Open main menu

Wikipedia β

تارىم دەرياسى

Tarimrivermap.png

تارىم دەرياسى (لاتىن: Tarim Deryasi، كرىل: Тарим дәряси، ئىنگ: Tarim River)، بولسا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن دەرياسى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. شىمالدىكى تەڭرىتاغ ۋە جەنۇبتىكى قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىغا جايلاشقان بولۇپ، تارىختا لوپنۇر كۆلىگە قويۇلاتتى، ئەمما بۇگۈن لوپنۇرغا يەتمەيلا قۇرۇپ كەتمەكتە. بۇ دەريا سانسىكرىتچە سىتا (Śītā) دەپ قەيت قىلىنغان[1]. جۇغراپىيىلىك كوردىناتى شىمالى كەڭلىك 41.05°، شەرقى ئۇزۇنلۇق 86°40 قا جايلاشقان. تارىم دەياسى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن 99. دەريادۇر.

مەزمۇنى

ھەققىدەتەھرىر

تارىم دەرياسى ھاۋزىسى ۋەتىنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرى سۇ سىستېمىسىدۇر . ئۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىن مەركىزىگە قاراپ يىغىلىپ ئاقىدىغانقارا شەھەر دەرياسىكۆنچى دەرياسى، دىنار دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى ، ئاقسۇ دەرياسى ، قەشقەر دەرياسى ، يەكەن دەرياسى ، خوتەن دەرياسى، كېرىيە دەرياسى ،چەرچەن دەرياسى قاتارلىق توققۇز سۇ سىستېمىسىدىكى جەمىئي 144 دەريانى ھەمدە تارىم دەرياسى غول ئېقىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىم دەرياسى ھاۋزىسىنىڭ ئومومىي يەر كۆلىمى 1 مىليون 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر (چېگرا سىرتىدىكى ھاۋزىسىنڭ كۆلىمى 23 مىڭ 600 كۋدرات كىلومېتىر)، ئۇنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان نوپۇس 8 مىليون 257 مىڭ ئەتراپىدا. يەكەن دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى (يەنى تارىم دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى) بولغان لاسكوي دەرياسىدىن تېتما كۆلىگىچە تارىم دەرياسىنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلۇقى 2437 كىلومېتىر(بۇنىڭ ئىچىدە غول ئېقىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1321 كىلومېتىر) كېلىدۇ.

كىلىمات ۋە شارائىتتەھرىر

تارىم دەرياسى تەكلىماكان ئويمانلىقىغا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تەڭرىتاغ ۋە كوئىنلۇن تېغىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان. ئەتراپىدىكى تاغ رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئومۇمىي كۆلىمى 105 تۈمەن كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %63 نى ئويمانلىق كۆلىمىنىڭ 53 تۈمەن كۋادرات كىلومېتىر ئىگەللەيدۇ.

دەريانىڭ باشلىنىش مەنبەسى رايونىدا ھۆل–يېغىن بىر قەدەر مول بولۇپ ، ئادەتتىكى يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 300~900 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، ھەۋز ئىچىنىڭ يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 117 مىليارد 300 مىليون كۇپ مېتىر (ھەۋزىسىنىڭ ئوتتۇرچە يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 115 مىللىمېتىر، لېكىن قۇملۇق رايونلىرىنىڭ يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى ئاران 25~50 مىللىمېتىر). ئېگىز تاغلاردىكى مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمى 23 مىڭ 320 كۋادرات كىلومېتىر (چەت ئەلدىكى قىسمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )، مۇزلۇق زاپىسى 2 تىرليون 404 مىليارد كۇپ مېتىر مۇزلۇقلارنىڭ يىللىق ئېرىگەن سۇ مىقدارى 17 مىليارد 200 مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىپ ، تارىم دەرياسى ھەۋزىسى يەر ئۈستى سۈيى ئومومىي مىقدارى 39 مىليون كۇپ مېتىر (چەت ئەلدىن ئېقىپ كىرگەن سۇ مىقدارى 6 مىليارد 70 مىليون كۇپ مېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) نىڭ ٪44 ئىنى ئىگىلەيدۇ.ھەۋزىسىنىڭ ھەر قايسى دەريالاردىكى لەيلىمە ماددىلار ئېتتىرىلىپ يۆتكىلىدىغان ماددىلار ، ئېرىگەن ماددىلار ھەمدە بۇ ئۈچۈنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن قاتتىق جىسىملارنىڭ ئومومىي ئېقىن مىقدارى ئايرىم–ئايرىم ھالدا 156 مىليون 600 مىڭ توننا / يىل،31 مىليون 320 مىڭ توننا / يىل ،16 مىليون 570 مىڭ توننا / يىل ، 204 مىليون 500 مىڭ توننا / يىلغا يېتىدۇ. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ تەبىي تۇلۇقلاش مىقدارى 4 مىليارد 455 مىليون كۇپ مېتىر كېلىدۇ . ئېقىننىڭ يىللىق ئۆزگىرىشى بىرقەدەر مۇقىم، لېكىن يىل ئىچىدىكى كەلكۈن كېلىش بىلەن سۇ تارتىلىشنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ بولىدۇ .ھەۋز ئىچىدە ئىنسانلار پائالىيىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدا يەر ئۈستى سۈيى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سۇ سېستېمىلىرى ئازىيىپ تۆتكە چۈشۈپ قالدى ،يەنە ئاقسۇ دەرياسى ، خوتەن دەرياسى ،كۆنچى دەرياسى ، يەكەن دەرياسىلا قالدى .

بۇگۈنىتەھرىر

تارىم دەرياسىنىڭ 1978 يىلدىن 1987 يىلغىچە بولغان ئون يىللىق ئوتتۇرىچە يىللىق ئېقىن مىقدارى جەمىي 4 مىليارد 956 مىليون كۇپ مېتىر بولغان . تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدىكى ئالار گىدرولوگىيە پونكىتىنىڭ ئۆلچەپ چىقىشىچە ، 20– ئەسىرنىڭ 30– يىللىرىدىن 80–يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەر ئۈستى سۈيى ئېقىن مىقدارى 6 مىليارد كۇپ مېتىردىن ئازىيىپ 4 مىليارد 480 مىليون كۇپ مېتىرغا چۈشۈپ قالغان ، لېكىن ئوخشاش مەزگىلدە تۆۋەنكى ئېقىندىكى قارا گىدرولوگىيە پونكىتىدا يىللىق ئېقىن مىقدارى 4 مىليارد 480 مىليوندىن ئازىيپ 392 مىليون كۇپ مېتىرغا چۈشۈپ قالغان ، نەتىجىدە تۆۋەنكى ئېقىننىڭ ئېكولوگىيىسى ناچارلىشىپ ، دەريا ئېقىنى 280 كىلومېتىر قىسقىرىپ كەتكەن ؛لوپنۇر كۆلى 1972– يىلى ، تېتما كۆلى 1980–يىلى قۇرۇپ كەتكەن . 70– يىللارنىڭ ئاخىرى ھەۋزىسىدىكى كۆللەرنىڭ كۆلىمى 2957 كۋادرات كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالدى. چوڭ–كىچىك سۇ ئامبىرىدىن 28ئى بولۇپ، سۇ سىغىمچانلىقى 4 مىليارد 660 مىليون كۇپ مېتىر قىلىپ لاھىيلەنگەن بوستانلىقلاردا سۇغۇرۇش كۆلىمى 1 مىليون 660 مىڭ گېكتارغا يېتىدۇ.

قارالسۇنتەھرىر

سىرتقى ئۇلاشتەھرىر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

 
ۋىلايەت\ئوبلاست\شەھەر ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
بىۋاستە قاراشلىق شەھەر: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئىلى ۋىلايىتى: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى

  1. Ram Rahul (2000) March of Central Asia, Indus Publishing