىلىپ، غەربىي قورغان مەھكىمىسىگە قارىغان. شيەنفىڭنىڭ 3 - يىلى (1853 - يىلى) ئۈرۈمچى ئايمىقىغا قارىغان. گۇاڭشۈنىڭ 15 - يىلى (1889) ناھىيە جىڭيىڭچىڭدىن گۇچۇڭغا كۆچۈرۈلگەن. مىنگو يىللىرى ئۈرۈمچى ئايمىقىغا قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان، 1958 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

جۇغراپىيە تەھرىرلەش

گۇچۇڭ ناھىيىسى تەڭرىتاغ تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي بۆلەك، شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبى چېتىگە جايلاشقان. شەرقتە مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، غەربتە جىمسار ناھىيىسى، جەنۇبتا تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيىسى بىلەن، غەربىي شىمالدا كۆكتوقاي، چىڭگىل ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ. شەرقىي شىمالدا موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىدۇ، (چېگرا لىنىيىسى 119 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 45 ~ 150 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 250 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 18 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. تەۋەسىدە 3 بازار، 12 يېزا، 92 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يەنە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 6 - شىسىنىڭ 3 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 207 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 229 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار% 4.93 نى، خەنزۇلار% 77.73 نى، ئۇيغۇرلار% 6.84 نى، باشقا مىللەتلەر% 10.50 نى ئىگىلەيدۇ. يەر شەكلى جەنۇب بىلەن شىمالىي ئېگىز، ئوتتۇرىسى پەس بولۇپ، خۇددى ئېگەرگە ئوخشايدۇ، يەر شەكلى خىلمۇخىل، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق% 30، تۈزلەڭلىك% 50، قۇملۇق% 20 نى ئىگىلەيدۇ. 42 چوڭ - كىچىك مۇزلۇق بار. ئومۇمىي كۆلىمى 26.1 كۋادرات كىلومېتىر، 14 تەبىئىي مۇز كۆل بار، ئومۇمىي كۆلىمى 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. دەريالاردىن كەيكىن دەرياسى، جوڭجېگىن دەرياسى، كۇەنگۈ دەرياسى، بىلىيۇ دەرياسى، جىبۇكۇ دەرياسى، داۋان دەرياسى، بايياڭخې دەرياسى بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 686 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 327 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، موڭغۇل ياۋا ئېشىكى، سايگاڭ بۆكىنى، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، يايلاق بۈركۈتى، قىزىل تۈلكە، ئوتلاق تۈلكىسى قاتارلىقلار بار؛ ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قاراغاي، شەمشاد، قېيىن، ئالقات، سوغىگۈل، چۈچۈكبۇيا، توشقان زەدىگى، قىزىل چوغلۇق قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۇز، ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، خروم، ھاك تېشى قاتارلىقلار بار. گۇچۇڭ ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 4.7، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃ 41.0، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -℃42.6، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 57.2 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃ 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 3075.7 سائەت،℃ 10 يىغىندا تېمپېراتۇرا℃ 3106.7، قىروسىز مەزگىلى 156 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 175.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2141.3 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى 68 مىڭ 500 گېكتار (1 مىليون 275 مىڭ مو)، ئورمان يېرى 37 مىڭ 900 گېكتار (568 مىڭ مو)، يايلاق بىر مىليون 112 مىڭ 100 گېكتار (16 مىليون 831 مىڭ 500 مو)، ئاچقىلى بولىدىغان ببوي يەر 146 مىڭ 200 گېكتار (ئىككى مىليون 193 مىڭ مو). دېھقانچىلىق مەسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا، پۇرچاق، مايلىقدان، قىزىلچا، ياڭيۇ، خۇشپۇراق ماتېرىياللار، تاماكا قاتارلىقلار بار. چارۋىلاردىن قوي، كالا، ئات، چوشقا قاتارلىقلار بار. سانائەت تۈرلىدىن شېكەرچىلىك، قەغەزاچىلىك، كۆمۈر، سېمونت، ھاراق، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. گۇچۇڭ ناھىيىسنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا، 228، 303 ئۆلكە يولى چېگرىسىنى كېسىپ ئۆتۈىدۇ. ناھىيە بازىرىنى مەركەز قىلغان ناھىيە، يېزا تاشيولى 15 يېزا - بازار ۋە بەش دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانىغا تۇتىشىدۇ. ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش، پروگراممىلىق تېلېفون، سىمسىز چاقىرىش كەينى - كەينىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. بۇ ناھىيىدىك پەسىللىك چېگرا ئېغىزى - ئۇلاستاي ئېغىز شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا قىلىدىغان مۇھىم يولىنىڭ بىرى.


مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

ئىقتىساد تەھرىرلەش

ئاساسىي قۇرۇلۇش تەھرىرلەش

نۇپوس ئىستاتىستىكا تەھرىرلەش

تەربىيە تەھرىرلەش

ساياھەتچىلىك تەھرىرلەش

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت شۇلى (ئىشپارى) شەھىرى، تاڭ دەۋرىگە ئائىت بارىكۆل شەھىرى، چيەنلوڭ دۇڭدى ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار. مەشھۇر مەنزىرىلىك جايلىرىدىن نەنشەن ياڭگۇي ساھىلى، خىيلاۋبا، نوم شەيتان شەھىرى، دىنازاۋۇر جىلغىسى، قارا مەھەللە تېغى، توياقلىق ياۋا ھايۋانات مۇھاپىزەت رايونى ۋە تاش ئورمىنى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ تەھرىرلەش

تەنھەرىكەت يىغىنى تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى